UyghurWiki
UyghurWikiباشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەرتۆل ناملىق تېلېكامېرالىق سىنارەد

تۆل ناملىق تېلېكامېرالىق سىنارەد

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «تۆل» ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، ئاساسەن يەر يۈزىدىكى تانكا، ئاپتوموبىل ۋە مۇداپىئە ئاكوپلىرىـغـا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ باش قـىـسمىغا تېلېۋىزىيە تېلېكامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇچقۇچى بۇ ئارقـىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئۇچۇشىـنـى كـۆرەلـەيدۇ. ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «تۆل» نى ئامېرىكا1966 - يىلـدىـن ئېتىبارەن تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ھازىر A، B، C، D تۆت خىل تىـپـى بار. A تىپى تېلېۋىزىيە تىپلىق بولۇپ، ئايـروپـىلان بەلگىلەنگەن ھۇجـۇم رايـونىغا كىرگەندە، ئۇچقۇچى ئاپپاراتنى نىشانغا توغرىلاپ، تېلېۋىزىيە قۇرۇلمىسىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە تېلېكامېراسى ئىشقا كـىـرىـشـىـدۇ، ئۇچقۇچى تېلېۋىزور ئېكرانىدىن تېلېكامېرا تارتقان يەر يۈزىدىكـى ئەھۋاللارنى كۆرەلەيدۇ، ئېكراندىكى كرېست شەكىللىك قارىغا ئېلىش سىزىقىنـى نـىشانغا توغرىلاپ، ئېتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىلا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد نىشـانغا ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىدۇ. B تىپلىقى «چوڭايتىلغان ئېكران تىـپلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە ئېلېكترون ئوپتىكىلـىـق بـاشلاش ئۇچى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانى نىشان رايونىنى چوڭـايـتـىـپ كۆرسىتىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇچقۇچى بىر قەدەر يىراق ئارىلىـقـتـا تـۇرۇپ نىشانغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. C تىپلىقىغا لازېر نۇرلۇق يول باشلاش تېخنىـكـىسى قوللىنىلغان. بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد كېچە - كۈندۈز بولسـۇن يـاكى ھەر خىل كىلىمات شارائىتىدا بولسۇن، ئوخشاشلا جەڭ قىلالايدۇ. D تىپلىـقـنـىـڭ ماھارىتى ئالدىنقى ئۈچىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. نىشان قانداقلا نىقابلـىـنـىۋالسۇن، ئۇ ئىنفرا قىزىل نۇر تارقاتسىلا، بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەددىكى ئىنفرا قىزىل نۇر قۇرۇلمىسى ئۇنى سېزىپ سۈرەتنى تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا چىقىرىپ بېرىدۇ، ئۇچقۇچى ۋىكليۇچاتېلنى قوزغىتىپ نىشانغا ھۇجۇم قىـلـىدۇ.
← بارلىق تېمىلار باشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەر
تۆل ناملىق تېلېكامېرالىق سىنارەد | UyghurWiki | UyghurWiki