UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ>جاكۇرېي< قوزغىلىڭى

>جاكۇرېي< قوزغىلىڭى

بەش مىڭ يىل كرېسى ئۇرۇشىدىن تۆت يىل كېيىن، فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅳ ئەنگىلىيىدىن ئەنتىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى جون Ⅱ تەختكە چىقىپ، ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە بىلەن ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىشقا بەل باغلىدى. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 1356 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئاتىسى فىلىپ Ⅳ گە ئوخشاش ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاننىڭ ئۈستىگە، ئەنگىلىيە قوشۇنىغا ئەسىر چۈشتى. ئەنگىلىيە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، فىرانسىيىدىن نۇرغۇن مال - دۇنيا شۈلۈۋالدى. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن تەڭ، پۈتكۈل فرانسىيە پاتىپاراق بولۇپ كەتتى.شاھزادە ئۇرۇش راسخودى توپلاش ۋە پادىشاھنى پۇل تۆلەپ قايتۇرۋېلىش كويىدا، كەڭ كۆلەمدە مۇستەبىت ئىستىبداتلىق يۈرگۈزۈپ، پارىژ خەلقىنىڭ ئىسيان كۆتىرىشىگە سەۋەب بولدى. شاھزادە ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، 1358 - يىلى باھاردا پارىژدىن قېچىپ چىقتى ۋە پۈتكۈل پايتەختنى قامال قىلىۋېلىپ، شەھەر خەلقىنى ئاچارچىلىق خەۋپىگە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارمۇ تۇشمۇ تۇشتىن قوزغىلىپ ئاقسۆڭەكلەر ۋە خوجىدارلارغا قارشى تۇردى. شۇ يىلى ئىيونغا كەلگەندە، قوزغىلاڭ تېزلا پارىژ ئەتراپىدىكى ئۆلكىلەرگىچە كېڭىيىپ، فرانسىيىنىڭ شىمالىنى قاپلىدى. قوزغىلاڭچىلار پارىژ خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتمۇ ئورناتتى. قوزغىلاڭچىلار داھىسى ھەربى ئىشلار تەجرىبىسىگە باي بىر دېھقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسىمى گىللوم كارل ئىدى. ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرى ناھايىتى ئاددى بولسىمۇ، خەلقنى قوزغىلاڭغا سەپەرۋەر قىلىشتا ناھايىتى زور چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئىدى. - دېھقان قېرىنداشلار! ئېلىمىز فرانسىيىنى كىم قالايمىقان قىلدى؟ ئاقسۆڭەك، چەۋەنداز، تۆرىلەر )تۆرە - چەۋەندازلارنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، چەۋەندازلىققا كۆتىرىلىش ئالدىدىكى مەنسەپ!( ئەگەر بىز ئۇلارنى يوقاتساق، ھەممىمىز ياخشى كۈن كۆرىمىز! قېرىنداشلار، مېنىڭ ئارقامدىن مېڭىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈڭلار، بىرىنىمۇ قالدۇرماڭلار! ئوردا - سارايلىرىنى كۆيدۈرۈڭلار، بىرىنىمۇ قويماي كۆيدۈرۈڭلار! غەزەپكە كەلگەن كىشىلەر تەڭلا چۇقان سېلىشتى؛ >ئاقسۆڭەكلەرنى يوقىتايلى، تەل - تۆكۈس يوقىتايلى!< قوزغىلاڭچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 100 مىڭ كىشىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ناھايىتى تارقاق ئىدى:چۇماق - كالتەك، پىچاق - قىڭراقتىن باشقا قورال - يارىقى يوق ئىدى. ئۇلار ھەمىشە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاقسۆڭەك، قورۇق ئىگىسى ۋە چەۋەندازلارنىڭ قورغان - سارايلىرىغا ئويلىمىغان يەردىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قويماي ئۆلتۈرۈپ، تۇرار جايلىرىنى تامامەن ۋەيران قىلىپ تاشلايتتى، فېئوداللىق جەمئىيەت خاتىرىلىنىدىغان خاتىرە - دەپتەرلەرنى كۆيدۈرەتتى. ئاقسۆڭەك، قورۇق ئىگىلىرى قورققىنىدىن بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ، يىراق - يىراقلارغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىناتتى. قوزغىلاڭچىلار يول بويى قوشۇنىنى كېڭەيتىپ باراتتى. نۇرغۇن شەھەر كەمبەغەللىرىمۇ قوشۇنغا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور بولغان بىر قوشۇننىڭ ئادەم سانى 6000 دىن ئاشقان ئىدى. كارل، تارقاق قوشۇننى بىرلەشتۈرۈشكە شۇنچە ھەركەت قىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ زادىلا مۇمكىن بولمىدى. تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ئاقسۆڭەك، قورۇق ئىگىلىرى ناھايىتى تېزلا ئويغاندى. تۈرلۈك ئەكسىيەتچىل كۈچلەر تېزلا بىرلەشتى. شاھزادىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى ناۋاررا پادىشاھلىقىنىڭ >ئادەمخورى< چارلېس، قېيناتىسى ئەسىرگە چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيىدە نۇرغۇن ھۇجرىلىرى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ كۆپلەپ ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇردى، ھەتتا فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان ئەنگىلىيە فېئودال قورۇق ئىگىلىرىمۇ فرانسىيىدىكى ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ تەلەپ قىلىشى ئارقىسىدا، قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتتى. بىر قېتىم قوزغىلاڭچىلار 300 ئاقسۆڭەك ئايال موئى - راناغا قېچىپ كەپتۇ، شاھزادىنىڭ خوتۇنىمۇ بار ئىكەن، دەپ ئاڭلاپ، شۇئان 9000 ئادەم بىلەن ئۇ يەرگە باردى، بۇلار شەھەر تۈۋىگە يېتىپ بارغاندا، شەھەردىكى كەمبەغەللەر شەھەر قوۋۇغىنى ئېچىپ بۇلارنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ قويدى، ئاقسۆڭەك ئاياللارنىڭ ھەممىسى شەھەردىكى، ئەتراپنى بىر دەريا دەۋر قىلىپ ئاقىدىغان، ناھايىتى مەزمۇت بىر قورغاندا يېتىپ - قوپاتتى، بۇلار كىيىم - كېچەكلىرى ماتا - خامدىن تىكىلگەن، چوماق كالتەك كۆتۈرگەن دېھقانلارنىڭ قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ۋاقىراپ - جاقىراشتى: >جاكۇرېي< لار كەلدى، ۋاي ...>جاكۇرېي< لار...!< >جاكۇرېي< - سەھرالىق دېگەن سۆز بولۇپ، بۇ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، دېھقانلارنى كەمسىتىپ ئېيتقان سۆز ئىدى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان ئىدى. بۇ چاغدا ئەنگىلىيىلىك بىر فېئودال قورۇق ئىگىسى زور بىر تۈركۈم ساقچى ئېلىپ مو - ئى - رانادىكى ئاياللارنى يوقلىغىلى كەلدى. بۇلارنىڭ قورال - ياراقلىرى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قورغانغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ئاتاكىغا ئۆتتى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ سېپى بەك زىچ، قورال - ياراقلىرى ئوسال بولغانلىقتىن، ئەنگىلىيە ساقچىلىرى ئاتاكىغا ئۆتۈشى بىلەنلا، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سېپى قالايمىقانلىشىپ، ھەش - پەش دىگىچىلا بىر - بىرىنى دەسسەپ - چەيلىشىپ چېكىندى. بۇ چاغدا مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغان فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى، چەۋەندازلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ >جاكۇرېي< لارنى غەزەپ بىلەن قىر - چاپ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار ئالا - توپىلاڭ ئىچىدە چېكىنىپ، يول بويى قانلىق قىرغىن قىلىندى. قىرىپ - چېپىپ ھېرىپ قالغان ئاقسۆڭەك، ساقچىلار، قوزغىلاڭچىلارنى توپ - توپى بىلەن دەريا بويىغا قوغلاپ بېرىپ، دەرياغا چۈشۈرۈپ ئۆلتۈرۇۋەتتى. بۇ كۈنى >جاكۇرې<لاردىن 7000 دىن كۆپرەك كىشى ئۆلدى. ئاقسۆڭەك، ساقچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوت قويۇپ شەھەرنى كۆيدۈردى. شەھەردىكى كەمبەغەللەرنى >جاكۇرېي< لارغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن تامامەن ئۆلتۈرۈۋەتتى. 10 - ئىيۇن، كارل باشچىلىق قىلغان دېھقانلار قوشۇنى >ئادەمخور< چارلېس باشچىلىق قىلغان قوشۇن بىلەن بۇۋى رايونىنىڭ مەيلۇ دېگەن يېرىگە يېقىن بىر جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. دېھقانلار قوشۇنىنىڭ ئادەم سانى 0007 - 6000، >ئادەمخور< چارلېسنىڭ ئادىمى تەخمىنەن مىڭ كىشىلا ئىدى. بۇ قېتىم >جاكۇرېي< لار رەتلەپ سەپ تۈزدى، تەشكىلىي ئىنتىزامى قاتتىق، قورال - جابدۇقلىرى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، >ئادەمخور< چارلېس يەڭگىللىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىدى. ھىلە - مىكىر ئىشلىتىپ، كارلنى تەنپەنگە تەكلىپ قىلدى. كارل، دۈشمەننىڭ شېرىن سۆزىگە ئىشىنىپ تەنپەنگە باردى. ئويلىمىغان يەردىن دۈشمەن لاگىرىغا كىرىشى بىلەنلا، چارلېس بۇيرۇق بېرىپ ئۇنى تۇتقۇزدى. ئاقسۆڭەكلەر قىپ - قىزىل قىلىپ قىزىتىلغان تۆمۈر ھالقىنى پادىشاھ تاجىسى دېگەن مانا مۇشۇ، دەپ ئۇنىڭ بېشىغا كىيگۈزۈپ، قاتتىق ئازابلىغاندىن كېيىن، ئۆلتۈرۈۋەتتى، داھىسىنى يوقاتقان قوزغىلاڭچىلار ئاخىرقى ھېسابتا دۈشمەن تەرىپىدىن بىتچىت قىلىپ تاشلاندى. شۇندىن كېيىن، ئاقسۆڭەك، فېئودال قورۇق ئىگىلىرى فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى دېھقانلاردىن ياۋۇزلارچە ئۆچ ئالدى. ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا 20 مىڭغا يېقىن ئادەمنى قىرىپ ئۆلتۈردى، قېرى، ئاجىز، ئەر - ئايال، چوڭ - كىچىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ۋەھشى قىرغىندىن ئامان قالمىدى. بۇلارنىڭ ئۆي - جايلىرى ۋەيران قىلىندى، ئاشلىق - تۈلۈكلىرى كۆيدۈرۈلدى، يېزا - مەھەللىلەر چۆللەشتى. >جاكۇرېي< قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتا بىر شائىر مۇنداق نەزمە يازغان ئىدى: جاكۇرېيچىلار ئىسيان قىلىپ بۇۋىدا، ئېسىلزادە جەمەتنى ئۆلتۈردى. تالان قىلىپ مال - مۈلكى ۋە جېنىنى، ئۆي - ۋاقىنى بۇزۇپ، چاقتى، كۆيدۈردى. ۋادەرىخا، جاكۇرىيچىلار يېڭىلىپ، ئېسىلزادە، چەۋەندازلار ئالدى ئۆچ. ۋالويادا، پىكارىدا، شاماندا، جاكۇرېيچىلار بۇ قىسمەتكە كەلدى دۇچ. مىدىئى رانا، پارىژدا، ھەر جايلاردا، جاكۇرېيچىلار ئۆلتۈرۈلدى ئېسىلىپ. نۇرغۇن جەسەت ئېتىزلارغا تاشلاندى، ئادەم بېشى ھايۋان كەبى كېسىلىپ، ئاھ، بىچارە شۇ ئاق كۆڭۈل دېھقانلار، تۈگەپ كەتتى پاجىئەلىك قىرىلىپ! >جاكۇرې< قوزغىلىڭىدىن ئىككى يىل كېيىن، فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە تىنچلىق كېلىشمى تۈزدى. فرانسىيە - ئەنگىلىيە 100 يىللىق ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلاشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنگىلىيە قوشۇنىغا ئەسىر چۈشكەن جون، تۈرمىدە ئۆلۈپ، پادىشاھلىق تەختىگە شاھزادە چىقتى، ئۇ ئۆزىنى چارلېس Ⅴ دەپ ئاتىدى. بۇ چاغدا >جاكۇرېي< قوزغىلىڭىدىن قورقۇپ كەتكەن ئاقسۆڭەكلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن چارلېسنى قوللاپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بەردى. چارلېسⅤ ھەربى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇردى. 1369 - يىلى فرانسىيە قوشۇنى ئەنگىلىيە قوشۇنىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە - ئەنگىلىيە 001 يىللىق ئۇرۇشىنىڭ 2 - باسقۇچىنى باشلىدى. بۇ ئۇرۇشتا فرانسىيە قوشۇنى توپ - زەمبىرەكلەرنى كەڭ ئىشلىتىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ قورغانلىرىنى توپقا تۇتتى. ئەنگىلىيىنىڭ تاش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق پۇختا قورغانلىرى ئاخىرى بۇزۇلۇپ، فرانسىيە قوشۇنى ناھايىتى زور غەلىبە قازاندى. 1380 - يىلىغا كەلگەندە، چارلېس Ⅴئۆلىدىغان چاغدا، فرانسىيە قوشۇنى پۈتۈن زېمىنىنى ئاساسەن قايتۇرۇۋالدى. ئەنگىلىيە قوشۇنى قەدەممۇ قەدەم چېكىندى، ئەنگىلىيىنى قاتتىق ۋەھىمە باستى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئەنگىلىيىدىمۇ ھەيۋەتلىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاشقا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ