UyghurWiki
UyghurWikiبازار ئىگىلىكىئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى

ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى

بازار ئىگىلىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى ئىستېمال ۋاسىتىلىرى بازىرى ياكى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، بۇيۇم، قاتناش قوراللىرى قاتارلىق تۇرمۇش ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ياكى ساھەدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى تاۋارلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ، ھالبۇكى، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى تىجارىتىنىڭ مەزمۇنى، ئۇسۇلى، دائىرىسى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۇنى يەنە نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، تىجارەت مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال بازار ۋە مەخسۇس تىجارەت تىپىدىكى تاۋارلار بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ؛ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، توپ تارقىتىش بازىرى ۋە پارچە سېتىش بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ؛ ئوبوروت دائىرىسىگە ئاساسەن، يەرلىك بازار، ئىچكى بازار ۋە خەلقئارا بازار دەپ ئايرىلىدۇ؛ جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا ئاساسەن، شەھەر - بازارلار بازىرى ۋە يېزا بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ؛ تاۋارلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى خاراكتېرىگە ئاساسەن، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرى ۋە غەيرىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ ۋەھاكازالار. ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: تاۋار سېتىۋېلىشتىكى مەقسەت تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىش؛ شەخس ۋە ئائىلە بازارنىڭ سۇبيېكتى بولۇپ، ماركىنىڭ ئوبيېكتى كەڭ، تاۋارلارنىڭ تۈرى ۋە ئۆلچىمىگە قويۇلىدىغان تەلەپ مۇرەككەپ بولىدۇ؛ پارچە سېتىش بازىرى ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئېھتىياج مىقدارى ئېلان، ئۈلگە كۆرسىتىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، باھانى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. جۇڭگونىڭ بازار سىستېمىسىدا، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى خېلى بالدۇر تەرەققىي قىلغان ۋە مۇكەممەللەشكەن. ئۇ كىشىلەرنى ئىستېمال بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىمۇ ئېھتىياج ئۇچۇرى ۋە تاۋارلار بىلەن تەمىنلەپ، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بازار ئىگىلىكى