UyghurWiki
UyghurWikiبازار ئىگىلىكىئۆي - زېمىن بازىرى

ئۆي - زېمىن بازىرى

بازار ئىگىلىكى ئۆي - زېمىن بازىرى تۇرالغۇ ئۆي، يەر سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، رەنىگە قويۇش قاتارلىق سودا پائالىيەتلىرى سورۇنى ياكى ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆي - زېمىن ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئىستېمالى بولغان ئولتۇراق ئۆي، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى قىلىنىدىغان زاۋۇت بىناسى، ئىشخانا بىناسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، تۇرالغۇ ئۆي بازىرى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى بازىرىنىڭ بىر قىسمى، غەيرىي تۇرالغۇ ئۆي بازىرى بولسا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بازىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۆي - زېمىن تەبىئىيكى، تاۋار. شۇڭا، ئۆي - زېمىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بازار بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بازار ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ تەلىپىدۇر. يەر ئەزەلدىنلا ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا، يەر ئېلىپ - سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، رەنىگە قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زېمىن بازىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بازىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭگودا، شەھەردىكى يەرلەر دۆلەتكە تەۋە، يېزىلاردىكى يەرلەر بولسا كوللېكتىپقا تەۋە بولغاچقا، يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مەڭگۈلۈك سېتىپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ سودا پائالىيىتى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىجارىگە بېرىش ھېسابلىنىدۇ. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، مۇكەممەل ئۆي - زېمىن بازىرىنى بەرپا قىلىش بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار بازار ئىگىلىكى
ئۆي - زېمىن بازىرى | UyghurWiki | UyghurWiki