كىتاب كاتالوگى
بىلىم خەزىنىسى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نۇرغۇن ياشلار ئەلىيۇلئەلا ۋە ئەلالىققا ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسىدا بولغان، لېكىن ئۇلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇشنى بىلەلمەي، ئەينى چاغدىكى داڭلىق ئىلىم ئەھلى جاڭ جىدۇڭدىن مەسلىھەت سورىغان. نەتىجىدە، جاڭ جىدۇڭ ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ «كىتابلارنىڭ كاتالوگىغا دائىر سوئال - جاۋابلار» نى تۈزۈپ،2000 خىلدىن ئارتۇق قەدىمكى كىتابنىڭ كاتالوگىنى كىرگۈزۈپ ياشلارغا كىتاب ئوقۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ھازىر گەرچە ئەلىيۇلئەلالىققا ئىمتىھان بېرىدىغان ئىش يوق بولسىمۇ، كىتابلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كىتابنى تېپىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېپىنى بىلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىتابلار كاتالوگى مۇشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ياخشى يېتەكچىدۇر. ئۇ سىزنىڭ قايسى كىتابلارنى ئاۋۋال، قايسى كىتابلارنى كېيىن ئوقۇشىڭىز كېرەكلىكىگە جاۋاب بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە قايسى كىتابلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭىز، قايسى كىتابلارنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويۇشىڭىز كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ.
ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان پايدىلىق كىتابلارنى تېپىپ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، گېزىت - ژۇرناللار دائىم كىتاب ئوقۇش كاتالوگىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئالايلۇق، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىتاب ئوقۇش مېدالى» پائالىيىتىدە ياش - ئۆسمۈرلەرگە تونۇشتۇرۇلغان كىتابلار ئىچىدە «ئىزوپ مەسەللىرى»، «مەن دادامغا ئامراق»، «ماتېماتىكا باغچىسىغا ساياھەت»، «جۇباجيېنىڭ تەرجىمىھالى»، «تەنتەربىيە چېمپىيونلىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى» دېگەندەك كىتابلار بار. كىتاب - ژۇرناللاردا يەنە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىللەردە ئوقۇيدىغان كىتابلار كاتالوگى ۋە ئەدەبىياتقا دائىر كىتابلار كاتالوگى قاتارلىقلارمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ كاتالوگلارغا كىرگۈزۈلگەن كىتابلار ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشىدىن ۋە رەتكە تۇرغۇزۇشىدىن ئۆتكەن. كىتابلارنى كاتالوگ بويىچە ئىزدىگەندە نۇرغۇن بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كىتابلار كاتالوگى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشى ۋە ئۆگىنىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىن سىرت، يەنە بىر دۆلەتتىكى بارلىق كىتابلارنى خاتىرىگە ئالالايدۇ؛ داڭلىق زاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ؛ كىشىلەرنى ھەرقايسى پەنلەرگە دائىر قانداق كىتابلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار قىلىدۇ؛ كىتابلارنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدۇ، ۋەھاكازالار.