بازار ئىگىلىكى
بازار ئىگىلىكى
بازار ئىگىلىكى بازار ئارقىلىق بايلىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇسۇل. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچى ۋە مۇئەييەن دائىرىسىدە، ماددىي بايلىقلار ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بۇ چەكلىك بايلىقلارنى پەقەت تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مۇۋاپىق تەقسىملىگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بايلىقلارنى بۇنداق تەقسىملەش جەريانى بايلىق تەقسىملەش دېيىلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى جەريانىدا، ئەگەر ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى ئاساسەن ھۆكۈمەت ياكى باشقا ئورگانلار تۈزگەن پىلان بويىچە تەقسىملەنسە، بۇ خىل ئىگىلىك شەكلى پىلانلىق ئىگىلىك دېيىلىدۇ. ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى ئاساسەن بازار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلسا، بۇ خىل ئىگىلىك شەكلى بازار ئىگىلىكى دېيىلىدۇ. پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشتىكى ۋاسىتە.
بازار ئىگىلىكى تاۋار ئىگىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاۋار ئىگىلىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. بازار ئىگىلىكى تاۋار ئىگىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پەقەت تاۋار ئىگىلىكى تولۇق تەرەققىي قىلغاندىلا، ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى ئاندىن بازار ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ، شۇنداقلا بازار ئارقىلىق ماددىي بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەل تاۋار ئىگىلىكى راۋاجلىنىشىنىڭ شەرتى. بازار ئىگىلىكىدە، جەمئىيەت نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش، قانداق ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتقا كىم ئېرىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەمىنلەش − تەلەپنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل بولىدۇ. بۇ يەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان، پايدا - زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچى مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە، بازارنىڭ سۇبيېكتى بولىدۇ؛ جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئالماشتۇرۇش، ئىستېمالنىڭ پۈتكۈل جەريانى بازار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ تاۋار - پۇل مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ؛ بازاردىكى تەمىنلەش - تەلەپ، بازار باھاسى قاتارلىقلار پۈتكۈل جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
بازار ئىگىلىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈم بىلەن بىرلەشكەن بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم شارائىتىدىكى بازار ئىگىلىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادەتتىكى خاراكتېرىنى ھازىرلىغان بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇناسىپ ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولىدۇ.