«مارسېل مارشى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى»
بەش مىڭ يىل
سىز فرانسىيىنىڭ دۆلەت گېمىنىنى بىلەمسىز؟ «مارسېل مارشى» فرانسىيىنىڭ دۆلەت گېمىنى، ئۇ، ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار ناخشىسى، ئۇ ناھايىتى بۇرۇن، 1792 - يىلى، يەنى ئاۋستىرىيە، پرۇسىيە فرانسىيىگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان جىددى پەيتتە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ مۇشەققەتلىك ئەگرى - توقاي تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
باستى تۈرمىسى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى فرانسىيىدىكى ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، 1789 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» تىن ئىبارەت بۇرژۇئا ئىنقىلابىي شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېئوداللىق تەبىقە تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. فرانسىيىدىكى ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى پادىشاھلار بۇنىڭدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ، ئۇنىڭغا جان - جەھلى بىلەن ئۆچلۈك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، فېئوداللىق مۇداخىلە پىلانلىدى.
1791 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كېچىدە، بىر پوچتا پارىژدىكى يولغا چىقىپ شىمالدىكى چېگرىغا قاراپ ماڭدى. ئەتىسى ئۇ چېگرىدىكى كىچىك شەھەر فالىنغا يېتىپ باردى.
- پاسپورت! - دېدى چېگرا ئەمەلدارى پوچتىنى توسۇپ.
- روسىيىلىكمەن، - دېدى پوچتىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى فرانسۇزچە جاۋاپ بېرىپ. ئۇ يانچۇقىدىن ئىككى پاسپورتنى چىقاردى، پاسپورتنىڭ يەنە بىرى ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئىدى.
چېگرا ئەمەلدارى پاسپورتقا تەسىلى قاراپ چىقىپ، ئىككىلىسىگە روسىيىنىڭ باش ئەلچىخانىسى ئىمزا قويغانلىقىنى كۆردى. ئەمما، بۇ ئىككى كىشىنىڭ رەڭگى - روھى رۇسلارغا ئوخشاشمايتتى، بۇ ھال ئۇنى گۇمانلاندۇرۇپ قويدى، شۇڭا ئۇ، بۇ ئەر - خوتۇنلارغا سىنچىلاپ قاراپ، بىردىنلا:
- پارىشاھ بىلەن خانىشقۇ بۇ! - دەپ ئويلىدى.
- شۇنداق، شۇنداق، - دېدى قېشىدا تۇرغانلارمۇ تونۇپ.
ئەسلىدە، بۇ ئىككى پاسپورت يالغان بولۇپ، پادىشاھ بىلەن خانىش چەتئەلگە قېچىپ بېرىپ، چەتئەللەرنىڭ قوراللىق كۈچى بىلەن ئىنقىلابنى باستۇرماقچى بولغان ئىدى.
-پارىژغا يالاپ ئاپىرىلسۇن! غەزەپلەنگەن ئامما پادىشاھ بىلەن خانىشنى يالاپ ئېلىپ ماڭدى. لۇئى XVI بىلەن خانىش ئەسكى شۇاڭخۇاڭ ئويۇنىنى ئوينىدى. ئەر ئاشكارا سورۇنلاردا:«فرانسىيە ئىنقىلابىنى سۆزسىز قوغدايمەن، پەرمان چىقىرىپ، ئاۋستىرىيە، پرۇسىيىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىمەن» دېسە، ئايال ئاۋستىرىيە، پادىشاھى بولغان ئاكىسىغا يوشۇرۇن خەت يېزىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى خەۋەر قىلىپ قويدى. 1792 - يىل 4 - ئايدا ئۇرۇش پارتىلىدى، ئاۋستىرىيە بىلەن پرۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن ئاللىقاچان خەۋەر تاپقانلىقتىن، كاۋاك تېپىپ كىرىۋېلىپ، بىر نەچچە كۈندىلا پارىژ ئەتراپىغا بېسىپ كەلدى.
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى جىددى پەيتتە تۇراتتى. پۈتۈن مەملىكەتتە ئارقا - ئارقىدىن پىدائىلار تەشكىل قىلىنىپ، پارىژ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ دۈشمەنگە قارشى تۇردى.
بۇ چاغدا، فرانسىيىنىڭ ستراسبۇرگ شىتاتىدىكى دئېتول بازىرىنىڭ پىدائىيلىرى تەشكىل قىلىندى، بازار باشلىقى قەسەميات يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. ئۇ، قەسەميات قىلىشتا ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى ئۆستۈرىدىغان بىرەر جەڭگىۋار ناخشا بولۇشى لازىم دەپ ئويلىدى. بىراق، ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى كىم ئىشلەيدۇ؟ ئۇ رۇژ دې لىئېر ئىسىملىك پىدايى جەڭچىنى تاپتى.
- لېئىر، ئاڭلىشىمچە، سېنى شېئىر يازالايدۇ، ئاھاڭغا سالالايدۇ دەيدۇ، راستمۇ؟ - دېدى بازار باشلىقى.
- يېزىپ باققان ئىدىم، - دېدى ياش جەڭچى جاۋاب بېرىپ.
- سەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلەيدىغان جەڭ مارشىدىن بىرنى يېزىپ چىقالامسەن؟
- ئاۋستىرىيە، پرۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش يولىدا يېزىپ كۆرەي.
- خوپ، سېنىڭ بىر كېچىدە پۈتتۈرۈشۈڭنى بۇيرۇيمەن، ئەتە يولغا چىقىدىغان چاغدا ئوقۇيسەن.
- ماقۇل، چوقۇم بىجا كەلتۈرىمەن.
لىئېر بۇيرۇق ئالغاندىن، كېيىن، قاتتىق ھاياجانلاندى. ۋەتەننى قوغداش ئېتىقادى ئۇنىڭ قەلبىدە يالقۇندەك لاۋۇلداپ ياندى. ئۇ شۇ كېچىسى بىر تەرەپتىن رايال چېلىپ، بىر تەرەپتىن تېكىست يېزىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئالدىراش بولدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە قەسەميات يىغىنى ئېچىلدى. لىئېر ساز ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن جۇشقۇن ۋە مەردانە جەڭ ناخشىسىنى ئېيتتى. ناخشىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
قوزغال، ۋەتەن بالىلىرى!
شەرەپلىك كۈنلەر يېتىپ كەلدى ئەمدى.
بىزگە قارشى تۇرماقتا مۇستەبىت،
تىكلەپ قانلىق تۇغ - ئەلىمىنى.
ئاڭلىمىغىن، ۋەھشى ئىستېلاچىلارنىڭ
يۇرتىمىزدا چىل بۆرىدەك ھۇۋلاشلىرىنى.
ئۇلار ئالدىمىزغا بېسىپ كەلدى،
خوتۇن - بالىلىرىمىزنى قىرىپ - چاپتى.
پۇقرالار! قوراللىنايلى!
جەڭگىۋار قوشۇن تەشكىللەپ،
ئالغا باسايلى! ئالغا باسايلى!
تاجاۋۇزچىلارنىڭ قېنى بىلەن
سۇغىرايلى زېمىنىمىزنى...
پىدائى جەڭچىلەر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى، بەزىلەر لېۋىنى چىشلەپ مۇشتلىرىنى تۈگسە، بەزىلىرى يىغلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدى.
- بۇ ناخشا ياخشىمىكەن؟ - دەپ سورىدى بازار باشلىقى.
- ناھايىتى ياخشىكەن! - دېيىشتى پىدائى جەڭچىلەر ھىمايە قىلىپ.
- ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭغا بىر نام قويايلى!
ھەممەيلەن قىزغىن مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. ئاخىرىدا ھەممەيلەن بىردەك، پىدائىلار تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جەڭ قىلىدۇ ۋە ريېن دەرياسىغا يۈرۈش قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جەڭگىۋار ناخشىغا «رىيېن قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ ناخشىسى» دەپ نام قويايلى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ناخشا پىدائىلار ئارىسىدا تەدرىجى تارقالدى.
دەل شۇ چاغدا، پارىژ ئىنقىلابى يەنە تەرەققى قىلىپ، يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى.
ئالدىنقى سەپتىكى مەغلۇبىيەتلەر كىشىلەرنى ئاۋستىرىيە بىلەن پرۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەيدۇ؟ ئىچىكى قىسىمىمىزدا چوقۇم بىر شۇملۇق بار! دېگەن مەسىلىنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلدى. ئىنقىلابىي ئامما لۇئى XVI نىڭ شۇملۇقلىرىنى تەدرىجى چۈشىنىۋېلىپ، پادىشاھنى قولغا ئېلىش نىيىتىگە كەلدى. 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سەھەردە، پۈتۈن پارىژ شەھرىدە ئۇزاققىچە گۈدۈك چېلىندى، ئىنقىلابىي ئامما جايلاردىن كەلگەن پىدائىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پادىشاھ ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، لۇئى XVI بىلەن خانىشنى قولغا ئالدى. ئارقىدىنلا بىر تۈركۈم ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. پىدائىلارنىڭ جاسارىتى زور دەرىجىدە ئۇرغۇدى.
ئارقا سەپ مۇستەھكەملەندى، جايلاردىن كەلگەن پىدائىلار بۇيرۇققا بىنائەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ھەربى يۈرۈش داۋامىدا، مارسېلدىن كەلگەن پىدائى جەڭچىلەر «رىيېن قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ ناخشىسى» نى تەڭ ئېيتىپ، جاسارەت ۋە غەيرەت بىلەن چوڭ قەدەم تاشلاپ ئالغا باستى. باشقا جايلاردىن كەلگەن پىدائى جەڭچىلەر ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلىنىپ، بۇ جەڭ ناخشىسىنى ئۆگەندى ۋە ئوقۇيدىغان بولدى. كىشىلەر «رىيېن قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ ناخشىسى» نى شۇنىڭدىن كېيىن «مارسېل مارشى» دەپ ئاتىدى.
9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، فرانسىيە پىدائىلىرى پرۇسىيە قوشۇنى بىلەن ۋالمىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ زور غەلىبە قازاندى. بۇ، فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتا قازانغان تۇنجى غەلىبىسى، شۇنداقلا مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئەتىسى، خەلق ئۇيۇشمىسىنىڭ ئومومى سايلام ئاساسىدا چاقىرىلغان يىغىنى ئېچىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش بەلگىلەندى. 1792 - يىل 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، خەلق ئۇيۇشمىسى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 1795 - يىلى، پىدائىيلارنىڭ ۋەتەننىە قوغداش يولىدا قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، خەلقنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتىكى مۈشكۈل تارىخىي جەريانىنى مەڭگۈ ئەسلىشى ئۈچۈن، خەلق ئويۇشمىسى قارار ماقۇللاپ، «مارسېل مارشى» نى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېمىنى قىلدى.