UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئېلېكتر چىرىغىنىڭ بارلىققا كېلىشى

ئېلېكتر چىرىغىنىڭ بارلىققا كېلىشى

بەش مىڭ يىل ئېلېكتر چىرىغى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئادەتتىكى يورۇتۇش قورالى. ئەمما، ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر ئەسىر بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىلىق مۇنداق تەسىرلىك بىر ھېكايە بار: ئېلېكتر چىرىغى دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر ئېلېكتر ھەققىدىكى بىلىملەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەپ بولغانىدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيىلىك بىر خېمىيە ئالىمى 2000 دانە باتارىيە ۋە ئىككى تال كۆمۈر تاياقچە بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى يايسىمان چىراغنى ياساپ چىققان. ئەمما، ئۇ چىراغ يورۇقى بەك كۈچلۈك، يانغاندا پىرىسلاپ ئاۋاز چىقىدىغان، ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالغاچقا، پەقەت كوچىلار ياكى مەيدانلارغىلا باب كېلەتتى، ئائىلىلەرگە بولسا باب كەلمەيتتى. ئۇ چاغدا، ئومۇميۈزلۈك كىرسىن چىراغ ۋە كۆمۈر گازى بىلەن يانىدىغان چىراغ ئىشلىتىلەتتى. بۇنداق چىراغلار يانغاندا، قارا ئىس ۋە سېسىق پۇراق چىقىراتتى ھەمدە ئۇنىڭغا داۋاملىق يېقىلغۇ تولۇقلاپ تۇرۇشقا، پانار شېشىسىنى سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى ھەمدە بۇنداق چىراغلارغا ئوت كەتسە ئاسانلا ئوت ئاپىتى پەيدا قىلاتتى. شۇڭا، نۇرغۇن ئالىملار باش قاتۇرۇپ، ئادەتتىكى ئائىلىلەردە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر خىل ئېلېكتر چىرىغى ياساش كويىغا چۈشتى. بۇنداق ئېلېكتر چىرىغىنى بىرىنچى بولۇپ 32ياشلىق ئېدىسون كەشىپ قىلدى. ئۇنى پەقەت ئۈچ ئايلا مەكتەپ يۈزى كۆرگەن دېسەك ئىشەنمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن! ئېدىسون 1847 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوھىئو شتاتىنىڭ مىلان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، بالىلىق دەۋرىدە ئۇششاق تىجارەتچىلىك قىلغان، گېزىت ساتقان. ياش ۋاقتىدا تېلېگرامما خىزمەتچىسى ۋە تېخنىك بولغان بولۇپ، ئىلمىي تەجرىبىگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. ئېلېكتر چىرىغىنى كەشىپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئاپتوماتىك تېلېگرامما ئاپپاراتى ۋە بىر لىنىيىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن، تۆتتىن، ئالتىدىن خەۋەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە بېرىدىغان خەۋەر ئاپپاراتىنى كەشىپ قىلغان. دوستىغا ياردەملىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئىنگلىزچە خەت بېسىش ماشىنىكىسى ياسىغان، بۇلاردىن باشقا پاتېفون كەشىپ قىلىپ، ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت قازانغان. 1878 - يىل 9 - ئايدا، ئېدىسون توك كۈچى بىلەن يورۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ قورغانغا ھۇجۇم باشلىدى. ئۇ ئۆزى تەجرىبە قىلماقچى بولغان يورۇتۇش چىرىقىغا: ھېچ بولمىغاندا كۆمۈر گازى چىرىغىدەك ئاددىي، ھەممە يەرگە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان. ھەر خىل شارائىتلاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇشى، قۇرۇلمىسى ئەپچىل، تەننەرقى تۆۋەن، چىداملىق ھەمدە ئۇنسىز، پۇراقسىز، ئىسسىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قىلچە يامان تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك دېگەن پرىنسىپنى بېكىتتى. ئېدىسون ئىشنى ئاق چوغلۇق چىراغنى تەجرىبە قىلىشتىن باشلىدى. بۇ خىل چىراغنىڭ قانۇنى مۇنداق ئىدى: ئىسىققا چىداملىق كىچىك بىر پارچە ماتېرىيالنى ئەينەك لامپىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىپ، توك بىلەن ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئاپئاق چوغقا ئايلاندۇرسىلا ئۇنىڭدىن يورۇق چىقاتتى. ئالدى بىلەن مۇنداق چىراغقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسسىققا چىداملىق ماتېرىيال تېپىش كېرەك ئىدى. ئۇ ئاۋۋال كۆمۈرنى سناق قىلىپ كۆردى. نەتىجىدە بىردەمدىلا يېرىلىپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەب زادى نېمە؟ ئېدىسون ئەينەك لامپىسىنى يەنە قولىغا ئېلىپ، ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈپ يۈرۈپ كۆز ئۈزمەي قارىدى. ئۇ توساتتىن: ئېھتىمال بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا بولۇشى مۇمكىن، ھاۋانىڭ ئىچىدە ئوكسىگېن بولىدۇ. ئوكسىگېن يېنىشقا ياردەم بەرگەن بولسا كېرەك! دەپ ئويلىدى - دە، ئۆزى ياسىۋالغان ھاۋا تارتىش ماشىنىسى بىلەن ئەينەك لامپا ئىچىدىكى ھاۋانى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ساپ تارتىۋېتىپ، يەنە بىر قېتىم توك ئۆتكۈزدى. دېگەندەك چىراغ شۇ ھامانلا ئۆچۈپ كەتمەي، سەككىز مىنۇت ياندى. - بۇ تەجرىبە ۋاكۇئۇم بوشلۇقىنىڭ ئاق چوغ چىراغقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ! - دېدى ئېدىسون ياردەمچىسىگە خۇشال ھالدا! - كۆمۈر قىل بولمايدىكەن، پلاتىنا بىلەن سىناق قىلىپ باقساق قانداق؟ - ماقۇل، پلاتىنانىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى، ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، - دېدى ياردەمچىسى ۋە ماتېرىيال ئىسكىلاتىغا كىرىپ پلاتىنا ئاچىقتى. ئېدىسون پلاتىنانى ئىشلىتىپ بىر نەچچە قېتىم سىناق قىلدى. نەتىجىدە كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: پلاتىنانىڭ ئېرىش نۇقتىسى مېتاللار ئىچىدە يۇقىرى ھېسابلانغان بىلەن، يەنىلا ئۈزۈلدى. دېمەك، يەنىلا ئېلېكتر چىرىغىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە كاللا ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىرەر ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگۈچ نەرسە بېكىتكەندە، پلاتىنا سىم ئۇچرايدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى تارقىتىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئېلېكتر چىرىغىنىڭ ئۆمرى ئۇزارمامدۇ؟ دەپ ئويلىدى. مۇشۇنداق ئۆزگەرتىۋىدى، دېگەندەك ئېلېكتر چىرىغىنىڭ يېنىش ۋاقتى بىر مۇنچە ئۇزاردى ئەمما گاھ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ، گاھ ئۆزلۈكىدىن يېنىپ، يەنە تازا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ھەتتا ئۇنىڭ تەسىرى ئەنگلىيىگىمۇ يېتىپ كېلىپ، لوندوندا كۆمۈر گازى پاي چېكىنىڭ باھاسى 20% چۈشۈپ كەتتى. ئامېرىكىلىق موگان دېگەن بىر كاپىتالىست ئېلېكتر چىرىقى ئۇزاققا بارمايلا كۆمۈر گازى چىرىقىنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقىنى، ئېلېكتر چىرىقى تىجارەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغاندا، تازا باي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى - دە، بىر نەچچە ۋەكىلنى، 300 مىڭ دوللار بىلەن ئېدىسون بىلەن بىرلىشىپ بىر ئېلېكتر شېركىتى قۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكىلى ئەۋەتتى. ئۇ چاغدا، ئېدىسوننىڭ پۇلى تېخى تەجرىبە خىراجىتىگە يەتمىگەچكە، ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. بىرىنچى قېتىملىق سىناق ئۈچۈن 50 مىڭ كوي تېزلا ئېدىسوننىڭ قولىغا بېرىلدى. ئۇ بۇ پۇل بىلەن ئۆي - جاينى كېڭەيتتى، ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتتى، خىزمەت خادىملىرىنى 200 گە يەتكۈزدى. سىناق قىلىپ ياساش خىزمىتى جىددىي باشلىنىپ كەتتى، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت ناھايىتى يىراقتا تۇرغاندەك قىلاتتى. ئېدىسون بارىي، تىتان، مولبدېن قاتارلىق ھەر خىل ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى سىناق قىلىپ باقتى، ئەمما ھېچقايىسى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى، 50 مىڭ كويمۇ تۈگەي دەپ قالدى. بىر كۈنى، ئېدىسون كۆمۈر گازى چىرىقىنى يورۇتۇپ قويۇپ، ئۆزى ئېسىگە ئالالىغان ھەر خىل ئىسىقلىققا چىداملىق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلىدى. ئويلا - ئويلا، يازا - يازا، ئاخىر 1600 خىلغا يەتتى. ئەتىسى ئۇ، مۇشۇ 1600 خىل ئىسىقلىققا چىداملىق ماتېرىيالنى تۈرلەرگە ئايرىپ، سىناق قىلىشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، گازنى تارتىپ چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ياخشىلاپ، ئەينەك لامپا ئىچىنىڭ ۋاكۇئۇملاش دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشتى. ئۇنداق سىناق قىلىش، بۇنداق سىناق قىلىش ئارقىسىدا، يەنىلا پلاتىنا ئىشلىتىش ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ چىقتى. ھاۋانى تارتىپ چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلىغانلىقتىن، چىراغنىڭ ئۆمرى ئىككى سائەتكە ئۇزاردى. ئەمما پلاتىنانىڭ تەننەرقى بەك قىممەت تۇرسا، ئۇنى ئىشلىتىپ ياسىغان چىراغنى كىم سېتىۋالالايدۇ. بىر كۈنى، ئۇ قانداق ماتېرىيال ئىشلىتىپ تەجرىبە قىلىشنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىچىلا شىرە ئۈستىدىكى بىر يۆگەم پاختا يىپنى قولىغا ئېلىپ ئويناپ ئولتۇردى. توساتتىن ئۇنىڭ كاللىسىدىن بىر خىيال ئۇچتى - دە، يىپتىن بىر قېتىمنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى بىر ھازا ئوچاققا قاقلاپ چۈچۈلە قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن ئەينەك لامپىنىڭ ئىچىگە قويۇپ تەجرىبە قىلىۋىدى، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا: >كۆمۈر بولىدىكەن! كۆمۈر ئىشلىتىش لازىم ئىكەن! پلاتىنادىن كۆمۈر ياخشى ئىكەن!< - دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئېدىسون مۇشۇ بۇرۇلۇش پەيتىنى تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمەي، كەينى - كەينىدىن تەجرىبە قىلىپ، لامپۇچكىنىڭ ھاياتىنى 13 يېرىم سائەتكە، كېيىنچە، يەنە 45 سائەتكە ئۇزارتتى. كۆپچىلىك بۇ مۇۋەپپەقىيەتتىن تەنتەنە قىلىشتى. ئەمما ئېدىسون بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۇ بىر ھازا ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: >بولمىدى، بىز يەنە باشقا ماتېرىيال ئىزلىشىمىز كېرەك<، - دەپ جاكارلىدى. ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىپ: - 45 سائەت يانسىمۇ بولمامدۇ؟ - دەپ سورىدى. - بولمايدۇ، بۇ تېخى خېلى يېتەرسىز! - دەپ بېشىنى چايقىدى ئېدىسون، - مېنىڭ ئۈمىدىم: ئۇنى 1000 سائەت يانىدىغان قىىش. جامائەتنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغاندا، ئەڭ ياخشىسى 1600 سائەت يانىدىغان قىلىش. كۆپچىلىك كۈنىگە تۆت سائەتتىن ياندۇرغاندا، 1600 سائەت بولسا، بىر يىل يانىدىغانلىقىنى ھېسابلاشتى. بۇ ئەقىلگە ناھايىتى مۇۋاپىق. ئەمما يەنە يېڭى ماتېرىيال ئىزلەشكە تېگىشلىك - دە! ئېدىسون پاختا يىپنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، ئۆسۈملۈكلەر تالاسىدىن ئىسىقلىققا چىداملىق يېڭى لامپۇچكا قىلى ئىزلەش قارارىغا كەلدى. يېڭى سىناقلار ئالاھەزەل كېچە - كۈندۈز ئېلىپ بېرىلدى، ئېدىسون بوتانىكىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تېپىشقا مۇمكىن بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىناق قىلىپ كۆردى، ھەتتا ئاتنىڭ قىلى، ئادەمنىڭ چاچ - ساقاللىرىنىمۇ چىراغنىڭ قىلى قىلىپ سىناپ باقتى. سىناق قىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ باردى. چىراغنىڭ ئۆمرىمۇ بارغانسېرى ئۇزىراپ باردى. 1880 - يىل 5 - ئايغا كەلگەندە، سىناق قىلغان ئۆسۈملۈك تالالىرى 6000 خىلغا يەتتى، نەتىجىدە ئېلېكتر چىرىغى 300 سائەت ئۆچمەي ياندى. ھاۋا تەدرىجىي ئىسسىماقتا ئىدى، بىر كۈنى، ئېدىسون تەجرىبىخانىسىدا ئېلېكتر چىرىقى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ، ناھايىتى ئىسسىقلاپ كېتىپ، يەلپۈگۈچنى ئېلىپ ئۆزىنى يەلپۈدى، بىردەم سەگىگەندىن كېيىن، توساتتىن ئىلھامى كەلدى، يەلپۈگۈچنى يىرتىپ ئۇنىڭ بىر تال نېپىز بامبۇك چوكىسىنى ئېلىپ، مىكروسكوپنىڭ ئاستىغا قويۇپ قارىدى ۋە خۇشال بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، كۆمۈرگە ئايلاندۇرىدىغان بامبۇك قىللىق چىراغنى ياساپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا توك ئۆتكۈزدى. نەتىجىدە بۇ چىراغ 1200 سائەت يورۇۋەردى. ئەمدىغۇ رازى بولغاندۇ، دەپ ئويلاشتى ياردەمچىلەر، ئەمما بۇ سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايدۇ. بىر ياردەمچى ئېدىسوننىڭ يەنە توختىماستىن كىتاب ئاختۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، تاقەت قىلىپ تۇرالماي: - يەنە يېڭى ماتېرىيال ئىزلەۋاتىسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى. ئېدىسون بۇ قېتىم >تېخى كۆپ ناچار< دېمىدىيۇ، ئۇ ھېسسىياتنى باسالماي: - قارىمامسىلەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بامبۇك شۇنچە كۆپ ئىكەن، بىز بۇ بامبۇكلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىۋېلىشىمىز كېرەك، - دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. ئېدىسون ھەر قانداق ئىش قىلسا ئارقىغا سۆرىمەيتتى. ئۇ شۇ يەردىلا بىر قانچە ئادەمنى تاللاپ، ئەڭ ياخشى بامبۇكلارنى تېپىپ سىناق قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى بامبۇكزارلىق رايونلىرىغا ئەۋەتتى. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ياپونىيىدىن چىقىدىغان بىر خىل بامبۇكنىڭ چىراغ قىلى ياساشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك دېھقانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ياپونىيىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى مۇشۇ خىلدىكى بامبۇكنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن تەمىنلەش سودا توختىمى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، توك سىملىرىنى تارتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، باھاسى ئەرزان، ئۆزى چىرايلىق بولغان مىليونلىغان لامپۇچكىلارنى بازارغا سېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى. ئېلېكتر چىرىغى ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، دەسلەپتە مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن، بەزىدە ۋەقەلەر يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئېدىسون ئىستېمالچى ئائىلىلەرنىڭ ئامانلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر چارە ئويلىدى: ئېلېكتر سىمنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە كىچىك بىر كەسلەم سىنىك سىم بېكىتتى. سىنىك سىمنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ئېلېكتر سىمدىن تۆۋەن بولغاچقا، سىم يولىدىكى توك ئېقىمى كۈچىيىپ، ئىسسىقلىق دەرىجىسى ئۆرلەپ كەتكەندە، سىنىك سىم ئالدى بىلەن ئېرىپ توك يولى ئۈزۈلۈپ، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ ئەڭ دەسلەپكى >سۇغۇرتا سىم< ئىدى. بامبۇك سىملىق چىراغ جەمئىيەتتە خېلى يىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئېدىسون يەنە خېمىيىۋى تالا ئىشلىتىپ، ئېلېكتر چىرىغىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى. 1906 - يىلى ۋولفرام سىملىق چىراغ كەشىپ قىلىندى. مانا بۇ - بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىۋاتقان ئېلېكتر لامپۇچكىسىدۇر. ئېدىسون 84 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئۆمرىدە، 1000 خىلدىن ئارتۇق كەشپىيات ياراتتى. ئېلېكتر چىرىغىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ترامۋاي، كىنو، تېلېفون، باتارىيە قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلدى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى >كەشپىيات< شاھى دەپ ئاتاشتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ