UyghurWiki
UyghurWikiباشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەركۈچتۈڭگۈر ناملىق سىنارەد

كۈچتۈڭگۈر ناملىق سىنارەد

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر ئىچىدە بويى نەچچە10 مېتىر كېلىدىغان قـارا تۆمۈر مۇنارغا ئوخشايدىغان «گىگانت ئادەم» − «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق باشـقـۇرۇلىدىغان سىنارەد بار. ئۇ يىراق مۇساپىلىك باللىستىك سىنارەد بولۇپ، ئاساسەن، قارشى تەرەپنىڭ مۇقىم نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىـشلىتىلىدۇ. «كۈچتۈڭگۈر» باللىستىك سىنارەد بوشلۇقتا ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتا بويىچە ئۇچىدۇ. قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلـگـىرى °360 لۇق يۆنىلىشتە نىشانغا ئېلىش ۋە قويۇق ئاتموسفېرا قەۋىتىنى تېز تېشىـپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا تىك تۇرغۇزۇلىدۇ. قويۇپ بېرىلگـەندىن كېيىن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، مۇئەيـيـەن ئېگىزلىككە چىققاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ئوربىتا بويىچە ئۇچۇپ تېـزلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئېتىش مۇساپىسى ئۈچۈن يېتەرلىك يانتۇ بۇلۇڭ ۋە سۈرئەتكە يەتكەندە، ماتورى ئېتىلىپ سىنارەد بېشى سىنارەد گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، سىنارەد بېشى ئىنېرتسىيە ۋە ئېغىرلىق كـۈچـىنىڭ تەسىرى بىلەن ئېللىپسسىمان ئوربىتا بويىچە داۋاملىق ئۇچىدۇ. سىنارەد بېشى ئوق يولىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن، تۆۋەنلەشكە باشلاپ، ئاتموسفېرا قـەۋىتىگە كىرگەندە نىشانغا تېگىدۇ. «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغـان بـاشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ بىرى، ئېتىش مۇساپىسى15 مىڭ كىلومېتىـردىـن ئاشىدۇ، ئۇنى بۇ قىتئەدىن يەنە بىر قىتئەگە ئاتقىلى بولىدۇ، شۇڭا قىـتئەلـەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن كـۆپ ئۈگىلىك راكېتانىڭ ئوق بېشىنى ئىتتىرىشى بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. قويۇپ بـېرىلگەندە، ئىتتىرىش كۈچى ئەڭ زور بولغان بىرىنچى ئۈگە راكېتا ئاۋۋال خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى تۈگىگەندىن كېيىـن، ئۆزلـۈكـىدىن ئاجراپ، ئىتتىرىش كۈچى كىچىكرەك ئىككىنچى ئۈگە ھەرىكەتكە كېلـىدۇ... مۇشۇ بويىچە ئېھتىياجلىق سۈرئەتكە يەتكۈچىلىك داۋاملىشىـپ مـاڭـىدۇ. «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئېلىپ ماڭىدىغان يېـقـىـلـغۇ كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ بويى نەچچە10 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ10 نـەچـچـە قـەۋەت بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇچۇش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىـن تـېـز بولۇپ، سېكۇنتىغا7000 مېتىردىن ئارتۇق ئۇچىدۇ، بۇ ئاۋازنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىـدىن20 ھەسسە يۇقىرى.
← بارلىق تېمىلار باشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەر
كۈچتۈڭگۈر ناملىق سىنارەد | UyghurWiki | UyghurWiki