پاناما قانىلى
بەش مىڭ يىل
شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن - غەربكە قاراپ سوزۇلغان بىر تارچۇق بولۇپ، جۇغراپىيىدە بۇنى پاناما بوينى دەپ ئاتايدۇ.
پاناما بوينىنىڭ ئەڭ تار يېرى 60 كىلومېتىر كەلگەن بىلەن، ئەمما ئۇ پايانسىز تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيانلارنى ئايرىپ تۇرىدۇ.
نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان، كىشىلەر ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغا كېمە بىلەن كېلىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكەنىدى.
ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى پاناما بوينىنىڭ ئىككى ئوكيان قاتنىشىدىكى ئۇدۇل يول ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، يەرلىك ئەمگەكچى خەلقنى ئىشقا سېلىپ، بويۇننى كېسىپ ئۆتۈپ ئىككى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان تاشيول ياساتقان، ئۇلار ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن بۇلىۋالغان ئالتۇن - كۈمۈش بايلىقلىرىنى ئالدى بىلەن بويۇننىڭ جەنۇبىدىكى پاناما شەھىرىگە جۇغلىۋېلىپ، قۇللارغا تاشيول ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيان پورتىغا يۆتكەتكەن، ئاندىن پاراخوت كارۋانلىرى بىلەن ئىسپانىيىگە يۆتكەپ كەتكەن.
تاشيول ياسالغاندىن كېيىن، بويۇن ئارقىلىق يۈك توشۇيدىغان مۇساپە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىنى ئايلىنىپ ئۆتكەنگە قارىغاندا، قانچە ھەسسىلەپ قىسقىراپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما، كېمە - پاراخوتلار يەنىلا بىۋاستە ئۆتەلمىدى، يۈك بېسىش ۋە چۈشۈرۈشمۇ بىر نەچچە كۈن كېچىكتۈرۈلدى، شۇڭا، ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىرى بويۇندىن بىۋاستە ئۆتىدىغان بىر قانال قېزىشنى پىلانلىدى ۋە كونكرېت رەسمىيەت تۈزدى. ئەمما، ئاخىرىدا بۇ پىلاننى پادىشاھ ئىنكار قىلدى.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىر داۋامىدا ئىنگىلىزلەر، فرانسۇزلار ۋە ئامېرىكىلىقلار بويۇن قانال قېزىشنىڭ پىلانلىىرنى تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى.
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا، پاناما بوينىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بىر تۆمۈر يول ياسايدۇ. ئۇ چاغدا، پاناما مۇستەقىل بولغىلى ئانچە ئۇزاق بولمىغان كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئىدى. ئامېرىكا، بويۇننىڭ تۆمۈر يول قاتنىشىنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىلگىرىلەپ بويۇنغا قانال ياساش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
فرانسىيىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي، 1878 - يىلى بويۇن قانىلىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، فرانسىيە قانال شېركىتى قۇرۇلدى. ئەمما قانالنى قېزىشقا كىرىشمەكچى بولغاندا، ئامېرىكا تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە، فرانسىيە قانال شىركىتى، ئامېرىكا تۆمۈر يول شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئېغىر شەرتلەرگە مەجبۇرىي ماقۇل بولۇپ، ياسىلىش تەننەرخى 7 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان پاناما تۆمۈر يولىنى يۇقىرى باھادا 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالدى.
1881 - يىل 3 - ئايدا، فرانسىيە قانال شېركىتى قانال قېزىشنى رەسمىي باشلىدى. دەسلەپكى بەش يىلدا، نېگىرلار، ھىندىئانلار ۋە باشقا ئەللەردىن بولۇپ 15 مىڭ ئىشچى دائىملىق ئەمگەك قىلدى. بۇ جەرياندا سېرىق قىزىتما ۋە بەزگەك كېسەللىرى بىلەن سان - ساناقسىز ئەمگەكچىلەر ئۆلۈپ كەتتى، 1882 - يىلىغىچە 55 مىليون كۇب مېتىر تۇپا قېزىلغان، بۇ سان سۇۋەيش قانىلىنى قازغان پۈتكۈل كۇب مېتىر توپا سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىگە توغرا كەلسىمۇ، ئەمما بۇ قانالنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ناھايىتى يىراقتا تۇراتتى. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا، بۇ شېركەت ۋەيران بولدى. قۇرۇلۇش توختاپ قالدى.
1894 - يىلى، فرانسىيە يەنە يېڭىدىن قانال شېركىتى تەشكىللىدى، ئەمما ئالتە يىلدىن كېيىن قۇرۇلۇش يەنە توختاپ قالدى. 20 يىللىق قېزىش جەريانىدا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئورۇندالدى.
فرانسىيە قانال شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئامېرىكىنى ھەددىدىن زىيادە خۇشال قىلدى. بىر قۇر سودىلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا، فرانسىيە قانال شېركىتىنىڭ بارلىق مۈلۈك ۋە ھوقۇقلىرىنى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئەرزان باھادا سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قانالنى قېزىش شارائىتلىرىنى ھازىرلىدى، ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى كولۇمبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى، بۇنداق بولمىغاندا، ئامېرىكا ئىش باشلىيالمايتتى.
دەل مۇشۇ چاغدا، كولۇمبىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇرۇش يۈز بەردى، ئامېرىكا يەنە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كولۇمبىيە ھۆكۈمىتىنى 1903 - يىل 1 - ئايدا، تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستىدى. شەرتنامىدە: كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى سېتىۋېلىشلىرىغا قوشۇلىدۇ. ئامېرىكا قانالنى قېزىش، باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش ھوقۇقىغا، ھەتتا قانال رايونىدا قوشۇن توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەندى.
كولۇمبىيە خەلقى شەرتنامىگە ئىنتايىن غەزەپلەندى. شەرتنامە كولۇمبىيىنىڭ قانال رايونىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامدا ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنى ئۇ يەردە ئەڭ يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە قىلىپ، شۇ ئاساستا مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا پارلامېنت بۇ شەرتنامىنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى نومۇس دەردىدە غەزەپلىنىپ، بۇ يىلى 11 - ئايدا بىر سىياسىي ئۆزگىرىشكە باشچى بولۇپ، كولۇمبىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانىنى قولغا ئالدى. نەتىجىدە پاناما كولۇمبىيىدىن ئاريلىپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىككى كۈندىن كېيىنلا يېڭىدىن قۇرۇلغان پاناما جۇمھۇرىيىتىنى دەرھال ئېتىراپ قىلدى، بۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە ئالداش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ ھوقۇقسىز ئامېرىكا - پاناما شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى.
ئامېرىكا - پاناما شەرتنامىسىدە: پاناما قانال رايونىدا، 16 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى جايلارنى ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىشلىتىشىگە، ئىگىلىشىگە ۋە تىزگىنلىشىگە بېرىدۇ؛ ئامېرىكا بويۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پاناما شەھىرى ۋە كولۇن شەھەرلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ھوقۇقىغا ھەمدە ساقچى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئىشلىتىشكە ياكى قەلئە قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەندى. >باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش< نى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شەرتنامىدە يەنە ئامېرىكا، پاناما جۇمھۇرىيىتىگە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدۇ؛ شەرتنامە ئۈنۈمگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 9 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يەنە 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
1904 - يىلى، ئامېرىكا قانال قېزىشى رەسمىي باشلىدى. ئامېرىكا بۇرۇن فرانسۇزلارنىڭ قازغانلىرى ئاساسىدا ئىش باشلىغانلىقى ۋە چۈشۈرگە شەكىللىك قانال قىلىپ ياسىغانلىقى ئۈچۈن، قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتى تېزرەك بولدى. 1914 - يىلى قۇرۇلۇش ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، ئىككىنچى يىلى قاتناش باشلاندى. 1920 - يىلى رەسمىي ئېچىلدى.
لايىھىگە ئاساسەن، قانالنىڭ يېرىم ئۇزۇنلۇقىدا بويۇندىكى كاتون كۆلىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلدى. ئەمما كاتون كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 25 مېتىر ئېگىز بولغاچقا، دېڭىزدىن كەلگەن پاراخوت قانالغا كىرىش ئۈچۈن، 25 مېتىر ئېگىز بولغاچقا، دېڭىزدىن كەلگەن پاراخوت قانالغا كىرىش ئۈچۈن، 25 مېتىر ئېگىزلىشى، قانالنىڭ يەنە بىر بېشىغا بارغاندا، چىقىپ كېتىش ئۈچۈنمۇ يەنە 25 مېتىر پەسلىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قانالنىڭ ئىككى بېشىغا پاراخوتلارنى چىقىرىپ - چۈشۈرەلەيدىغان غايەت زور ئۈچ چۈشۈرگە ياسالدى.
ئۈچ چۈشۈرگىگە جەمئىي 12 چۈشۈرگە ئۆيى ياسالدى. ھەر بىر چۈشۈرگە ئۆيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 305 مېتىر، كەڭلىكى 33 مېتىر، ئېگىزلىكى 25 مېتىر بولۇپ، ھەممىسى پولات چىۋىقلار بىلەن بېتوندا ياسالدى. چۈشۈرگە تاقىقىنىڭ ھەر بىر گۇرۇپپىسى، ھەر بىر قانىتى نەچچە يۈز توننا كېلىدىغان ئىككى قاناتلىق قىلىپ ياسالدى. چۈشۈرگە ئۆيىگە ناھايىتى زور ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتر پاراۋوز ئورنىتىلدى.
پاراخوت چۈشۈرگىگە كەلگەندە، چۈشۈرگە ئۆيىنىڭ بىر بېشىدىكى تاقاق ئېچىلىدۇ - دە، ئېلېكتر پاراۋوز پاراخوتنى چۈشۈرگە ئۆيىگە سۆرەپ كىرىدۇ؛ ئاندىن كېيىن، تاقاق يېپىلىدۇ ۋە چۈشۈرگە ئۆيىگە سوقۇلدۇرۇش بىلەن پاراخوت ئۆرلەيدۇ. چۈشۈرگە ئۆيىدىكى سۇ قانالنىڭ سۇ يۈزى بىلەن تەڭلەشكەندە، يەنە بىر بېشىدىكى تاقاق ئېچىلىدۇ ۋە پاراۋوز پاراخوتنى قانالغا سۆرەپ چۈشۈرىدۇ. پاراخوت قانالدىن چىقىپ كېتىدىغاندا بولسا، پاراخوت چۈشۈرگە ئۆيىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، چۈشۈرگە ئۆيىدىكى سۇ تارتىپ چىقىرىلىپ، بۇ ئۆيدىكى سۇ يۈزى دېڭىز يۈزى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلىدۇ؛ ئاندىن كېيىن تاقاق ئېچىلىپ پاراخوت سۆرەپ چىقىرىلىدۇ، شۇئان پاراخوت دېڭىزغا كىرىپ كېتىدۇ.
پاناما قانىلى غەربتىكى لىستوبالدىن شەرقتىكى بالبويىگىچە 68 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئوكيانغا كىرىشكەن قىسمىنى قوشقاندا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 81.3 كىلومېتىر كېلىدۇ، كەڭلىكى 91 مېتىردىن 304 مېتىرغىچە كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چۈشۈرگە شەكىللىك بۇ قانال، خۇددى پاناما بوينىغا سېلىنغان كۆۋرۈككە ئوخشاش، ئېغىرلىق 45 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان پاراخوتلارنى ئۆتكۈزەلەيدۇ.
پاناما قانىلى پۈتتۈرۈلگەندىن كېيىن، دۇنيا بويىچە مۇھىم دېڭىز يولى بولۇپ قالدى. ئۇ تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ، پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىن، كانادانىڭ ۋانكۇۋېرغا مۇشۇ قانال ئارقىلىق بارغاندا، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ماگېللان بوغۇزى بىلەن ئايلىنىپ كەلگەنگە قارىغاندا، يۈرۈش مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقىرىدۇ. نيۇ - يوركتىن ياپونىيىنىڭ يوكوخاماغىچە بولسا، يۈرۈش مۇساپىسى 5000 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقىرىدۇ، بۇنداق قولايلىق، تەبىئىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى، ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىقى ئۈچۈن غايەت زور پايدا بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى ئامېرىكىنىڭ >بويۇندىكى ھايات لىنىيىسى< دەپ ئاتىدى.
ئەمما، ئۇ >ھايات لىنىيىسى< مىڭلىغان، مىليونلىغان ئىشچىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان، پاناما قانىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى كاتتا بولۇپ، 180 مىليون كۇب مېتىر چوڭلۇقتا قېزىلغان. دەسلىپىدە، 45 مىڭدىن كۆپرەك ئىشچى قېزىشقا قاتناشقان. بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىن كەلگەن نېگىرلار بولۇپ، قالغانلىرى ئىتالىيانلار، ئىسپانلار، گرېكلار ۋە جۇڭگولۇقلار ئىدى. 1908 - يىلىدىن كېيىن، ئاز ساندىكى ئامېرىكىلىق تېخنىك ئىشچىلاردىن باشقا، قانال قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك نېگىرلار ۋە سېرىق تەنلىكلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
قانالنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى ئىپتىدائىي ئورمانلىقلار، ئىسسىق بەلباغ سازلىقلىرى ۋە تاغ - جىرالار بولۇپ، ئىشچىلار سەرتان تومۇز ۋە جۇدۇن - چاپقۇنلاردىمۇ ئوچۇقچىلىقتا ئىشلىدى ۋە ھەمىشە دېگۈدەك ياۋا مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلدى. ئۇ يەردە نەگىلا بارسا زەھەرلىك پاشا، سېرىق قىزىتما كېسەللىرى ناھايىتى غالجىر بولغاچقا، قانال ياساش داۋامىدا جەمئىي 70 مىڭ ئادم ئۆلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانالنىڭ ھەر بىر مېتىرى بىر ئىشچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان! شۇڭا، قانال قازغۇچى ئىشچىلار پاناما قانىلىنى >ئۆلۈم گىردابى< دەپ ئاتىغان.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پاناما خەلقى پاناما قانىلى رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىدى. ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا ئاخىر ئامېرىكىنى پاناما بىلەن قانال ئوتتۇرىسىدا يېڭى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. يېڭى شەرتنامىدە پاناما ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قانال رايونىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.