ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى
بازار ئىگىلىكى
ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بىر - بىرىنى تاللايدىغان سورۇن، ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىشىنى تەشكىللەيدىغان بازار. جۇڭگودا ئۇ ئۇنىۋېرسال ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى، كەسپىي ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى، مەخسۇس تۈردىكى ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى ۋە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ھەم ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى تەشكىللەيدىغان ئاپپاراتلار، ھەم شەھەر - بازارلاردىكى ئىستىخىيىلىك بازارلارمۇ بار.
ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرىدا، ئەمگەك - مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر شەھەر - بازارلاردىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ھەمدە دېھقانلار ۋە يۆتكىلىش ئارزۇسى بار خىزمەتچى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەك ئىشلىرىنى تەلەپ قىلغۇچىلار بولسا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، تۈرلۈك كارخانىلار ۋە ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرىنىڭ شەكلى ئادەتتە كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئورنى، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى، تېخنىكىلىق ئىشچىلار ئالماشتۇرۇش مەركىزى، ئائىلە ئەمگەك - مۇلازىمىتى بازىرى، شەھەر - بازارلاردىكى ئىستىخىيىلىك ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئايلىنىشى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇڭا ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ.