UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭنەنجىندىكى چوڭ قىرغىنچىلىق

نەنجىندىكى چوڭ قىرغىنچىلىق

بەش مىڭ يىل بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، نەنجىڭدىكى شياگۇەندىن تارتىپ يەنزىجى ئەتراپىغىچە مۇساپىرلار مىغىلداپ، 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلار ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر شاڭخەي، سۇجۇ، ۋۇشىدىن كەلەەنىدى، نەنجىڭلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قېچىپ كەلگەن بولۇپ، چوڭى ئاپئاق چاچلىق قېرىلار، كىچىكى قۇچاقتىكى بوۋاقلار ئىدى؛ بەزىلىرى يالغۇز قېچىپ كەلگەن بولۇپ، كىيىم _ كېچەك قاتارلىق نەرسە - كېرەكلىرىنى بوپا قىلىپ يۈدۈۋالغان ياكى بەزىلىرى ئەسكى چامادانلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى؛ ئۇلار ئىچىدە ئالدىنقى سەپتە يارىدا ربولغان ئەسكەرلەرمۇ بولۇپ، بەزىلىرى بېشىنى بېنتلىۋالغان، بەزىلىرى ئاقساق - چولاق، ھاسا تايىنىپ ئاران ماڭاتتى؛ ناسىلكىدا قۇتقۇزۇۋېلىشنى كۈتۈپ ياتقان بىر قىسىم يارىدارلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئوچۇقچىلىقتا نەچچە كېچە - كۈندۈز كۈتۈپ ياتتى، شەرققە سوزۇلغان چاڭجياڭ دەرياسىغا كۆز تىكىپ، بىرەر پاراخوت بىلەن چاڭجياڭنىڭ شىمالىغا ئۆتۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. قېرىلارنىڭ ئاھ - زارلىرى، ياشلارنىڭ غەزەپ ساداسى، بوۋاقلارنڭ يىغلاشلىرى، كېسەللەرنىڭ ئىڭراشلىرى قوشۇلۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈلپەت ساداسىغا ئايلاندى، بۇنى ئاڭلىغان كىشى ھۆڭ - ھۆڭ يىغلىۋېتەتتى. 1937-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياپون قاراقچىلىرى شاڭخەيدە قورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا ياپون قاھانگىرلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش توپتوغرا تۆت ئاي داۋام قىلدى. ياپون قاراقچىلىرى بارغانلا يەردە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئوت قويۇپ، شاڭخەي، سۇجۇ، ۋۇشىلارنى بېسىۋالغاننىڭ ئۈستىگە، مانا ئەمدى ئەسكەرلىرىنى ئۈچ يولغا بۆلۈپ، يىرتقۇچىلارچە خىرىس قىلىپ، نەجىڭغا بېسىپ كەلدى. نەقىڭ شۇ كەملەردە «مىللىي ھۆكۈمەت» نىڭ پايتەختى ئىدى. ئۆكتەبرنىڭ ئاخرىدا، جياڭ جيېشى تاڭ شېڭجژنى نەجىڭ گارنىزوننىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، 110 مىڭ ئەسكەر توپلاپ، نەنجىڭنى ئۆلگۈچە قوغدايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئەمما، بارلىق ۋەتەنپەرۋەر ھەربىيلەر بىلەن خەلق قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتقاندا، جياڭ جيېشى 12- ئاينىڭ 5 - كۈنى ئايروپىلانغا چۈشۈپ قېچىپ كەتتى. ئۇ كېتىش ئالدىدا، تاڭ شېڭجژغا بارلىق كوماندىر ۋە ئەسكەرلەرنى چاڭجياڭنىڭ شىمالىغا چېكىندۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ، ياپون ئالۋاستىلىرىغا ياخشى پۇرسەت تۇغۇلۇپ، ھايال قىلماي نەجىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كىردى. _ ياپون ئالۋاستىلىرى بېسىپ كەلدى! _ دېيىشتى دەريا بويىغا يىغىلغان 100 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرلار ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ بېسىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇلار بىر تەرەپتىن، چۆچۈگەن ۋە غەزەپلەنگەن ھالدا توۋلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئارقىغا داجىدى. _ ئۇرلارنى سايازلىقتا قورشىۋېلىڭلار! _ دېدى ئالۋاستىلرنىڭ تەلەتى يىرگىنىشلىك كاتتىب ېشى كوماندا قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يېقىمسىز ۋارقىرىغان ھالدا، _ ئۆلتۈرۈڭلار! ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ قول بومبىلىرى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان جۇڭگو مۇساپىرلىرى ئارىسىدا كەينى - كەينىدىن پارتلاپ، ھەممە يەر قانغا مىلەنگەن جەسەتلەر بىلەن توشۇپ كەتتى. پىلىموتلار ئورنىتىلدى، «تا - تا - تات» ئېتىلغان پىلىموتلار مۇساپىرلارنى قىرىپ تاشلىدى، تۈركۈم - تۈركۈم جۇڭگولۇقلار ناھەق ئۆلتۈرۈلدى. - ياپون جاھانگىرلىكىنى يوقىتايلى! - قۇرۇق قول مۇساپىرلار تەرەپ - تەرەپكە ئېتىلدى. ئەمما، نەچچە ئونلىغان پىلىموت ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇدى، يەنە نۇرغۇن مۇساپىرلار قان دەرياسىغا يىقىلدى. ياپون قاراقچىلىرىنىڭ پىلىموتلىرى توختىماي ھۇۋلاپ تۇردى. سايازلىقتىكى مۇساپىرلارنىڭ غەزەپلىك ساداسىمۇ توختىماي پەرۋاز قىلىپ تۇردى. بىراق، پىلىموت ئاۋازىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، غەزەپ سادالىرى ئاستا - ئاستا پەسلەپ، ئاخىرىدا جىمىقتى. جەسەتلەر سايازلىقتا تاغ - تاغ بولۇپ دۆۋىلەندى، بەزىلىرى دەريادا لەيلەپ يۈرەتتى، تىنىمسىز چاڭجياڭ دەرياسى قىزىل قان بىلەن بويالدى .... بۇ ۋەقە 1937-يىل 13-دېكابردا يۈز بەرگەنىدى، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «نەجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق» باشلاندى! ئەمما، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى قىرغىنچىلىق ياپون ئالۋاستىلىرى ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىدى. نەجىڭدىكى پۈتۈن چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى! شۇ كۈنى، ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن بىر دىۋىزىيىسى شىجاڭ گۇشۇفۇنىڭ باشچىلىقىدا، نەنجىڭنىڭ جۇڭخۇامېن، يۇخۇامېن، گۇاڭخۇامېن دەرۋازىلىرى ئارقىلىق نەجىڭ شەھىرىگە بېسىپ كىردى. بۇ يىرتقۇچلر شەھەرگە كىرىش بىلەنلا، شەھەر كوچىسىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان مۇساپىرلارنى قانلىق قىرغىن قىلدى، ئۇلار مۇساپىرلارنى پىلىموتلار، مىلتىقلار، تاپانچىلار بىلەن غالجىرلارچە ئوققا تۇتتى، تۈركۈم - تۈركۈم قېرىلار، ئاياللار، بالىلار ۋە ئاممىغا ئارىلىشپ كەتكەن يارىدار ئەسكەرلەر مىلتىق ئاۋازى بىلەن تەڭ ئارقا - ئارقىدىن يىقىلدى. يول ۋە كوچىلاردا قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى، جەسەتلەر دۆۋە - دۆۋە بولۇپ كەتتى. 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى مېھمانخانىسىدىكى 5000 دىن ئارتۇق مۇساپىرنى ياپون ئالۋاستىلىرى جۇڭشەن پرىستانىغا ئاپىرىپ ، پىلىموتقا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جەسەتلەرنى دەرياغا تاشلىۋەتتى. بارىگاھ ئورۇنلاشقان تاغ بويىدىكى كەنتلەردە نەزەربەند قىلىنغان ئەسىرلەر ۋە ئەر - ئايال، قېرى - ياش مۇساپىرلاردىن 57 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ نۇرغۇن بىر قىسمى ئاچلىقتا ئۆلدى ۋە توڭلاپ ئۆلدى. 16 - دېكابر كەچتە، ياپون ئالۋاستىلىرى قېپقالغان مۇساپىرلارنى سىم ۋە ئارقانلار بىلەن باغلاپ، ئىككىدىن - ئىككىدىن ماتاپ، تۆت يولغا بۆلۈپ، ساۋشىيە بوغۇزىغا ئاپىرىپ، ئاۋۋال پىلىموتقا تۇتتى، ئاندىن نەيزە سانقىپ، ئاخىردا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە كرسىن چېچىپ ئوت قويدى، جەسەت ئۇستىخانلىرىنى دەرياغا تاشلىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ياپون ئالۋاستىلىرى چەت ئەللەرنىڭ ئەلچىخانا رايونىدىكى 25 مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنىدىن ئونمىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ياشلارنى تاللاپ ىقىپ ئارقانلار بىلەن ماتىغاندىن كېيىن، شياگۇەندىكى كۆمۈر پرىستانىغا ئاپاردى ۋە پىلىموت بلەن دەھشەتلىك تۈردە قىرىپ، جەسەتلەرنى چاڭجياڭ دەرياىسغا تاشلىۋەتتى، ئونمىڭ ياشتىن بىرەرسىمۇ ئامان قالمىدى. بۇ ھال ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ نەجىڭدىكى غالقىرانە قىرغىنچىلىقى پىلانلىق ۋە تەشكىللىك تۈردە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى نەنجىڭدا «شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى» دېگەن بىر نېمىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. ياپون تاقاۋۇزچىلىرى جۇڭگو خەلقىنى ئىنتايىن قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن قىردى. ئۇلار ئەسىرگە چۈبشكەن ئەسكەرلەرنى يۈزلەپ - يۈزلەپ چېتىپ باغلاپ، قارانچۇق سۈپىتىدە چېپىش، نەيزە تىقىشنى مەش قىلدى؛ كىشىلەرنى ئىستولبىلارغا ئېسىپ، ئاستدىن قۇرۇق ئوتۇنغا ئوت قويۇپ، كۆيۈپ قاقشال بولغىچە كۆيدۈردى؛ ئۇلار يەنە تۈركۈم - تۈركۈم مۇساپىرلارنى باغلاپ مەيدانغا ئاپىرىپ، رەتكە تىزىپ تىك تۇرغۇزۇپ، بەدىنىگە بېنزىن چاچقاندىن كېيىن پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتتى، ئوق بېرىپ تەگكەندىن كېيىن، ئوت تۇتىشىپ كۆيۈپ، پۈتۈن مەيداننى يانغىن قاپلىدى. جان تالاشقان مۇساپىرلار دەھشەتلىك چۇقان سېلىپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشاتتى، ياپون قاراقچىلىرى چەتتە تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، ساراڭلارچە ھۇۋلىشاتتى. ياپون قاراقىلىرىنىڭ شياڭجىن مىنمىڭ، يېتيەنيەن ئىسىملىك مىلادشى لېيتىنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرى «ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇسابىقىسى» ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، كىمكى 100 ئادەم ئۆلتۈرسە «غالىب» بولۇشقا پۈتۈشتى. ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ ئىككىسى زەنجىنشەن تېغىنىڭ تۈۋىدە ئۇچراشتى. شياڭجىن مەن بىر ئادەمنى ئارتۇق ئۆلتۈردۈم، مەن «غالىب» بولۇشۇم كېرەك دېدى؛ يېتيەن، كىمنىڭ 100 ئادەمنى بالدۇر ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىدى دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ نۆۋەت كىمنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى بىر نېە دېمەيلى، كېلەر قېتىم كىم 150 ئادەنى بالدۇر ئۆلتۈرسە، شۇ «غالىب» بولسۇن دەپ دو تىكىشتى. ياپونىيىنىڭ نۇرغۇن گېزىتلىرى مۇشۇنداق رەھىمسىز ياۋۇزلۇق قىلمىشلارنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا بېسىپ خەۋەر قىلدى ۋە ئۇنى «ساموروي روھى» دەپ ماختىدى. بۇ ئادەمخور قاراقچىلار ئۆزلىرىنىڭ «كۆرسەتكەن خىزمىتى» دىن خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن، تېخى نۇرغۇن قاتىللىق سۈرەتلىرىنى تارتىۋالغان. مەسىلەن، ئەسىرگە چۈشكەن بىر ياپون ئەسكىرىنىڭ يېنىدىن تېپىلغان سۈرەتتە، بۇ ياۋۇز ياپونىيە ھەربىيسى ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا قىلىچ، سول قولىدا بىر جۇڭگولۇقنىڭ كاللىسىنى تتۇپ، باشسىز جەسەت ئۈستىدە چېتىنى كېرىپ تۇرغان ، يەنە بىر سۈرەتتە، جۇڭگولۇق بىر ياش يالىڭاچلىنىپ، قولى ئارقىسىغا باغلانغان ھالدا تىزلىنىپ ئولتۇرغۇزۇلغان، بىر ياپونىيە ھەربىيسى قولىدىكى قىلىچ بىلەن ئۇنى چېپىۋاتقانلىقى تارتىلغان. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۈچ ياپونىيە ئەسكىرى ھىجىيىپ تۇرغان. ياپون قاراقچىلىرى جۇڭگو خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە قىرىشتىن تاشقىرى، ئاياللارغا ياۋۇزلارچە باسقۇنچىلىق قىلدى. يۇقىرىسى 05 - 06 ياشلىق ئاياللاردىن تارتىپ، تۆۋىنى سەككىز - توققۇز ياشلىق قىزلارغىچە ياپون قاراقچىلىرىنىڭ قولى تەگكەنلىكى كىشىلەرنىڭ بىرسىمۇ ئامان قالمىدى. بۇ ھايۋانلار باسقۇنچىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تولا چاغلاردا ئۇلارغا دەھشەتلىك تۈردە زىيانكەشلىك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ياۋۇز ۋە نومۇسسىزلىقى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ياپون قاراقچىلىرى قاتىل جاللاتلار بولۇپلا قالماي، بەلكى قىلچە ئەيمەنمەيدىغان قاراقچىلار ئىدى. ئۇلار شەھەردىكى ھەربىر ئۆي، ھەربىر دۇكانغا باستۇرۇپ كىرىپ، بارلىق ماللار، قازان - قومۇچلار، گۆھەر - مەرۋايىتلارنى قويماي بەس - بەستە بۇلاپ - تالىدى، بەزىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. پۈتۈن شەھەر كۆيدۈرۈلۈپ، ئوت - يالقۇنلار پەلەككە يەتتى. بۇلاپ - تالانغان نەجىڭ شەھىرى خارابىلىققا، داشقاللىققا ۋە دوزاخقا ئايلاندى. دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ پاجىئەلىك ۋەقەدە، ياپون قاراقچىلىرى 190 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو ھەربىيلىرى ۋە خەلقىنى كوللېكتىپ ھالدا ئېتىپ تاشلىدى ۋە تىرىك كۆمۈۋەتتى؛ ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئاھالىلەردىن پەقەت قىزىل كرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار تېپىۋالغان جەسەتلەر 150 مىڭدىن ئاشىدۇ؛ دەريادا ئېقىپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ ھېسابىنى ئېلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ قانلىق پاكىتلارنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ!ياپونىيە جاھانكىرلىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى چوڭ قىرغىنچىلىق ئارقىلىق تەۋرەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما، باسقۇنچىلىق، ئوت قويۇش جۇڭگو خەلقىنى تىز پۈكتۈرەلمىدى، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ زور غەزىپى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى قوزغىدى. بىر كىشى يىقىلسا، مىڭلىغان كىشى ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى قەھرمانلىق - قەيسەرلىك بىلەن خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىر 1945 - يىل سېنتەبردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى قوزغىدى. بىر كىشى يىقىلسا، مىڭلىغان كىشى ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلىق - قەيسەرلىك بىلەن بىلەن خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىر 1945 - يىل سېنتەردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدى. ئادەمىور قاراقچىلار ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ. نەجىڭدا چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ياپون قاراقچىلىرىنىڭ شىجاڭدىكى گۇشۇفۇ كېيىنكى چاغلاردا جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىندى ھەمدە 1946- يىلى نەجىڭدا ئوچۇق سوت قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ