UyghurWiki
UyghurWikiباشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەريىراقـتىـن سېزىدىغان سىنارەد

يىراقـتىـن سېزىدىغان سىنارەد

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر بىرنەچچە تانكا ئازگالغا چۈشۈۋېلىپ قارشى تەرەپـنـىـڭ تـانـكـىـغـا قارشى زەمبىرەكلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىـنـىـڭ ھۇجـۇمـىـدىـن ساقلانماقچى بولىدۇ، توساتتىن بوشلۇقتا پارتلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىكـكـى تانكىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئىس كـۆتـۈرۈلـىـدۇ. بـۇ ئامـېـرىـكـا قـۇرۇقـلـۇق ئارمىيىسى تەجرىبە قىلغان خىسلەتلىك سىنارەد − برونېگە قارشى يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەد ئېتىلغان چاغدىكى كۆرۈنۈش. يىراقتىن سېزىدىغان برونې تېشەر سىنارەد − يـىـراق ئارىلىقتىن تانكىغا قارشى تۇرىدىغان يېڭى تىپتىـكـى بىر خىل سىنارەد. يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەد بىرنەچچە كىچىك بـومـبـىـنـى ئېلىپ ماڭىدۇ، ھەربىر كىچىك بومبا جەڭگىۋار بۆلەك، داتـچـىـك، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىـش ئۈسـكـۈنـىـسى، پـاراشۇت، ئېـلـېـكـتـر مـەنـبـەسـى ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. داتچىك بومبىنىڭ يادرولۇق قىـسـمـى بولۇپ، ئۇ رادارغا ئوخشاش ئاپتوماتىك ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى تارقىتـىـپ نىشان ئىزدەيدۇ ۋە نىشان قايتۇرغان دولقۇننى قوبۇل قىلىدۇ. داتچـىـك نىشان بايقالغان ھامان بومبىنى پارتلىتىدىغان پايدىلىق ۋاقىت ۋە ئورۇنـنـى ھېسابلاب چىقىپ، مۇۋاپىق پەيتتە پارتلىتىش ئۇچۇرىنى تارقىتىدۇ. كىچىك بومبىنىڭ جەڭگىۋار بۆلىكى پارتلىتىش دورىسى ۋە دورا تىپى قاپلىغۇچىـسـىـدىـن تەركىب تاپىدۇ. پارتلىتىش دورىسى پارتلىغـانـدىـن كـېـيىـن، دورا تـىـپـى قاپلىغۇچىسى ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىـرى ئاسـتـىـدا سىقىلىپ كىچىك كۇمۇلاچلارغا ئايلىنىپ، تـېـز سـۈرئەتـتـە نـىـشـانـغـا ئېتىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سېكۇنتىغا2000 −4000 مېتىرغا يېتىـدۇ، بۇ نەچچە ئون مېتىر يىراقتىكى تانكىنىڭ ئۈست برونـىسى يـاكـى يان برونېلىرىنى تېشىۋېتەلەيدۇ. يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەد155 مىـلـلـىـمېـتـىـردىـن يۇقىرى كالىبىرلىق زەمبىرەكتىن ئېتىلغاندا، سىنارەد تانكا توپىنـىـڭ ئۈسـتـىـگـە كەلگەن ھامان كىچىك بومبىلار ئانا بومبا − سىنارەدنىڭ «قورسىقى» دىن ئېـتـىـلـىـپ چىقىپ، سېكۇنتىغا10 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ. ئەڭ پايدىلىـق ئېگىزلىككە تۆۋەنلىگەندە جەڭگىۋار بۆلىكى پارتلايدۇ، جەڭگىۋار بۆلىكىدىن ھاسـىـل بولغان1 دانە يۇقىرى سۈرئەتلىك كىچىك كۇمۇلاچ داتچىك كۆرسـىـتـىـپ بەرگەن تانكا يۆنىلىشىگە ئۇچۇپ، تانكىنىڭ ئۈست قىسمىدىكـى بـرونېـسىـنـى تېشىپ ئۆتىدۇ. يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەدنى ئىشلىتىش ئاددىي بولۇپ، بۇلۇت، تۇمان، ئىس - تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايـدۇ، ئۇنىڭ قۇدرىتى كۈچلۈك، نەچچە10 كىلومېتىر يىراقـتـىـكـى دۈشـمـەن تانكىسىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پاي سىنارەد بىرلا ۋاقـىـتـتـا بىرنەچچە تانكىغا زەربە بېرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار باشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەر