UyghurWiki
UyghurWikiباشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەرسېرىق تۇمشۇق تورغاي ناملىق سىنارەد

سېرىق تۇمشۇق تورغاي ناملىق سىنارەد

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − يەر يۈزىدىـكـى زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارغىلا تاقابىل تۇرىدىغان ياراغ. زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادار − زەمبىرەكنىڭ كۆزى. يـەر يـۈزىدىكى زەمبىرەكلەر رادارنىڭ قوماندانلىقىدىن ئايرىلىپ قالسـا، خۇددى ئەمـاغـا ئوخشاش، كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان جاي تاپالماي قالىـدۇ. رادار ئاسـاسـەن بوشلۇققا ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق نىشان ئىـزدەيدۇ، ئاندىن زەمبىرەكلەر نىشاننى قارىغا ئالالايدۇ. ھالـبـۇكـى، رادارغا قارشى «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ پـەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى − زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ ئېلېـكـتـرومـاگنىت دولقۇن دەستىسىدىن پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بېرىدىغانلىقىدا. ئايـروپـىلان زەمبىرەكنى نىشـانـغـا توغرىلايدىغان رادارنىڭ دولقۇن دەستىسىنى بايقىۋالسىلا، ئايـروپـىلانـدىـن قـويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى بويلاپ، ئۇنىڭغـا قـاتتىق زەربە بېرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىـغـان رادار جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» بۇنىـڭغا دەل تېگىدۇ. بۇ خىل رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىمۇ بار، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد پارتلىغاندىن كېيىن، سىنارەد ئىچىدىكى ئاق فوسفور ياكى قىزىل فوسفوردىـن قـويـۇق ئىـس كـۆتـۈرۈلۈپ، يالقۇن پۈركۈپ، كېيىن كەلگەن بومباردىمانچى ئايروپـىلانـنـىـڭ رادار پونكىتلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە رادار دولقـۇن دەستىسى يول باشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، راداردا دۈشمەن ئايـروپـىلانىنىڭ «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى قويۇپ بەرگەنلىكى بايقالسا، رادارنى دەرھال ئېتـىـپ، سىنارەدنى يېتەكلىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭ دەل تېگىش نىسبىتىـنـى تۆۋەنلىتىدۇ. رادارنى تاقىۋېلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كىشىـلەر يەنە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بىرىـكـمـە يـول بـاشلاش سىستېمىسىنى سەپلىگەن، بۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەم ئېلـېـكـتـر ماگنىت دولقۇنى تارقىتىۋاتقان نىشاننى قوغلىيالايدۇ، ھەم رادىئاتسىيـە ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋالدا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق باشلىغۇچنى يېتەكچى قـىـلـىـپ، زەمبىرەك، رادار ئېلېكتر مەنبەسى ياكى قوماندانلىق ئاپتوموبىلى تـارقـاتـقـان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ ئىز قوغلايدۇ. شۇنداق بولغاندا، رادارنـى تاقىۋەتكەندىمۇ، «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» يەنىلا ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۈنۈملۈك تاپالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار باشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەر
سېرىق تۇمشۇق تورغاي ناملىق سىنارەد | UyghurWiki | UyghurWiki