ئۇچۇر بازىرى
بازار ئىگىلىكى
ئۇچۇر بازىرى ئۇچۇرنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان سورۇن ياكى ساھە.
ئۇچۇر كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىگە پايدىلىق تۈرلۈك سىگناللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ خەۋەر بېرىش، ئەھۋال مەلۇم قىلىش، سوراش، جەدۋەل يوللاش، بۇيرۇق تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بارغانسېرى زىچلاشتى، ئۇچۇرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىمۇ بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قالدى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەمدە شەخسنىڭ ئۇچۇرغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە مۇستەقىل ئۇچۇر كەسپى، يەنى مەخسۇس ئۇچۇرلارنى توپلاش، تاللاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، بىر تەرەپ قىلىش، ساقلاش، يەتكۈزۈش ۋە ئېلان قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارماقلار بارلىققا كەلدى. بەزىلەر ھەتتا ئۇچۇر كەسپى كەلگۈسى سانائەت جەمئىيىتىدە تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ قالىدۇ، دەپ مۆلچەرلەشمەكتە. ئۇچۇر كەسپىنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇر بازىرى شەكىللەندى.
ئۇچۇر بازىرىدا ئاساسلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئىگە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى سودىسى، كومپيۇتېر مۇلازىمىتى، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، تۈرلۈك ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتى، ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، كۆپ ۋە تېز يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىجتىمائىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى. شۇڭا، ئۇچۇر بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ.