UyghurWiki
UyghurWikiبىلىم خەزىنىسىكۇتۇپخانا

كۇتۇپخانا

بىلىم خەزىنىسى دېڭىزغا سان - ساناقسىز دەريا - ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى يىغىلغانغا ئوخشاش، كۇتۇپخانىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تۈمەنمىڭ خىل كىتاب - ماتېرىياللىرى ساقلىنىدۇ. كۇتۇپخانا بىر دۆلەت، بىر شەھەر، بىر جاينىڭ مەنىۋى بايلىق خەزىنىسىدۇر، ھەرقانداق ئادەم ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىش ياكى تەتقىق قىلىشتا بولسۇن، كۇتۇپخانىدىن ئايرىلالمايدۇ. «كاپىتال» ماركسنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ كىتابتا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سىرى ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىپتىدائىي ماتېرىياللار ۋە ستاتىستىكىلىق سان - سىپىرلار بولمىسا بولمايتتى، شۇڭا ماركس ھەر كۈنى بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا دەل ۋاقتىدا بېرىپ ھەر خىل كىتاب - ماتېرىياللارنى كۆرگەن. ئۇ بۇ ئادىتىنى توپتوغرا25 يىل داۋاملاشتۇرۇپ،1500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى ئوقۇغان، يازغان خاتىرە ۋە ئۈزۈندىلىرى100 دىن ئارتۇق خاتىرە - دەپتەر بولغان. ماتېرىياللىرى مول بولغان بۇ كۇتۇپخانا ماركسنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئېھتىياجلىق كىتاب - ماتېرىياللار بىلەن تولۇق تەمىنلىگەن، شۇنداقلا ماركسىزم نەزەرىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا، بەزىلەر مەنىلىك قىلىپ، ئەگەر بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيى كۇتۇپخانىسى بولمىغان بولسا، ماركس «كاپىتال» نى يېزىپ چىقالمىغان بولاتتى، دېگەن. داڭلىق ماتېماتىك چېن جىڭرۇن «ماتېماتىكىنىڭ تاجىدىكى مەرۋايىت» نى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى دېگۈدەك كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب - ماتېرىيال كۆرگەن، بەزىدە ھەتتا ئىشتىن چۈشۈشنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان، ئۇ شۇ تەرىقىدە تىرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىگەن. كۇتۇپخانا بىلىم ئالغۇچىلارنىڭ سادىق ھەمراھى، شۇنداقلا ھېرىش - چارچاشتىن ۋە جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلىگۈچى ۋە ئىزدەنگۈچىنىڭ قابىل ياردەمچىسى. ئۇ ئەقىل - پاراسەتنىڭ دېڭىزى، پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق.
← بارلىق تېمىلار بىلىم خەزىنىسى