كىتاب
بىلىم خەزىنىسى
بىلىم ئۆگىنىش سوراشتىن كېلىدۇ. ھەرقانچە بىلىملىك ئادەممۇ بەزى نەرسىلەرنى باشقىلاردىن سورىمايمەن، دېيەلمەيدۇ. قورال كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە قۇلايلىق ئۇسۇلدۇر.
قورال كىتابلار كىتاب ئوقۇۋېتىپ ۋە ئۆگىنىش قىلىۋېتىپ قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە پايدىلىنىدىغان مەخسۇس كىتابتۇر. ئۇنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن لۇغەت، قامۇس، يىلنامە، قوللانما، كاتالوگ، مۇندەرىجە، كالېندار، يىللار جەدۋىلى، خەرىتە، يەر ناملىرى قاتارلىقلار بار.
بىز بىلمەيدىغان سۆزلەر ئۇچرىغاندا لۇغەت ئاختۇرىمىز. ئېلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى لۇغەت شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شۈي شېن دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «سۆز - خەتلەر ئىزاھاتى» دۇر. ئاپتور بۇنىڭدا خەنزۇچە خەتنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆزى توپلىغان9353 خەتنى يان بۆلەك بويىچە540 قا بۆلگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ يۈيشۇ قاتارلىقلار تۈزگەن «كاڭشى لۇغىتى» قەدىمكى جۇڭگو بويىچە خەت سانى ئەڭ كۆپ لۇغەت بولۇپ، ئۇنىڭغا47 مىڭ35 خەت كىرگۈزۈلگەن. ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان لۇغەتلەردىن «شىنخۇا لۇغىتى» (خەت سانى11 مىڭ100 )، «ئوكيانۇس» (خەت سانى14 مىڭ872، سۆزلۈك91 مىڭ706)، «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» (خەت ۋە سۆزلۈك56 مىڭدىن ئارتۇق) بار.
ھازىرقى لۇغەتلەر ئىچىدە خەت سانى ئەڭ كۆپ لۇغەت «خەنزۇ تىلى چوڭ لۇغىتى» بولۇپ، ئۇنىڭغا54 مىڭ678 خەت كىرگۈزۈلگەن؛ سۆزلۈك ئەڭ كۆپ لۇغەت «خەنزۇ تىلى سۆزلۈكلىرى چوڭ لۇغىتى» بولۇپ، ئۇنىڭغا370 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن.
دۆلەت ئىچى - سىرتىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولغاندا ياكى ئالاقىدار ستاتىستىكىلىق سان - سىپىرلارنى ئىزدىمەكچى بولغاندا، ھەر خىل يىلنامىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، «جۇڭگو ئومۇمىي يىلنامىسى» بىلەن «دۇنيا بىلىملىرى يىلنامىسى» دە ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىلەنگەن؛ «جۇڭگونىڭ ستاتىستىكىلىق يىلنامىسى» دە ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنغان؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرلۈك كەسپىي يىلنامىلەرمۇ بار.
تۇرمۇشتىكى كۈندىلىك ساۋاتلاردىن ۋە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ مەنبەسىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، تۈر كىتابلىرىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. تۈر كىتابلىرى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى قامۇس شەكىللىك ماتېرىياللار توپلىمى ھېسابلىنىدۇ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «يۇڭلې قامۇسى» مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان تۈر كىتاب ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر تۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ «قامۇس» تۇر. ئۇ جەمئىي11 مىڭ95 توم،22 مىڭ887 جىلد بولۇپ، خەت سانى تەخمىنەن370 مىليونغا يېتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمى كېرەكتىن چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە پەقەت 4% ىلا ساقلىنىپ قالغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تۈر كىتاب چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «قەدىمكى ۋە ھازىرقى كىتابلار مەجمۇئەسى» بولۇپ،10 مىڭ جىلدلىق بۇ مەجمۇئە ئەينى چاغدىكى بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان.1992 - يىلىدىن ئېتىبارەن تۈزۈلۈشكە باشلىغان «جۇڭخۇا چوڭ لۇغىتى» گە قەدىمكى كىتابتىن20 مىڭ خىلى كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، پەلسەپە، ئىقتىساد، دىن، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق21 تومغا،92 تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقى، تەخمىنەن700 مىليون خەتكە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
قامۇس نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانلارغا دائىر ئاساسىي بىلىملەر مۇجەسسەملەشكەن، شۇڭا ئۇ «تېمى يوق ئالىي مەكتەپ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق، مەزمۇن دائىرىسى ئەڭ كەڭ قامۇس «بۈيۈك برېتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى» دۇر. ئېلىمىز نەشر قىلغان «جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيىسى» پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر، ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، تەبىئىي پەنلەر، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي74 جىلدتىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىكى تارماق ۋە تۈرلەر80 مىڭغا، قىستۇرما رەسىم70 نەچچە مىڭغا، ئومۇمىي خەت سانى120 مىليونغا يېتىدۇ.
كالېندار، يىللار جەدۋىلى تارىختىكى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىشتىكى قورال كىتابتۇر. بىز ئوخشاش بولمىغان كالېندارلىق يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئىزدىمەكچى، ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىماقچى بولساق، «جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ تارىخىغا دائىر كالېندار» نى ئاختۇرساق بولىدۇ. جۇڭگو تارىخىدىكى يىلنامە ۋە چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىزدىمەكچى بولساق، «جۇڭگو تارىخى يىلنامىسى جەدۋىلى» قاتارلىقلارنى ئاختۇرساق بولىدۇ.
مەلۇم ماقالىنىڭ قايسى گېزىت - ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى تاپماقچى بولساق، «جۇڭگو گېزىت - ژۇرناللار كاتالوگى» غا ئوخشاش كاتالوگلارغا مۇراجىئەت قىلساق بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەرىتىلەر توپلىمى» غا ئوخشاش خەرىتىلەر ئادەتتىكى جۇغراپىيىلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.