UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئارىستوتېل

ئارىستوتېل

بەش مىڭ يىل مىلادىدىن ئىلگىرى 323 - يىلى ھاۋا ئىللىق ئەتىگەنلىكى، 60 ياشلارغا كىرگەن بىر بوۋاي ئافىنانىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئورمانلىقتا ئايلىنىپ يۈرەتتى. بۇ سالاپەتلىك، كېلىشكن بوۋاي گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىنى پەيزى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئون نەچچە ياشمۇ بىمالال سەيلى قىلىپ يۈرەتتى. ئۇلار جىلغىدىكى ئېرىق بويىغا كېلىپ، رەتسىز تاشلاردا ئولتۇرۇپ چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. بۇ پىشقەدەم ئالىم پۈتۈن يۇنانغا مەشھۇر بولغان ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئارىستوتېلى ئىكەن. ھېلىقى ياشلار ئۇ ئاچقان لۇكىئان بىلىم يۇرتىنىڭ يۇقۇرى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. ئارىستوتېلى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەركىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن، ئۆزىمۇ بىر تەرەپتىىن ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر تەرەپتىن دەرىس ئۆتۈشكە ئامراق ئىكەن، شۇڭا كىشىلەر بۇ ئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلارنى «ئەركىن ئىلمىي ئېقىمدىكىلەر» دەپ ئاتاشقان. _ مۇئەللىم، «ئۈچ باسقۇچلۇق يەكۈن» نى سۆزلەپ بەرسىلە، لوگىكىدىكى بۇ سۇئال بەك قىيىن ئىكەن. چوڭ ئالدىنقى شەرت، كىچىك ئالدىنقى شەرت يەكۈن دەمدۇ. ئىشقىلىپ تەس ئىكەن... - دەپتۇ بىر ياش سەمىمىي ھالدا. _ بۇ ناھايىتى ئاددى گەپ، _ دەپتۇ ئارىستوتېل ئرنىدىن تۇرۇپ ساقاللىرىنى سىلىغان ھالدا ۋە ئىككى قەدەم مېڭىۋېتىپ، _ بىز يۇنانلىقلاردا، ھەميىنىڭ يانچۇغۇڭدا بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلۇڭ ھەميىنىڭدا بولسا، پۇلۇڭ چوقۇم چونتىكىڭدە بولغان بولىدۇ. دېگەن بىر قىزىق ماقال بار، بۇ ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان «ئۈچ باسقۇچلۇق يەكۈن» ئەمەسمۇ؟ _ ئۆزلىرى راستلا ئۈلۈغ پەيلاسوپ ئىكەنلا، - دەپتۇ ياشلار بىردەم. _ بىراق، _ دەپتۇ ئارىستوتېل تەمكىن ھالدا، _ پەيلاسوپلارنىڭ ئاقىۋىتى، كۆپىنچە، پاجىئەلىك بولىدۇ. _ پاجىئەلىك؟ _ ھەيران قېلىپتۇ. ياشلار. _ سۆزۈمگە قولاق سېلىڭلار، _ دەپتۇ ئارىستوتېل بارغانچە تەمكىن تەلەپپۇز بىلەن ئافىنا شەھەر سېپىلىگە قاراپ تۇرۇپ، _ مېنىڭ ئۇستازىم پلاتون سىتىسلىيىگە بېرىپ ئۇ جاينىڭ پادىشاھىنى سىياسىنى ئىسلاھ قىلىشقا دەۋەدت قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن ئۇستازىمنىڭ ئۇستازى سوكرات خۇداسىلىقنى تەشۋىق قىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاخىرى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن! ياشلار ئۈن چىقارماي ئاڭلاپتۇ. بىر ياش تۇيۇقسىزلا ۋاقىرىۋېتىپتۇ: _ مۇئەللىم، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى چوقۇم ئۇستازلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئالەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن يۇنان ماكىدۇنىيە پادىشاھى ئالېكىساندىرنىڭ ئۇستازى _دە... _ ياق،_ دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپتۇ ئارىستوتېل، _ ئالېكىساندىر ئالىلىرى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ۋاپات بولدى! ئەسىلدە، ئارىستوتېل ئائىلىسى بويچە ماكىدۇنيە خان جەمەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ دادىسى خان ئوردىسىنىڭ دوختۇرى، ئۆزى بولسا ماكىدۇنيە شاھزادىسى ئالېكىساندىرنىڭ ئۇستازى ئىكەن. ئالېكىساندىر تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئارىستوتېل ئافىناغا كېلىپ مەكتەپ ئاچقان. ئۇ ئالدى بىلەن ياش ئوقۇغۇچىلارغا «ئەقىلىي تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە جىسمانى تەربىيە» ئېلىپ بېرىشنى ھەمدە يىللىقلارغا ئايرىيدىغان ئوقۇتۇش تۇزۈمىنى يولغا قويۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ دۆلەتنىڭ يەتتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارغا گىمناستىكا، تىل، ھېساپ، رەسىم ۋە ناخشا ئۆگىتىشنى؛ 14 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈرلەرگە ئوتتۇرا مەكتەپ ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارغا تارىخ، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ جىسمانىي تەربىيە ساغلام بەدەن كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى، ئەخلاقىي تەربىيە ساغلام بەدەن كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى، ئەخلاقىي تەربىيە ئىپىخارلىق ۋە باتۇر، ئوچۇق كۆڭۈل مىجەز يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ياشلار ئوتتۇرا مەكتەپىنى پۈتتۈرىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۇ لۇكېئان بىلىم يۇرتىغا ئاچقان. ئارىستوتېلنىڭ مەكتەپ ئېچىشىنى پادىشاھ ئالېكىساندىر تازا قوللىغان، ئۇ، ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ 160 مىڭ تىللا رەسخوت ئاجرىتىپ بەرگەن. ئارىستوتىل بىلىم يۇرتىدا ياۋرۇپا بويىچە تۇنجى كۈتۈپىخانا قۇرۇپ، تەبئى پەن ۋە قانۇنغا دائىر نۇرغۇن كىتاپلارنى ساقلىغان. ئالېكساندىر يەنە پۈتۈن مەملىكەتكە، ئوۋچىلار ۋە بېلىقچىلار غەلىتە ھايۋانلارنى تۇتۇۋالسا ئارىستوتېل ئېلىپ كېلىپ بېرىشلىرى كېرەك. دەپ پەرمان چىقارغان. ئارستوتېل بىلىم يۇرتىدا بىئولوگىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، دائىم ھەرخىل ھايۋانلارنى ئوپىراتسىيە قىلغان. سانسىز قېتىملىق ئوپىراتسىيە ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى_ئوقۇغۇچىلار مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقىغان: ھايۋانات قانچە تەرەققىي تاپقان بولسا، ئۇنىڭ ئورگانىزىمىنىڭ فۇنكىسىيىسى شۇنچە مۇرەككەپ بولىدىكەن. ئارىستوتېل دەرستىن سىرت ۋاقتلاردا يەنە نۇغۇن پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ شەكىل بىلەن ماددا بىر _ بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. دەپ قارىغان ھەمدە ئۇستازى پلاتوننىڭ چىنلىقنى «ئىنسان ئىدرىگى» دېگەن ئىدىيالىستىك نۇقتىنەزىرىگە قوشۇلمىغان. ئۆر يەنە ھايات ۋە دۇنيا _ ھەرىكەت دېمەكتۇر، ھەرىكەت بولمىسا زامان. ماكان ۋە ماددىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بۇلاردا مەلۇم دىيالىكتىك نۇقتىنەزەر بار. ئۇ يازغان «قورال نەزىرىيىسى» دېگەن كېتاپ دۇنيا بويىچە مۇكەممەل بولغان تۇنجى لوگىكا ئەسىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئارىستوتېل ئۆلۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا قارىشى تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ چىقىپ ئايلىنىپ يۇرۈپ دەرس ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغان. بۈگۈن، ئادەتتىكى چاغلاردىكىگە ئوخشاش يۇقۇرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ دەرس ئۆتۈپتۇ ۋە پەلسەپە مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپتۇ. غۇر - غۇر شامال يىرقتىن كېلىۋاتقان ئاتنىڭ چاپقان ئاۋازىنى ئلىپ كېلىپتۇ. كىم كەلگەندۇ؟ _ ئوقۇغۇچىلار قارىسا، بىر ئوقۇغۇچى ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. _ مۇئەللىم، تۇتسىلا! _ دەپتۇ ھېلىقى ئوقۇغۇچى سەكرەپ ئاتتىن چۈشۈپ ۋە تىزگىن بىلەن قامچىنى ئارىستوتېلغا تۇتقۇزۇپتۇ. _ نېمە ئىش بولدى؟ _ دەپ سوراپتۇ ئارىستوتېل تەمكىن ھالدا. _ چاتاق بولدى! ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ! چاققان قاچىسلا! _ ھودۇقماي سۆزلە! _ مۇئەللىم، ئالېكساندىر ئالىلىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئافىنالىقلار غالجىرلىق بىلەن ماكىدۇنىيىنىڭ ئىرادە قىلىشىغا قارشى تۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالېكىساندىرنىڭ ئۇستازى دەپ پاش قىلىشتى. ھازىر ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتشقا كېلىۋاتىدۇ، تېز قېچىپ كەتسىلە! _ ھەي، ئەركىن ئىلمىي ئېقىمنى ئىجات قىلغان مەن، ئاخىر بېرىپ ئەركىن بولالمايدىغان بولۇپتىمەن _ دە! _ دەپ ئۇھ تارتىپتۇ ئارىستوتېل. ئارىستوتېل نائىلاج ئۆز يۇرتى _ جوپىيە ئارىلىنىڭ كالكاس دېگەن شەھىرىگە پانا ئىزلەپ قېچىپ كېتىپتۇ. 2 - يىلى يازدا، قەدىمقى يۇناننىڭ بۇ ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ئارىستوتېل | UyghurWiki | UyghurWiki