UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمۇغۇل خاندانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

مۇغۇل خاندانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل ھىندىستان دىپلوماتلىرىنىڭ مۇراسىم كىيىملىرىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ شۇنداق قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ چاپىنى قارا، ئىشتىنى تار، مەيدە يانچۇقى يوق چاپىنىنىڭ ئالدى تىزىقتەك قاتار تۈگمىلەر بىلەن ئېتىلگەن ھالدا بەلنى قورۇپ تۇرغانلىقىنى، پاقالچىقى ئاق لاتا بىلەن ئورىۋېلىنغان بولۇپ، بەئەينى چەۋەندازلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنداق كىيملەرنى كۆرسىڭىز، ئېھتىمال: ھىندىستان دېگەن ئىسسىق بەلباغ، پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى كەڭتاشا كىيىم كىيىشكە ئادەتلەنگەن تۇرسا، دىپلوماتلىرى نىمىشكە بۇنداق كىيىنىدىغاندۇ؟ دەپ ھەيران قالارسىز. ئەسلىدە بۇ ھىندىستاننىڭ يەرلىك كىيىمى ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى مۇغۇل خاندانلىقىنىڭ مۇراسىم كىيىملىرى ئىدى. مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغۇچىلار ھىندىستانلىق ئەمەس. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركلەر ئىدى. بۇ كىيىملەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئاشۇ تۈركلەردىن ھىندىستانغا تارقالغان. ئۇنداقتا، بۇ پوسوندىكى كىيىملەر ھىندىستانغا قانداق كىرگەن؟ مۇغۇل خاندانلىقى قانداق قۇرۇلغان؟ بۇ ۋەقەنى مىلادى 1505 - يىلدىن باشلاپ سۆزلەش كېرەك. شۇ يىلى 1 - ئايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەر مىللەت ئاتلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان 4000 كىشلىك قوشۇن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېگىز تاغ - داۋانلاردىن ئۆتۈپ ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا بېسىپ كىردى. بۇ ئاتلىقلار ھىندى پۇقرالىرىنىڭ چارۋا ۋە ئاشلىقلىرىنى بۇلاپ بولۇپلا يەنە قۇيۇندەك كېتىپ قالدى. بۇ قوشۇننىڭ باشلىقى زوھوردىن مۇھەممەت بابۇر ئىدى. ئۇ، 1483 - يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان، بابۇر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى مۇڭغۇل بولمىسىمۇ، لېكىن بابۇر چاقىرىق قىلىشقا پايدىلىق بولۇشنى كۆزلەپ، ئۆزىنى ئانا جەمەتتە مۇڭغۇل چىڭگىزخانغا تۇتىشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ: مەن ئاقساق تۆمۈرنىڭ 6 - نەۋرىسى دەۋالغاچقا، كېيىنكى كۈنلەردە كىشىلەر خاتا ھالدا مۇغۇل دەۋالغان. بابۇر كىچىكىدىنلا باتۇر ھەم قەيسەر بولۇپ، ئۆگىنىشكە تىرىشچان ئىدى. ئۇ 11 يېشىدا تاشكەنتتە ئەمىر بولغاندىن باشلاپ، تۈرك تىلى بىلەن كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇپەسسەل بايان قىلدى. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىلىرىنى «بابۇرنلىق» ناملىق كىتاب قىلىپ رەتلەپ چىقتى. بۇ كىتابتا ئۇنىڭ 14 يېشىدا ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، بۇرۇنقى تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنتكە ھۇجۇم قىلغانلىقى، 1505 - يىلىدىن باشلاپ ھىندىستانغا تۆت قېتىم باستۇرۇپ كىرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇ 1525 - يىلى، ھىندىستانغا 4 - قېتىم باستۇرۇپ كىرگەندە، ھىندىستان پارچە - پارچە بۆلۈنمە ھالەتتىكى دۆلەت ئىدى. بۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ پايتەختى دېھلىدا تۇرۇشلۇق سۇلتان ئىبراھىم رود ئىدى. بۇ ناھايىتى زالىم سۇلتان بولۇپ، يېنىدىكى مەنسەپدارلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىپ، يەنە پەنجاپنىڭ باش ۋالىيسىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى قەستلىگەچكە، ئۇ باش ۋالىي بابۇرنىڭ ئالدىغا پاناھ ئىزدەپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. بابۇر مۇشۇ پۇرسەتتە 18 ياشلىق ئوغلى ھۇمايۇننى ئېلىپ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، پەنجاپنىڭ مەركىزىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۆزىنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەن پەنجەپنىڭ باش ۋالىيسىنى قاماپ قويۇپ، دېھلىنىڭ سۇلتانى بىلەن يانىپاتتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. بابۇر 25 مىڭ ئادەم باشلاپ بېرىپ يانىپاتنى ئاۋۋال ئىگەللىۋالدى. ئۇ ئوق - ياچى ۋە ماۋزۇچىلارغا شەخسەن ئۆزى باش بولۇپ ئوڭ قانات بولدى، ئوغلى ھۇمايۇننى ئاتلىقلارغا باش قىلىپ سول قانات قىلدى ھەمدە ئاكوپ ۋە ئورمانلارنى ئىھاتە قىلغان ھالدا قاپ ئوتتۇرىغا 700 دانە ئوغۇز توپ ھارۋىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گېزى كەلگەندە ھەيدەشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەر ئىككىسى ھارۋىنى بىردىن گۇرۇپپا قىلىپ تاسما بىلەن چېتىپ قويدى. بابۇر شۇ ھالەتتە سەككىز كۈن ساقلىدى، ئىبراھىم جەڭگە چىقمىدى. بابۇر تىت - تىت بولۇپ كېتىپ 4000 ئاتلىقنى ئەۋەتىپ جەڭ ئېلان قىلدى. ئىبراھىم تەخىر قىلىپ تۇرالماي 100 مىڭ ئادەم ۋە مىڭ پىل بىلەن جەڭگە چۈشتى. 1525 - يىل 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، تاڭ يورۇغان ھامان ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭنى باشلىۋەتتى. «شەھەرگە ئاتاكا قىلىڭلار! بابۇرنى ماڭا تۇتۇپ بېرىڭلار!» - ئىبراھىم 200 مىڭ ئادەمگە قوماندانلىق قىلىپ ئوق ياغدۇردى. پارتلاتقۇچ دورىلار ھىندى ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ پاراسلاپ ئېتىلىشقا باشلىدى. بابۇرنىڭ قوشۇنى تۈركلەر، پارسلار ۋا ئاففانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەم ئوق - يا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ھەم پارتلاتقۇچ دورىلارغا باي ئىدى. بىر سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا ھىندى ئارمىيىسىدىن نەچچە يۈزلەپ ئادەم ئۆلۈپ شەھەر يېنىغا يىقىلدى. شەھەرنى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئىبراھىم يەنە بەش تۈمەن كىشىنى ھۇمايۇن قوماندانلىقىدىكى سول قاناتقا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. _ ھودۇقماڭلار، تەمكىن تۇرۇڭلار، ئۇلار مېنىڭ قانداق ئەدەبلەيدىغانلىقىمىنى كۆرۈپ قويسۇن! - بابۇر بىر تەرەپتىن، ئوغلىغا شۇنداق دەپ ئىلھام بەرسە، بىر تەرەپتىن، 700 دانە توپ ھارۋىسىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلىدى ھەمدە ئوڭ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ھىندىستان ئارمىيىسى قورشاۋدا قالدى. ئەسكەرلىرى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى ۋە پاجىئەلىك جاراھەتلەندى. - سۇلتان جانابلىرى، ئەڭ خەۋپلىك پەيت يېتىپ كەلدى، ئەڭ ياخشىسى جانابلىرى جەڭ مەيدانىدىن چىقىپ كەتسىلە، - دېدى ئىبراھىمنىڭ ياساۋۇللىرى، - ئەگەر جانابلىرى ئامان قالسىلا، باشقا قوشۇن توپلاپ مۇغۇللار بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغىلى بولىدۇ. - سۇلتان تۇرۇپ جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كېتىش ئىنتايىن چوڭ نومۇس قاراڭلار، ئەزىز مىللىتىم، ئوفىتسېرلىرىم، سىرداش دوستلىرىم قۇربان بەرمەكتە، ئېتىمنىڭ ئەپچانىمۇ قان بىلەن بويالدى، ئەمدى مەن قەيەرگە قاچىمەن؟ ... مەن دېگەن سۇلتان، دوستلىرىمغا ئوخشاش قان تۆكۈپ ئۆلىمەن! ئۇ شۇنداق دېدى - دە، جامائەتنى باشلاپ يەنە جەڭگە كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئارمىيىسى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت بولۇپ، ئارمىيىسىنىڭ 15 مىڭدىن كۆپرەكى جەسەتكە ئايلاندى، ئىبراھىممۇ جەڭ مەيدانىدىن قازا تاپتى، مانا - بۇ _ مەشھۇر پانىپات ئۇرۇشى. جەڭ مەيدانىدا ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن يەنە بىر ئەمىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە خوتۇنى ۋە بىر توپ ئوغۇل - قىزلىرى دېھلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئاگرا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. بابۇرلار دېھلى ۋە ئاگراغا غەلىبىسېرى يۈرۈش قىلغاندا ئۇلارنى تۇتۇۋالغان ئىدى. جەڭچىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ھۇمايۇن ۋەقەدىن خەۋەر تاپتى - دە، شۇ ھامانلا ئۇلارنى قوغداشقا بۇيرۇق بەردى. ئەمىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۇمايۇنگە سان - ساناقسىز ئۈنچە - مارجان، زىبۇ - زىننەتلەرنى ھەدىيە قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندىن چىققان ئېغىرلىقى بىر سەر ئۈچ مىسقاك كېلىدىغان بىر يوغان ئالماسمۇ بار ئىدى. بۇ ئالماس، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ شىركەت ئۇنى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيىگە ھەدىيە قىلدى. ئۇ ھازىرمۇ لوندون مۇزېيخانىسىدا ساقلانماقتا. مۇغۇللار دېھلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دېھلىدىكى كاتتا مەسچىتتە ناماز ئوقۇلدى ۋە نامازدىن كېيىن بابۇرنىڭ ھىندىستاننىڭ بۈيۈك پادىشاھى بولغانلىقى جاكارلاندى. بۇ _ مۇغۇللار سۇلالىسىنىڭ باشلىنىشى بولدى. بابۇر، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىپ، ھىندىستاننىڭ جاي - جايلىرىدا سەييارە چۆگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل كىيىم ھىندىستاننىڭ مۇراسىم كىيىمىگە ئايلاندى. ھىدىستان چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بابۇر بۇ يەرنىڭ ھېچنىمىسىگە قانائەت ھاسىل قىلمىدى. ئۇ سەييارە ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن، كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: «كۆرمىدىمغۇ بۇ دىياردا ئانا يۇرت تۇلپارىنى، شەربىتى تىلىنى يارار تەكلىرى قوغۇنلىنى. شىرىن خىيالىمدا ئۈزەر يۇرت تېنى، كەۋسەر سۈيى، خانغا راھەت مۇنچىسى ھەم تۈندە ماياك شاملىرى. مەن تۇرارمەن نەدىكى كۆزگە سىغماس جايلىرىدا، تەشنالىقىم ئوتتەك يانار، گۈل - چىمەن ئۆز باغلىغا.» شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 1400 دىن ئارتۇق تاشچى ھەم بىناكارلىق ئۇستىسىنى ياللاپ ئېلىپ، ئاگرادا كاتتا ئىمارەت ۋە باغچىلارنى ياسىدى. بابۇرنىڭ ئىمارەت ۋە گۈللۈك ياساش پىلانى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. پۇقرالارغا قوشۇنلىرىدىن قورقۇپ ئارقا - ئارقىدىن يۇرتلارغا قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، يېزا - قىشلاقلاردا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئىسيانلار تەرەپ - تەرەپتىن كۆتىرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىق شامال ئاپىتى بولۇپ، جەڭچىلەر ناھايىتى كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتتى. يۇقىرىقىلار بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى نەگىلا بارسا جەسۇرانە قارشىلىققا ئۇچرىدى. رادژپىتانا شەھىرىدە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ران سانگام دەيدىغان بىر مەشھۇر ئەمىر بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، سەككىز قېتىم يارىلانغان، بىر كۆزى ۋە بىر قولىدىن ئايرىلغان، ئاقساق تۆمۈرگە ئوخشاش بىر پۇتى توكۇر ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا 800 ئادەم، 500 پىلغا قوماندانلىق قىلىپ، 1527 - يىلى 3- ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇغۇللار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈچ سىناشتى. بۇ چاغدا بابۇردىكى بار - يوق كۈچ ران سانگامدىكى كۈچنىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. بۇلارنى كۆرگەن مۇغۇللار يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. بابۇر سەركە جەڭچىلەرنى يىغىپ سۆزلىدى: «باتۇرلار، ئاللىقاچان بىر مۇنچە قېرىنداشلىرىمىز قۇربان بولدى. شۇنچە بەدەل بېرىپ تۇرۇقلۇق يۇرتىمىزغا كېتىمىزمۇ؟ بىلىشىڭلار لازىمكى، زىمىنسىز، بايلىقسىز تۇرۇپ، دۇنياغا خوجا بولغىلى بولمايدۇ. باتۇرلار، قېنى ھەل قىلغۇچ بىر جەڭ قىلايلى!» ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ، جامائەت ئالدىدا بىر قەدەھ كۆتەردى - دە، قەدەھتىكى شارابنى بىر سۈمۈرۈپلا ئىچىۋەتتى ھەمدە قەدەھنى يەرگە ئۇردى ۋە ئارقىسىدىنلا شاراب كوزىسىنىمۇ تېپىپ تاشلاپ، جان تىكىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا قەسەم قىلغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈردى. ئون سائەتلىك شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق ران سانگاملار بابۇرلارنىڭ ئوت كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەي مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. بابۇر غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ رادژپپىتانا شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. شەھەرنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ھىندى دىنىدىكى سەركەردىلەر ۋە ئەسكەرلەر ئۆزىنىڭ كۆپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئالدى بىلەن پۈتۈن شەھەردىكى خوتۇن - قىزلار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، ئاندىن ئېتىلىپ چىقىپ، دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئۆلدى. بابۇر تۆت يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا شىمالىي ھىدىستاننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دېھلىغا قايتىپ كېلىپ، كاتتا بىنا، باغچا ۋە سۇ يوللىرىنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سەمەرقەنت نۇسخىسىدا ياساپ چىقىشنى داۋاملاشتۇردى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمىدى. يەنى 1530 - يىلى 12- ئايدا ئۇشتۇمتۇت كېزىك بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 48 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتى ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ ھايات ۋاقتىدا تاللاپ قويغان كابۇلدىكى جايغا قويۇلدى. بۇ مازار تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە كابۇل خەلقىنىڭ تىۋىنىدىغان مازارى بولۇپ تۇرماقتا. بابۇر ئۆلۈپ كەتكەن ھامان، شىمالىي ھىندىستاندا بۆلگۈنچىلىك ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بابۇرنىڭ چوڭ ئوغلى ھۇمايۇن تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىققا بوغۇلغان پەيتتە ئاففانلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئاففانلار ھۇمايۇننىڭ پۈتكۈل زىمىنىنى تارتىۋېلىپ، سۈر سۇلالىسىنى قۇردى. مۇغۇل ئىمپېرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى. ھۇمايۇن چەتئەلدە 15 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، 1555 - يىلىغا كەلگەندە، يىڭىباشتىن قوشۇن توپلىدى ۋە سۈر سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ماجرا بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېھلىگە قايتىپ كەلدى ھەمدە سۈر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇغۇل خانلىقىنىڭ تاجى - تەختىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈردى. مىلادى 1542 - يىل 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ھۇمايۇننىڭ كېنىزىكى، ئوردا ئۇسۇلچىسى بىر ئوغۇل تۇغدى، بۇ _ مۇغۇللار خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى مەشھۇر خاقانى ئەكبەر ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ