UyghurWiki
UyghurWikiبازار ئىگىلىكىپۇل - مۇئامىلە بازىرى

پۇل - مۇئامىلە بازىرى

بازار ئىگىلىكى پۇل مۇئامىلە بازىرى مەبلەغ قەرز بەرگۈچى ۋە ئالغۇچى ئىككى تەرەپ ياكى ئاكسىيە ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سورۇنىدۇر. ئادەتتە، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي ئامىل مەبلەغ ياكى ئاكسىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئېھتىياج بولغۇچى ئىككى تەرەپ، پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىدىكى ۋاسىتىچى ۋە پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەبلەغ ياكى ئاكسىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئېھتىياج بولغۇچى ھەم ھۆكۈمەت تارماقلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى، ھەم ئاھالىلەر ۋە مەخسۇس پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىنىڭ ۋاسىتىچى ئورگانلىرى بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى، مەبلەغ سېلىش شىركىتى، مالىيە ئىشلىرى شىركەتلىرى ۋە ئاكسىيە بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇل مۇئامىلە قورالى، پاي چېكى، قەرز توختىمى ۋە ئامانەت قويۇش تالونى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. پۇل مۇئامىلە بازىرى مۇرەككەپ بىر سىستېما. ئامانەت - قەرز پائالىيىتىنىڭ ۋاقىت چېكىگە ئاساسەن، ئۇ قىسقا مەزگىللىك پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پۇل مۇئامىلە بازىرى، يەنى مەبلەغ ئوبوروت ۋاقتى بىر يىل ئىچىدىكى پۇل بازىرى ۋە مەبلەغ ئوبوروتى بىر يىلدىن ئارتۇق پۇل بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ. تىجارەت ئوبيېكتىگە ئاساسەن، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى بىرلىك ۋە ئالماشتۇرۇش مەزمۇنى قىلغان ئۆز پۇلى بازىرى، چەت ئەل پۇلىنى بىرلىك قىلغان تىجارەت مەزمۇنىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرى، ئالتۇن بازىرى ۋە ئاكسىيە بازىرى دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈشكەندىن كېيىن دەرھال پۇل تاپشۇرۇش - تاپشۇرماسلىقىغا ئاساسەن، دەرھال ئېلىم - بېرىم قىلىدىغان نەق مال بازىرى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مال ئالماشتۇرىدىغان قەرەللىك مال بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ. پائالىيەت دائىرىسى ۋە ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئىچكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە بازىرى شەكىللىك سورۇن، مەسىلەن، ئاكسىيە بېرژىسى. بۇ يەردە، سودا قىلغۇچىلار قېلىپلاشقان تەرتىپكە ئەمەل قىلغان ھالدا ئاكسىيە سودىسى ئېلىپ بارىدۇ. سودا قىلغۇچىلارنىڭ پائالىيىتى شەكىللىك بازارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا تۇرۇپ تېلېفون، فاكس، تېلېگرامما قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئارقىلىقمۇ سودىنى پۈتكۈزگىلى بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە بازىرى تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ توپلىغىلى، مەبلەغنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە بايلىقلارنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بازار ئىگىلىكى