مۇندەرىجە
بىلىم خەزىنىسى
گېرمانىيىدىكى بېرلىن كۇتۇپخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا: «بۇ يەر ئىنسانلارنىڭ بىلىم خەزىنىسى، سىز ئۇنىڭ ئاچقۇچىنى قولىڭىزغا ئالالىسىڭىز، بۇ يەردىكى بىلىمنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بولىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆز ئويۇلغان. كۇتۇپخانىنىڭ مۇندەرىجىسى بىلىم خەزىنىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچتۇر.
كۇتۇپخانىنىڭ مۇندەرىجىسى نۇرغۇن كارتىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى5 .12 سانتىمېتىر، كەڭلىكى5 .7 سانتىمېتىر. ھەربىر كارتىغا خاتىرىلەنگەن مەزمۇننىڭ شەكلىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ. يۇقىرىدىكى مۇندەرىجە كارتىسىنى مىسالغا ئالساق، كارتىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى 223.2J كىتابنىڭ تۈر نومۇرىنى بىلدۈرىدۇ، قالغانلىرى تەرتىپ بويىچە كىتابنىڭ نامى، مۇھەررىر (ئاپتور)، نەشر قىلغان جاي، نەشرىيات، نەشر قىلىنغان ۋاقىت، كىتابنىڭ فورماتى، باھاسى، قىسقىچە مەزمۇنىنى بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇن كارتىلار مۇئەييەن قائىدە بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلۇش ئارقىلىق كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنىڭ تۈرلۈك مۇندەرىجىسى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان مۇندەرىجە مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ:
كىتاب نامى مۇندەرىجىسى: كىتاب نامىنىڭ خەنزۇچە پىنيىنى ياكى خەنزۇچە خەت سىزىقىنىڭ تەرتىپى بويىچە تىزىلىدۇ، ئۆزىڭىز ئارىيەتكە ئالماقچى بولغان كىتابنىڭ نامىنى بىلسىڭىز، ئۇنى مۇشۇ خىل مۇندەرىجىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
ئاپتور مۇندەرىجىسى: بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسىنىڭ خەنزۇچە پىنيىنى ياكى خەنزۇچە خەت سىزىقىنىڭ تەرتىپى بويىچە تىزىلىدۇ. بۇ خىل مۇندەرىجىدە بىر يازغۇچىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى بىر يەرگە يىغقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرەر يازغۇچىنىڭ رومان، ھېكايىسى ياكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، مۇشۇ خىل مۇندەرىجىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
تۈرلەر مۇندەرىجىسى: بۇ خىل مۇندەرىجە كىتابلارنىڭ تۈر نومۇرى تەرتىپى بويىچە تىزىلىپ، مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىتابلار بىر يەرگە يىغىلىدۇ، ئۇ سىزنىڭ بىر تۈر ئىچىدىن مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بالىلار ھېكايىلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا قوللانمىسى، ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.