ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى
بازار ئىگىلىكى
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تاۋارلىرىنى ماركىتىڭ قىلىش سورۇنى ۋە ساھەسى، بەزىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش يولىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان ئەمگەك ماتېرىياللىرى بىلەن ئەمگەك ئوبيېكتىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مەسىلەن، زاۋۇت بىنالىرى، ماشىنا، ئۈسكۈنە، قورال، خام ئەشيا، يېقىلغۇ قاتارلىقلار. جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ماددىي ئەشيا دېيىلىدۇ، شۇڭا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى ماددىي ئەشيالار بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاۋارلارنىڭ تۈرى بويىچە ئايرىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر، خىمىيە، كېمىسازلىق، ماشىنا، ئېلېكترون، رەڭلىك مېتال، نېفىت، ئاۋىئاتسىيە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تاۋارلارنىڭ ئىشلىتىلىش يۆنىلىشى بويىچە ئايرىغاندا، ئۇ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئاساس قۇرۇلۇش ۋە رېمونتچىلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىق بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تاۋارلارنىڭ ئىشلىتىلىش رولى بويىچە ئايرىغاندا، ئۇ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، خام ئەشيا ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار قاتارلىق بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرىدا، تاۋارلارنى سېتىۋېلىش باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تاۋارلارنىڭ كەسپىيلىكى كۈچلۈك بولۇپ، ئېھتىياج مىقدارى ۋە تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خاراكتېرى بەلگىلەيدىغانلىقتىن، ئۇنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ؛ تاۋارلارنىڭ توپ سېتىۋېلىش مىقدارى كۆپ، سېتىۋالغۇچىنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي ئىشلەپچىقارغۇچى بولغاچقا، تاۋارلارنىڭ ئۆلچىمى، سۈپىتى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ. مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى نورمال ئېلىپ بېرىشىنىڭ شەرتى، شۇنداقلا ماددىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى.