UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭجاللات مەلئۇنغا يۇشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش

جاللات مەلئۇنغا يۇشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش

بەش مىڭ يىل ناتىسىتلار گېرمانىيىسىنى چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، دەھشەتلىك مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويدى. چېخوسلوۋاكىيىلىكلەر ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن رايونلارنى گېرمانىيە «ھامىيلىقىدىكى رايونلار»غا ئۆزگەرتتى. بېرلىن چوشقىدەك سېمىز، يۈزلىرى ئىششىپ كەتكەن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نيۇلېيتنى «ھامىي ئەمەلدار» قىلىپ ئەۋەتتى. نيۇلېيت يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كومپارتىيە ئەزالىرىنى ھەدەپ تۇتتى ۋە ئېتىپ ئۆلتۈردى. نۇرغۇن ئىشچىلارنى ئېغىرئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن گېرمانىيىگە ئەۋەتتى ھەمدە نۇرغۇن چېخ دېھقانلىرىنى ھەيدىۋەتتى. ئەمما چېخوسلوۋاكىيە خەلقى تىز پۈكمىدى. پارتىزانلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشلىق كۆرسىتىش ھەركىتىمۇ زادى توختىمىدى. _ نيۇلېيت دېگەن سېمىز چوشقا بەك بوشاڭلىق قىلىۋاتىدۇ، - دېدى گىتلېر چېخوسلوۋاكىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى بىردوكلاتنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۈستەلنى مۇشتلاپ ئاغزىنى بۇزۇپ، - ئۇ ئۇزۇن مۇددەت «دەم ئېلىش» قا ئىلتىماس يازسۇن، ئۇنىڭ ئورنىغا «تاش يۈرەك كىشى » نى يۆتكەش كېرەك! گىتلېر دەۋاتقان «تاش يۈرەك كىشى » كىم؟ ئۇ ئىنتايىن ۋەھىشىي تەبىئەتلىك ھېيدرىخ ئىدى. ھېيدرىخ ئېگىز بويلۇق، ئۇزۇن قارچۇغا بۇرۇن، كىچىك كۆزىدىن قانخورلۇق تېمىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بىلىكى ئۇرۇق ھەم ئۇزۇن بولۇپ، كىشىگە دۆنىڭ ئۇزۇن پۇت - قوللىرىنى ئەسلىتەتتى. ئۇ سۆزلىگەن چاغدا كىشىگە باشقىچە تۇيۇلىدىغان مۇغەمبەرلەرچە مۇلايىملىقى ئۇنىڭ زەھەرخەندىكىلىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇراتتى. 1933 - يىلى گىتلېر ئۇنى ميۇنخېن ساقچى ئىدارىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى؛ كېيىن گىتلېر يەنە ئۇنى دەرىجە ئاتلىتىپ ناتستىلار گېرمانىيىسى ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، قوشۇمچە گېستاپونىڭ ئىشغالىيەت رايونىدىكى باش ۋالىيىلىقىغا ئۆستۈردى. 1941 - يىلى سېنتەبردە، ھېيدرىخ بۇيرۇققا بىنائەن پراگاغا كېلىپ نيۇلېيتنىڭ ئورنىنى بېسىپ، بوھېمىيە - موراۋىيىنىڭ ھامىي ئەمەلدارى، ئىسئىسچىلارنىڭ گېنېرالى بولدى. ئۇ يېتىپ كېلىپلا، ساقچى كاتتىباشلىرىنى يىغىپ پەند - نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى: _ چۈشىنىشىڭلار كېرەككى، بۇ چېخوسلوۋاكىلىكلەرگە قىلىنغان ھەرقانداق رەھىمدىللىك ئاجىزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاھالە بىزنىڭ قولىمىزغا ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك ! . . . زەھەرخەندە ھېيدرىخ گىتلېرنىڭ «گېرمانىيىسىنىڭ ھاياتلىق ماكانىنى قوغداش» تىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى بويىچە، چېخوسلوۋاكىيە خەلقنى يوقىتىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ خىزمەتكە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيىلىكلەرنى ئېتىش،نەزەربەند قىلىش ياكى جازا لاگېرىغا ئەۋەتىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. 1941 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن گېرمانىيىگە ئەۋەتىلگەن چېخوسلوۋاكىيە ئىشچىلىرى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى تاقەت قىلىپ تۇرالماي، بۇ جاللات مەلئۇننى جازالاش قارارىغا كەلدى. 1941 - يىلى قىش كۈنلىرىدىكى بىر كېچىدە، پراگانىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى لىدىس يېزىسىنىڭ يېنىغا بىرنەچچە پاراشوتچى ئەسكەر چۈشتى. بۇلار سېرژانت كۇبس ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىسى كابوك باشچىلىقىدىكى چېخوسلوۋاكىيە پىدائىيلىرىنىڭ ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئىدى. چېخوسلوۋاكىيە بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار چېخوسلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى بىلەن بىللە ئەنگىلىيىگە قېچىپ باردى. كېيىن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلغان ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمدا پاراشوت بىلەن چۈشۈش، ئوققا تۇتۇش، پارتلىتىش تەربىيىسى ئالدى. بۇ نۆۋەت ئۇلار سەرگەردان ھۆكۈمەتنىڭ مەلئۇن ھېيدرىختىن قان قەرزنى تۆلىتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەھەردە، پراگا شەھىرى ئەتراپىدا قونغان ھېيدرىخ ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇردى. ئۇ گىلېر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن بېرلىنغا ئۇچماقچى بولۇپ تۇراتتى. ئۇ ئادەتتىكى چاغلاردەك يېنىدىن زادىلا ئايرىلمايدىغان قارا ھۆججەت سومكىسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ چوڭ تىپتىكى موسېلىدىس ماركىلىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، پراگانىڭ يېزىسىدىكى ئۆيىدىن ئايرودرومغا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. ھاۋا تەدرىجىي ئىسسىشقا باشلىدى، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستى ئېلىۋېتىلدى. ئاپتۇموبىلنىڭ ئالدىدا مۇھاپىزەتچىلەرمۇ، يول باشلاپ ماڭىدىغان موتستىكىلىتچىلارمۇ يوق ئىدى. ھېيدرىخ،چېخوسلوۋاكىيىلىكلەرنى بويسۇندۇردۇم، قاتتىق ئېھتىيات تەربىيىلىرىنى كۆرۈش ھاجەتسىز دەپ ھېسابلىغانىدى. سائەت ئون يېرىم بولغاندا، ئاپتوموبىل تېز يۈرۈپ شەھەر سىرتىدىكى بىر دوقمۇشتىن ئايلاندى. شوپۇر ئاپتوموبىلنى ئاستىلاتتى. ئالدى تەرەپتىكى قاشا بىلەن دەرەخلەر دالدا بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەردە مۈكۈپ كۇبس چاقىنىغان بىر پارچە نۇرنى ئۇشتۇمتۇت كۆرۈپ قالدى. بۇ ئەسلىدە يېقىنلا بىر يەردە تۇرغان يەنە بىر پاراشوتچى كىچىك ئەينەك بىلەن ھېيدرىخنىڭ ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلدى دەپ بەرگەن بەلگە ئىدى! كۇبس بىلەن كابېك مۆكۈپ تۇرغان يەردىن چىقىپ، بىر ۋېلىسپىتنى ئىتتىرىپ ماڭدى، ۋېلىسپىتكە بىر خەت - ئالاقە سومكىسى ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنى ئىچىدە ئاپتۇمات بار ئىدى، ئۈستىدە قاتلاقلىق يامغۇر چاپىنى تۇراتتى. قارا رەڭلىك موسېلىدىس ئاپتوموبىل ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغاندا، ئالدىدا كېتىۋاتقان كابىس ھېيدرىخنىڭ شوپۇر يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى . ھېيدرىخنىڭ تەرى تۈرۈلگەن، كۆزلىرى خىرە يۇمۇلغانىدى. كابېك يامغۇر چاپىنىنى دەرھال تاشلىۋېتىپ، بىر چۇراپلا يولنى ئوتتۇرىسىغا ئۆتتى - دە، ئاپتۇماتنى نىشانغا توغرىلاپ تەپكىنى باستى. ئاپتۇماتنىڭ ئېتىلماي قالغىنىنى قارىمامدىغان! . . . ھېيدرىخ تاپانچىسىنى ئېلىپ دەرھا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇشۇ قىل ئۈستىدە تۇرغان پەيتتە، كۇبس چەبدەسلىك بىلەن خەت - ئالاقە سومكىسىدىن تېزلىكتە بىر دۈگىلەك بومبىنى ئالدى - دە، ئاپتوموبىلغا قارىتىپ ئاتتى، بومبا ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىغا بېرىپلا «گۈم» قىلىپ پارتلىدى. _ ماي بەر، چۇراپ ئۆتۈپ كەت! - دېدى ھېيدرىخ ئېغىر يارىدار بولغانلىقىغا قارىماي شوپۇرغا ۋارقىراپ. ئۇ ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ، كۇبسقا بىر نەچچە پاي ئوق چىقارغان بولسىمۇ تەكگۈزەلمىدى. ھېيدرىخ تامدەك تاتارغان، كىيىملىرى يىرتىلغان، دۈمبىسىدىن قان ئېقىۋاتقان ھالدا، تاپانچىسى بىلەن ھۈججەت سومكىسى چىڭت تۇتقان پېتى چېقىلغان ئاپتوموبىلغا يۆلىنىپ قالدى. كۇبسنىڭ پېشانىسىگىمۇ بومبا پارچىسى تېگىپ، يىنىك يارىلاندى. ئۇ ۋېلىسپىتكە مىندى - دە، كۈچىنىڭ بارىچە تېپىپ، كوچا دوقمۇشىدىن ئايلىنىپلا غايىب بولدى. كابېك كوچىنىڭ يەنە بىر نەرىپىگە قاراپ قاچتى. ھېيدرىخنىڭ شوپۇرى يارىلانمىغانىدى. ئۇ دەرھال ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ كابىكنى قوزغىدى. ئۇلار بىر قاسساپ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا، بىر پەس تازا جىددىي ئېتىشتى. شوپۇرغا ئوق تېگىپ يېقىلدى. كابېك دۇكانغا كىرىپ، ئارقا ئىشىك بىلەن قاچتى. ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە كابېكمۇ كۆزدىن غايىب بولغانىدى. ساقچىلار بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى توسۇپ، ھېيدرىخنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپاردى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ جاللات مەلئۇن ئۇ دۇنياغا راۋان بولدى. گىتلېر بۇ يېقىن ئادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەيدىسىنى مۇشتلاپ، تېلېفۇن ئارقىلىق ھېيدرىخنىڭ ياردەمچىسى فرانكىغا غالجىرلارچە قاۋاپ: _ ھەرقانداق چىقىملارغا قارىماي قاتىلنى تۇتۇش كېرەك. سىلەر مەخپىي مەلۇمات بەرگەن ھەرقانداق كىشىنى مىليون مارك بىلەن مۇكاپاتلاڭلار، قاتىلغا ياردەم بەرگەن ھەرقانداق كىشىنى ئېتىپ تاشلاڭلار، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ئون مىڭ - ھە، ئونمىڭ دەۋاتىمەن! چېخوسلوۋاكىيىلىكنى تۇتۇپ، بىرىنىمۇ قويماي ئېتىپ تاشلاڭلار! فرانك دەرھال ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تىنتىشقا باشلىدى. گىستاپو لىدىس كەنتىنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى. پۈتۈن كەنتتىكى 192 ئەر كىشىنى كەنت سىرتىغا ھەيدەپ كېلىپ، ھەر ئون كىشىنى بىر قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىدى. 200ئايال بىلەن 100 بالىنى جازا لاگېرىغا ئەۋەتتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىيناپ ئۆلتۈردى. پۈتۈن كەنتتىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ، ئۇ يەرنى ساپان بىلەن ئاغدۇرۇۋەتتى. چېخوسلوۋاكىيىلىك پاراشوتچى جەڭچىلەر يۇشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلىغاندىن كېيىن، ئىككى چېركاۋغا مۆكۈنۈۋالدى. خائىنلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى ئارقىسىدا، گىستاپو چېركاۋنى قوشىۋالدى. پاراشوتچى جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، بەزىلىرى جەڭدە قۇربان بولدى. بەزىلىرى ئۆزىنى ئېتىپ تاشلىدى. فاشىستلارنىڭ ۋەھشىيانە زوراۋانلىقى چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى قاتتىق غەزەبلەندۈردى. پاراشوتچى زوراۋانلىقى چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى قاتتىق غەزەبلەندۈردى. پاراشوتچى جەڭچىلەرنىڭ قەھرىمانلىق ھەركىتى مىليونلىغان چېخوسلوۋاكىيە خەلقىنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھام بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
جاللات مەلئۇنغا يۇشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش | UyghurWiki | UyghurWiki