ئۇرۇقنىڭ ئۈنۈشى
بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
ئۇرۇقنىڭ تۆرەلمىسى ھايات بولسىلا، مۇۋاپىق سۇ، ھاۋا ۋە تېمپېراتۇرا قاتارلىق سىرتقى مۇھىت شارائىتىدا تېزلا ئۈنۈپ مايسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇقلار قوش (ئىككى) پەللىلىك ئۇرۇق ۋە تاق (بىر) پەللىلىك ئۇرۇق دەپ ئايرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۈنۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سېرىق پۇرچاق ۋە ماش ئۇرۇقلىرىدىن سېرىق ياكى يېشىل مايسىلارنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى، قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۈنۈش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇرۇقلار ئۈنۈش ۋاقتىدا، ئاۋۋال سۇ سۈمۈرۈپ ھەجمى يوغىناپ ئۇرۇق پوستى يېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇرۇق تۆرەلمىسىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جانلىنىپ، پەللە يوپۇرماقتا ساقلانغان ئوزۇقلۇق ماددىلار تۆرەلمە يىلتىز، تۆرەلمە ئوق ۋە تۆرەلمە بىخقا يەتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن بۇ ئۈچ قىسىمدىكى ھۈجەيرىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۆلۈنۈشكە ۋە ئۆسۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە، ئۇرۇقنىڭ تۆرەلمە يىلتىزى ئاۋۋال ئۇزىراپ ئۇرۇق پوستىنى يېرىپ چىقىپ يىلتىزغا ئايلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ يىلتىزمۇ بىرمۇنچە ئۇششاق يىلتىزلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىلتىز تۆۋەنگە قاراپ ئۇزىراپ ئۆسۈۋاتقاندا، پەللە يوپۇرماق ئاستىدىكى تۆرەلمە ئوقىمۇ ئۇزىراپ ئۆسۈپ، يەر يۈزىگە ئەگرى - بۈگرى ھالدا تومپىيىپ چىقىدۇ. تۆرەلمە ئوق تۈزلەنگەندە، چوققىسىدىكى ئىككى تال پەللە يوپۇرماقنى تۇپراق يۈزىگە ئېلىپ چىقىدۇ، مانا بۇ مايسىنىڭ تۇپراقنى يېرىپ چىقىشىدۇر. يۇمران مايسا تۇپراقنى يېڭى يېرىپ چىققاندا ئىككى تال پەللە يوپۇرماق جۈپلەشكەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئايرىلىدۇ. بۇ چاغدا سارغۇچ رەڭلىك تۆرەلمە بىخى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ ھەمدە تەدرىجىي يېتىلىپ ئۆسۈملۈك غولىغا ئايلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك غولى بولسا نۇرغۇن يوپۇرماقلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ يوپۇرماقلار قۇياش نۇرىدا تەدرىجىي يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەللە يوپۇرماقتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار تەدرىجىي خوراپ تۈگەيدۇ، پەللە يوپۇرماقلار قۇرۇپ تۆكۈلۈپ بولغىچە، مايسىنىڭ ئۆزىمۇ ئوزۇقلۇقلارنى ياسىيالايدىغان دەرىجىگە بارىدۇ.
بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاق قوناق قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى بىر پەللىلىك ئۇرۇقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈنۈش جەريانىغا كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. يەنى كۆممىقوناق ئۈنگەن ۋاقتىدا پەللە يوپۇرمىقى تۇپراق يۈزىگە ئۇزىراپ چىقماستىن ئۇرۇقنىڭ ئىچىدە قېلىپ، تۆرەلمە سۈتىدە ساقلانغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ تۆرەلمە يىلتىز، تۆرەلمە ئوق ۋە تۆرەلمە بىخلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇرۇق ئىچىدىن يەنىلا تۆرەلمە يىلتىزى ئاۋۋال ئۇزىراپ چىقىپ يىلتىزغا ئايلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يىلتىزنىڭ تۈۋىدىن يەنە3 −4 تال يىلتىز ئۆسۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، تۆرەلمە ئوقىنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى تۆرەلمە بىخىمۇ ئۇزىراپ ئۇرۇق پوستىنى يېرىپ چىقىدۇ. كۆممىقوناق تۆرەلمە بىخىنىڭ شەكلى خۇددى بىگىزگە ئوخشاش بولۇپ، سىرتىنى بىر خىل غىلاپسىمان قاپچۇق قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ قاپچۇق بىخ غىلىپى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆرەلمە بىخى بىخ غىلىپىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا تەدرىجىي ئۇزىراپ يەر يۈزىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى مايسىنىڭ تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. بىخ غىلىپى سۈزۈك بولغاچقا، مايسا تۇپراقتىن چىقىشى بىلەنلا، بىخ غىلىپى ئىچىدىكى تۆرەلمە بىخى كۈن نۇرىنى كۆرۈپ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈشتىن توختىغان بىخ غىلىپى ئىچىدىن ئاۋۋال بىرىنچى يوپۇرماق ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئارقىدىنلا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يوپۇرماقلارمۇ ئۆسۈپ چىقىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئەگەر تۇپراقتىكى كۆممىقوناق مايسىسىنى كولاپ ئېلىۋېلىپ قارايدىغان بولساق تېرىلغان كۆممىقوناق ئۇرۇقىنىڭ پۇچەكلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ تۆرەلمە سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خوراپ تۈگىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، بۇ چاغدىكى مايسا ئاللىبۇرۇن يېشىل يوپۇرماقلارنى چىقىرىپ بولغان بولغاچقا، مۇستەقىل ياشىيالايدۇ.