تېخنىكا بازىرى
بازار ئىگىلىكى
تېخنىكا بازىرى تېخنىكا تاۋارلىرىنى ئالماشتۇرۇش سورۇنى ۋە ساھەسىدۇر.
پەن - تېخنىكا ئىنسانلار ئەقلىي ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى روشەن بولماقتا. تاۋار ئىگىلىكى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخنىكا مېۋىلىرى مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىلىم شەكلىدىكى تاۋارغا ئايلاندى ھەمدە ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. شۇڭا، تېخنىكىنىڭ تاۋارلىشىشى تېخنىكا بازىرى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دۇنيادا تېخنىكا بازىرى200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
تېخنىكا بازىرىدا، تېخنىكا تاۋارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوبوروت شەكلى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، تېخنىكا مېۋىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ياكى ئەۋرىشكىلىرىنى سېتىش، تېخنىكىلىق لايىھىلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، تېخنىكا ھاۋالە تەتقىقاتى ھەمدە تېخنىكىلىق خادىملارنى تەربىيىلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جۇڭگودا تېخنىكا بازىرىنىڭ تىجارەت مەزمۇنى ئاساسلىقى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش؛ باشقا دۆلەتلەر ئارا ئاساسەن پاتېنت سېتىش - سېتىۋېلىش شەكلىدە تېخنىكا كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشتىن ئىبارەت. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ تۈرى، ئىلغارلىق دەرىجىسى ھەمدە ئۇنىڭ دۆلەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، تېخنىكا بازىرىغا كىرىدىغان تېخنىكا نەتىجىلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ مۇنداق: دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، باشقىلارنىڭ تېخنىكا ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشقا، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. تېخنىكا بازىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىمۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
تېخنىكا بازىرى پەن - تېخنىكىنى ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان بەلۋاغ بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.