UyghurWiki
UyghurWikiبازار ئىگىلىكىبازار ۋە بازار سىستېمىسى

بازار ۋە بازار سىستېمىسى

بازار ئىگىلىكى بازارنىڭ مەنىسى چوڭمۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ. ئادەتتە بازار تاۋار ئالماشتۇرۇش سورۇنى ياكى ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، كۆكتات بازىرى، كۈندىلىك بۇيۇملار بازىرى قاتارلىقلار. بازار يەنە تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستېمالچىنىڭ سېتىۋېلىش - سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەرپا قىلغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي تاپقان شارائىتتا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازارنىڭ شەكىللىنىشى دەل مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بازار يەنە كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش مۇددىئاسى، سېتىۋېلىش كۈچى قاتارلىقلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، نۆۋەتتە تېلېۋىزورنىڭ بازىرى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ تېلېۋىزورغا بولغان چوڭراق ئېھتىياجىنى، كۈچلۈكرەك سېتىۋېلىش مۇددىئاسى ۋە سېتىۋېلىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بازار ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلانغان. لېكىن، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىن ئىلگىرى ناتۇرال ئىگىلىك جەمئىيەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغاچقا، بازارنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، كۆلىمىمۇ كىچىك بولغانىدى. كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، تاۋار ئىگىلىكىمۇ، بازارمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلدى ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەت ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، بازارنىڭ ئاساسىي رولى ۋە ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ شەرتى ھېسابلىنىدۇ. بازار سىستېمىسى كۆپ خىل بازارنىڭ ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن گەۋدىسى. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەنرەك شارائىتتا، ئالماشتۇرۇش ساھەسىگە كىرگەن تاۋار مىقدارى، تۈرى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بازار ھامان كىچىك بولۇپ، ئالماشتۇرۇش ساھەسىنىڭ پەرقىمۇ روشەن ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رايونلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىملىق مەۋجۇت ئىدى. تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ راۋاجلىنىشى، ئالماشتۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتىغا ئىگە بولغان، ھەرقايسىسى مۇستەقىل، شۇنداقلا ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئالماشتۇرۇش ساھەسى بارلىققا كەلدى. مانا بۇ بازار سىستېمىسىدۇر. ئادەتتە، بازار سىستېمىسى ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى، پۇل مۇئامىلە بازىرى، ئەمگەك مۇلازىمەت بازىرى، تېخنىكا بازىرى، ئۇچۇر بازىرى، ئۆي - زېمىن بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە ئايلىنىشىنىڭ شەرتى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بازار ئىگىلىكى
بازار ۋە بازار سىستېمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki