UyghurWiki
UyghurWikiباشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەرئۇچار بېلىق ناملىق سىنارەد

ئۇچار بېلىق ناملىق سىنارەد

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر «ئۇچار بېلىق» تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − فرانسىيـە70 - يـىـللارنىڭ باشلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ھاۋادىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد.1982 - يىل4 - ئايدىكى ئەنگلىيە - ئارگېنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىدا ئارگېنتىنا2 دانە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «ئۇچار بېلىق» بىلەن ئەنگلىيىنىڭ زامـانـىـۋىلاشـقـان ھەربىي پاراخوتى «گېنېرال شېففيېلد» نى چۆكتـۈرۈۋېتىپ، دۇنيادا زىلزىلە قوزغىغانىدى. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «ئۇچار بېلىق» نىڭ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبـە قىلىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بولغاچقا، چوڭ پـاراخوتلار بىلەن تۇتۇشۇشقا جۈرئەت قىلغان. بىرىنچى، ئۇنىڭ مۇداپـىئەنـى بـۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى تەخمىنـەن5 مېتىر بولۇپ، دۈشمەن پاراخوتىدىكى رادار ئۇنى بايقىيالمايدۇ، بايقىغان تـەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى قىيىن. ئىككىنچى، سىنارەد بـاشـقـۇرۇش قۇرۇلمىسى ئىلغار بولۇپ، دەل تېگىدۇ. ئەگەر سىنارەد رادار ئارقىـلـىـق باشقۇرۇلسا، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، نىشانغا تېـگـىـش دەللىكى يۇقىرى بولىدۇ. ئۈچىنچى، قاچىلاش ۋە ئېتىش مەشغـۇلاتـى قـۇلاي، ئىنكاسى تېز. رادار نىشاننى بايقىغاندىن تارتىپ «ئۇچار بېلىق» تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېتىپ چىقارغىچە1 مىنۇت ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت كېتىـدۇ، شۇڭا نىشاننى تېز گۇمران قىلىدۇ. «ئۇچار بېلىق» تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەربىي پـاراخـوتلارغـا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ يوغان بولمىسىمۇ، ئۇزۇنلۇقى4 مېتىردىـن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى600 كىلوگراملا كېلىدۇ، ئېتىلىش مۇساپىسـى50 −70 كىلومېتىر. ئايـروپـىلاندىن قويۇپ بېرىشكىمۇ، پاراخوت، قـۇرۇقـلـۇق ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار باشقۇرۇلىدىغان سىنارىيىلەر
ئۇچار بېلىق ناملىق سىنارەد | UyghurWiki | UyghurWiki