UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى

بەش مىڭ يىل دەل چۈش ۋاقتىدا، ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى 2 - چوڭ شەھەر سان فرانسىسكودا چېلەكلەپ قۇيغاندەك قارا يامغۇر يېغىپ كەتتى. پۇرچاقتەك يامغۇر تامچىلىرى شامالنىڭ ئۇچۇرتۇشى بىلەن ئاسفالت يولغا چۈشۈپ، چوڭ - چوڭ كۆپۈكچىلەرنى ھاسىل قىلاتتى. ۋەھالەنكى، دەل مۇشۇ چاغدا، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى يامغۇرغا پەرۋا قىلماي، شەھەر مەركىزىدىكى سان فرانسىسكو ئپېرا تىياتىرخانىسىغاق اراپ ئاقتى. بۇلار ئىچىدە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلا ئۇزۇندىن ئۇزاق ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش بېلىتى ئېلىۋاتاتتى. سىرتتىن ئاڭلاش بېلىتى ئاران 1500 پارچە بولغانلىقتىن، بىردەمدىلا تۈەەپ كەتتى، بېلە تەگمىگەن كىشىلەر ئوپېرا تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ قاراپ تۇرۇشتى. سان فرانسىسكودىكى شەھەر ئاھالىسى نېمە ئۈچۈن شۇنچە خۇشال بولىدۇ؟ چۈنكى شۇ كۈنى _ 1945 - يىل 25 - ئاپرېل كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى فاشىزمغا قارشى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، يامغۇر ئاستا - ئاستا پەسلىدى. يىراقتىن ھەر بىرىگە بىردىن دۆلەت بايرىقى قادالغان رەت - رەت پىكاپلار يېتىپ كەلدى. 46 مەملىكەتنىڭ رەڭگارەڭ 46 خىل بايرىقى ئاجايىپ - غارايىپ كۆرۈنەتتى. ئامېرىكا ۋەكىللىرى پىكاپلاردىن چۈشتى، ئۇلار 156 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قارا چاچ، سېرىق تەنلىك جۇڭگو ۋەكىللىرىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ :«!China _ جۇڭگو!» «!China _ جۇڭگو!» _ دەپ توۋلىشىپ، دەستە - دەستە گۈللەرنى ئۇلارغا قارىتىپ ئېتىپ، ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى. ئارقىدىن 65 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئەنگلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى، 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى كەلدى. تەشەببۇس قىلغان تۆت مەملىكەتنىڭ ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ جەمئىي 850 ۋەكىلى ئوپېرا تىياتىرخانىسىغا كىرىپ ئورۇن ئالدى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ 1800 مۇخبىرى مىغىلداپ زالغا كىردى. سان - فرانسىسكو ئپېرا تىياتىرخانىسى قالتىس ھەشەمەتلىك بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى، 1 - قەۋىتىدە ۋەكىللەر، 2 -قەۋىتىدە مۇخبىرلار، 3 -قەۋىتىدە سىرتتىن ئاڭلىغۇچ شەھەر ئاھالىسى ئولتۇردى. سائەت تۆتتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن رەسمي باشلاندى. يىغىننى ئېچىش مۇراسىمى يېرىم سائەتلا داۋاملاشتى. ۋەكىللەر يىغىن زالىدىن چىققاندا، تىياتىرخانا ئالدىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى: «تىنچىلىق!» «تىنچلىق!» دەپ توۋلاشتى، بۇ شوئار ساداسى كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، ساپ - فرانسىسكو ئاسمىنىدا ئەكس سادا پەيدا قىلدى. كەڭ خەلق تىنچلىققا نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر كۈچلۈك تەلپۈنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تىنچلىق ئاسانلىقچە قولغا كەلگەن ئەمەس.. 1937 - يىل 7 - ئايدا، ياپونىيە جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا قانلىق تاجاۋۇز قىلغاندىن تارتىپ، پۈتۈن دۇنيانى 2 -دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى قاپلاپ كەتتى. 1939 - يىل 9 - ئايدا، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى پولشاغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى. ياۋروپا، ئاسىيا قىتئەلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىست ئارمىيىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالدى، ئۇرۇش ئوتى دۇنيادىكى 60 نەچچە مەملىكەت ۋە رايونغا تۇتاشتى، ئىككى مىلياردتىن كۆپرەك ئاھالە ئۇرۇش ئىچىدە قېلىپ، ئرۇشنىڭ دەرد - ئەلىمىنى تارتتى. 100 مىليونلىغان خەلق كۈنلەرنىڭ بىرىدە فاشىستلارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپقىلىپ، ئەبەدىي تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغان ئىدى - ھە ! بىر مەھەل غالجىرلىشىپ كەتكەن گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستلىرى فاشىزمغا قارشى تۇرغان ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بىرلىكتە زەربە بېرىشى ئارقىسىدا مەغلۇپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، خەلق تىنچلىقنى بىر ئورتاق ئاپپارات قرۇش ئارقىلىق قوغدىماقچى بولدى. 1943 - يىل 01 - ئايدا، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ «ئومۇمىي بىخەتەرلىك خىتابنامىسى» ئېلان قىلدى، بۇ خەلقئارا بىخەتەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 1943 - يىل 11 - ئايدا، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە باشلىقلىرى قاھىرەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئورتاق تاكتىكا مەسىلىسى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. ئارقىدىنلا، تېھراندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، گېرمانىيە، ياپونىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئورتاق تەكتىكا مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رۇزۋېلىت سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى ستالىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. 1944 - يىل 8 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋەكىللىرى ۋە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دۇمبارتون كاۋچۇكزارلىقىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى تەييارلىدى. يىغىندا جىددىي تالاش - تارتىش يۈز بەردى. ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ۋەكىلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش كۆز قاراشمۇ، ئوخشاش بولمىغان مەقسەتلەرمۇ بار ئىدى. ئوخشاش كۆزقاراش شۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش لازىملىقىنى بىلدۈرگەنىدى؛ ئەمما ئامېرىكا ئۇرۇشتىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان بىر ئاپپارات قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيە،. ياپونىنيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغانىدى. دېمە، ئۇلار كونكرېت مەسىلىگە كەلگەندە ئىختىلاپ تۇغۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك مۇدىرىيىتى ئاۋاز بەرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، جۇڭگو،ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دۆلەتتە «رەت قىلىش ھوقۇقى» بولۇشى لازىملىقىنى تەكلىپ قىلدى. يەنى بۇ بەش چوڭ دۆلەتنىڭ قايسىبىرى قارشى چىقسا، ھەرقانداق قارار ئىناۋەتسىز بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنگلىيە ۋەكىلى بۇ تەكلىپكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلا، بىرەر مەسلىگە چېتىشلىق بولغان مەلۇم بىر تەرەپتە رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدىغان بولسا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىقتا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت «دېموكىراتىيە» پرىنسىپىنىئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلەر تىنچلىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇلاردا رەت قىلىش ھوقۇقى بولغاندىلا، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەدەم بىرلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەلۇم بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مۇداپىئەسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دېدى. ئەمما، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋەكىللىرى قوشۇلمىغانلىقتىن، بۇ مەسىلە شۇ پېتى قېلىۋەردى. ئاندىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى يەنە ئۇكرائىنا بىلەن بېلوروسىيە جۇمھۇرىيىتى گېرانيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ئېغىر ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى لازىم. دېگەن تەكلىپنى بەردى. ئامېرىكا ۋەتكىلى قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇكرائىنا بىلەن بېلوروسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى، ئەزا دۆلەت بولالمايدۇ، دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ مەسىلىمۇ جايىدا قېلىۋەردى. بۇ مەسىلىلەر تاكى 1945 - يىل 2 - ئايدا چاقىرىلغان يالتا (سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان) باشلىقلار يىغىنىدىلا ھەل بولدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رۇزۋېلت، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىلل ۋە سوۋېت ئىتىتپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى ستالىن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولۇشىغا قوشۇلدى. ئۇكرائىنا بىلەن بېلوروسىيە ئەزا دۆلەتلەر ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، سان فرانسىسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر نىزامىنى تۈزۈشيىغىنى ئېچىلدى. يىغىننىڭ 2 -كۈنى _ 26 - ئاپرېل كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولدى. بۇ كۈندىكى كۈنتەرتىپىدە تۆت تەشەببۇسچى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۆزلىمەكچى بولدى. يىغىن ئامېرىكا، جۇڭەو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە سۆزلىشىنى، ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزىى 12 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلىدى.سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى مولوتوۋ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ: سوۋېت ئىتىپاقى خەلقى ئەبەدىي تىنچلىقنى سەمىمىي ئارزۇ قىلىدۇ، خەلقئارا بىخەتەرلىك ئاپپاراتىنى قۇرۇش داۋامىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەقىقىي ۋە سەمىمىي، تەۋرەنمەس جەڭچى بولىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىي پوزىتسىيىسىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى. يىغىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توپتوغرا ئىككى ئاي داۋاملاشتى، بۇ چاغدا ئەزا دۆلەتلەر 50 كە كۆەيدى. 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامىنى بىر ئېغىزدىن ماقۇللىدى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ نىزامغا ئىمزا قويدى. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دڭ بىۋۇمۇ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نىزامغا ئىمزا قويدى. سان فرانسىسكو يىغىنىنىڭ قاراىغا ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1945 - يىل 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قۇرۇلىدىغانلىقى جاكالندى. ئۇنىڭ باش شتابى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى نيۇ يوركقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ