سېرىق ھەرە ناملىق سىنارەد
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر
سېرىق ھەرە ئادەم چاقىدۇ، ھازىر «سېرىق ھەرە» دەپ ئاتىلىدىغـان ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، تانكىلارنـىلا «چـاقىـدۇ»، ئۇ تانكىلارنىڭ تاقابىل تۇرۇشى تەس بولغان يېڭى رەقىبى.
بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بېشىغا مىللىمېتىر دولقۇنـلـۇق رادار ئورنىتىلغاچقا، مەيلى كېچە - كۈندۈز ياكى بوران، تۇمان، قـار - يامغۇرلۇق كۈن بولسۇن، نىشاننى ئاپتوماتىك تېپىپ، ھەرقانداق گۇمانلىق نۇقتـىـنـى قاچۇرۇپ قويمايدۇ.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق ھەرە» دە مىكـرو ئېـلـېـكـتـرونـلـۇق كومپيۇتېر ۋە باشقا نازۇك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بولغاچقا، نـىشاننىڭ ئىزىغا چۈشۈپلا قالماستىن، بەلكى قايسىلىرىنىڭ يالغان نىشان، قـايسىلىرىنىڭ راست تانكا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. نىشاننى بېكـىـتـكـەندىن كېيىن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئۇنى ئىز قوغلاپ يوقىتىدۇ. قىزىقارلـىـق يېرى شۇكى، ئەگەر باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق ھەرە» ئۆزى قوغلاۋاتقان نىشانىڭ باشقا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق ھەھرە» قوغلاۋاتقان نىشان ئىكەنلىكىنى بايقىسا، بۇرۇلۇپلا باشقا نىـشانلارنـى قـوغلايـدۇ؛ ئەگـەر ئۇ قوغلاۋاتقان تانكا پارتلىتىۋېتىلگەن بولسا، ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا باشقا تانكىغـا قاراپ ئۇچىدۇ.
«سېرىق ھەرە» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1 مـېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى54 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇ تۆۋەن بوشلۇقـتـا ئۇچالايدۇ ھەم ئېلېكترونلۇق كاشىلىغا قارشى ئەسۋابلار ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان بولغاچقا، ئۇچۇش داۋامىدا يەر يۈزىدىكى رادارلارنىڭ ئىزدىشى ۋە زەمبىـرەكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىـنـتـايـىـن كۈچلۈك.
توشۇغۇچى ئايـروپـىلان «سېرىق ھەرە» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېتىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭـا بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئىشلىتىش باشقا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى ئىشلىتىشتىن جىق ئاسان.