UyghurWiki
UyghurWikiباشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەرشالـدىـراق قـۇيرۇقلۇق يىلان ناملىق سىنارەد

شالـدىـراق قـۇيرۇقلۇق يىلان ناملىق سىنارەد

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» ئامېرىكىنىڭ ئايـروپـىلان قـوغلايـدىـغـان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدى بولۇپ، ئۇ شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ ئىلھامى بىلەن كەشىپ قىلىنغان. شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان ئىنتايىن زەھەرلىك بولۇپ، ئۇ ھەرىكەت قىلغاندا، قۇيرۇقىدىكى قاسىراقلىرى سۈركىلىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، «شالدىراق قۇيرۇق» دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن. شـالـدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان ئوزۇقلۇق ئوۋلىغاندا كۆزى بىـلـەن كـۆرۈپ ئەمـەس، بەلكى سەزگەن ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسـەن، ئوۋنىڭ نېمىلىگە ۋە ئورنىغا ھۆكـۈم قىلىدۇ. ئەگەر بىر چاشقان ئۇنىڭ يېنىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتـسـە، ئۇ چـاشقان تېنىدىن چىققان ئىنفرا قىزىل نۇرغا ئاساسەن، ئۇنى تـېـزلا بـايـقـايـدۇ ۋە تۇتماي قويمايدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مۇتەخەسسىسلىرى شالدىراق قۇيرۇقـلـۇق يـىلاننىڭ نىشانغا ھۇجۇم قىلىش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئىنفرا قىزىل نـۇر ئارقـىلىق يول باشلىنىدىغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى لايىھىلـەپ، ئۇنىڭغا شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان دەپ ئىسىم قويغان. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» نىڭ بېشىغا ئىنفرا قىزىل نۇرنى بايقىيالايدىغـان ۋە ئۇنـى قـوبـۇل قىلالايدىغان قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئايـروپـىلاندىن چىققان گازنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، يەنى، قويۇپ بەرگەن ئىنفرا قىزىل نۇر كۈچلۈك بولغاچقا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بېشىدىكى قىزىل نۇر ئىزدەش قۇرۇلمىسى بۇ ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلىپ، يېتەكلىگۈچى ئاپپارات ئارقىلىق ئىنفرا قىزىل نۇر تارقاتقان ئايروپىـلاننى قوغلايدۇ. ئايروپىلان ماتورى سىرتقا ئىسسىق گاز پۈركىسىلا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئىنفرا قىزىل نۇرنى بويلاپ ئۇنىڭغا تەگكۈچە ئىز قوغلاپ ماڭىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» نىڭ ھازىر10 نەچچە تىپى بار، بىراق ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، مۇنداق تـۆت چوڭ قىسىمغا ئايرىلىدۇ: ئالدى تەرەپتىكىسى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۇچۇشىنى تىزگىنلەيدىغان يېتەكلەش ئاپپاراتى؛ ئۇنىڭ يېنىدىكىسى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ جەڭگىۋار قىسمى، ئۇنىڭ ئىچىگە پارتلاتقۇچ دورا قاچىـلـىـنـىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى راكېتا ماتورى بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغـان سىنارەدنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقىسى سىنارەد قۇيرۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا سىنارەد قانىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى مـۇقـىـم ئۇچـۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «شالدىراق قۇيرۇق يىلان» نىڭ كۆرۈنۈشى ئىنچىكە تاياققا ئوخشايدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى2 مېتـىـردىن ئاشىدۇ،7 كىلومېتىر دائىرىدىكى نىشانغا تېگىدۇ.
← بارلىق تېمىلار باشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەر
شالـدىـراق قـۇيرۇقلۇق يىلان ناملىق سىنارەد | UyghurWiki | UyghurWiki