كومپيۇتېر تورى
بىلىم خەزىنىسى
ئامېرىكىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئۆسمە كېسەللىكى سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قالغان بىر بىمار داۋالانغىلى كەپتۇ، ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان كوئولېيچە كەم قانلىق كېسىلىمۇ بار ئىكەن. دوختۇرلار ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسمىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمەكچى بوپتۇ، ئەمما قاننىڭ ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئەگەشمە كېسەللىك كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، دوختۇرخانا خەلقئارا كومپيۇتېر تورىدىن ياردەم سوراپ، تېزلا پالەچ كېسىلى ۋە قانغا دائىر ماتېرىياللارغا ئېرىشىپتۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ، توغرا داۋالاش لايىھىسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىپتۇ.
كومپيۇتېر تورى دېگىنىمىز، زامانىۋى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن جايلارنىڭ ماتېرىيال ئامبىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر پۈتۈن سىستېما ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا بىر كومپيۇتېردا ساقلانغان ماتېرىياللاردىن تور ئارقىلىق باشقا ھەرقانداق جايدىكى كومپيۇتېردا ياكى تېرمىنالدا پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۆيىڭىز ياكى ئىشخانىڭىزغا تېرمىنالدىن بىرنى ئورنىتىۋالسىڭىزلا، ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى بىۋاسىتە تاپالايسىز. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق بىلىمىنى كومپيۇتېردا يىغىپ ساقلىغىلى، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا تېلېۋىزور ئېكرانىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى خالىغان چاغدا ئوقۇغىلى بولىدۇ. ھەربىر ئوقۇرمەن ھەرقانداق كىتاب - ماتېرىيالنى تېپىپ ئوقۇيالايدىغان كۇتۇپخانىغا ئىگە بولالايدۇ.