UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكومېىيە پىرى چاپلىن

كومېىيە پىرى چاپلىن

بەش مىڭ يىل چاپلىن تىلغا ئېلىنغا ھامان، كىشىلەر تەربىئىي ھالدا قاپتەك شىم، يوغان ئۇلۇق بەتىنكە، بېشىغا دۈگىلەك شىلەپكە كىيىۋالغان، قولىغا ھاسا ئېلىۋالغان، لاكتە برۇت قويۇۋالغان يېقىملىق ۋە قىزىق سەرگەرداننىڭ ئوبرازىنى ياراتقان بىر كىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بۇ سەرگەرداننىڭ پۈتۈن ھەىركىتى ھەمىشە كىشىلەرگە كۈلكە بېغىشلايتتى. ئەمما ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەمىشە تاماشىبىنلارنىڭ خەيرىخاھلىقىنى قوغايتتى ۋە يىغىسىنى كەلتۈرەتتى. چاپلىن بۇ «كىچىك شەخس» نىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا ھەرگىز قۇرۇق خىيالغا بېرىلەەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى، كەچۈرمىشى ۋە تەقدىرىنى ئەينەن تەسۋىرلىگەن. چارلىز چاپلىن ئەنگلىيىلىنىڭ لونداون شەھىرىدىكى بىر كومېدىيەئارتىسىنىڭ ئائىلىسىدە تغۇلغان، ئاتا - ئانىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئۇ كىچىكىدىلا سەنئەتنى ياقتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئارتىس بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ دادىسى بەختكە قارشى بالدۇر ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئانىسى نېرۋا كېسىلى بولۇپ قالدى، گۆدەك چاپلىن يېتىم بالىلار مەكتىپىگە كىردى. بۇ يەردە، ئۇنىڭ قورسىقى تويمىدى، ئۇچىسى ئىسسىمىدى، ئۇزۇن يىلارغىچە ئاچ - يالىڭاچ ئۆتتى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە يېتىم بارلىلار مەكتىپىدىن چىقىپ كېتىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. ئۇ كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلدى، قەيەردە كەچ بولسا شۇ يەردە ئۇخلىدى، ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ كۆردى، ئاچلىقتىن ئۆلمىسىلا بولاتتى. ئۇ گېزىت ساتتى، دۇكانلاردا خىزمەتكار بولۇپ ئىشلىدى، ئوۇنچۇق سودىگىرى، دوختۇرلارغا كىچىك مالاي بولدى، ئەينەك سۈرىتىدىغان بالا ئىشچى بولدى، ئويۇنخانىلاردا يەر سۈپۈردى. ئۇ جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە قىيىن تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ ئارتىش بولۇشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدى. بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ لوندوندىكى ئويۇنخانىدا يەر سۈپۈرۈۋاتاتتى،. دېرىكتور رڭگى تاتارغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلپ، مۇنداق بىر خاپىلىق يۈز بەگەنلىكىنى يەنى ئاساسلىق بىر كومېدىيە ئارتىسى ئاغرىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئادەم كېرەك بولغانلىقىنى ئېيتتى. دېرىكتور چاپلىندىن بۇ رولغا چىقىپ خىجىلچىلىقتىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، چاپلىن رازىلىق بەردى، ئەمما، ھېلىقى كومېدىيە ئارتىسى بەستلىك كەلگەن قاۋۇل يىگىت ئىدى، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى چاپلىن كىيگەندە، ئۇنىڭغا ھەم چوڭ، ھەم ئۇزۇن كېلىپ قالدى، شىم خۇددى تاغاردەك لەپپەڭشىپ تۇراتتى، بەتىنكىسى خولۇقلاپ سۆرىلىپ قالدى، ئەمما شىلەپە ناھايىتى كىچىك كەلدى. ئۇ سەھنىگە چىققاندا، تاماشىبىنلار كىچىككىنە بىر ۋەىجىكنىڭ چوڭ ئادەمنىڭ تاغاردەك كەڭش ىمىنى كىيىۋېلىپ كىچىك سەرگەردانغا تازا ئوخشاپ قالغانىلىقىنى كۆرۈپ پاراققىدە كۈلۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئۇدا بىر نەچچە ئاخشام ئويناپ چىقتى. چاپلىن كىچىكىدىنلا سەرگەردانلىق ھاياتىنى كەچۈرگەنلىكتىن، بۇنداق بىر كىچىك سەرگەردانىڭ ئوبرازىنى ئاستا - ئاستا ۋە بارغانسېرى جانلىق قىلىپ ياراتتى. 1907 - يىلى چاپلىن 17 ياشقا كىرگندە، لوندوندىكى رەزىل ۋە قىزىق كومېدىيە سىنىپىنىڭ خوقايىنىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن «پۇتبول مۇسابىقىسى» دېگەن كومېدىيىنى ئويناشقا قاتناشتى ھەمدە ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىقىپ، ئاخىر مۇشۇ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ رەسمىي كومېدىيە ئارتىسى بولۇپ قالدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، چاپلىن ئۆمەك بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بېرىپ ئويۇن قويدى. ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ناھايىتى ساز بولغانلىقتىن، ئامېرىكىدىكى قىزىقچىلىق فىلىم شىركىتىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا چۈشتى، ئۇنىڭ بلەن ئۈچ فىلىم ئىشلەش توغرىسىدا توختام ئىمزالىدى، ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىنو ئارتىسى ھاياتىغا قەدەم تاشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن فىلىم ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كىنو ماھارىتى ۋە تەسۋىرلەش ۋاسىتلىرىنى جاپاغا چىداپ ئۆگەندى. ئۇ تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇستاز قىلدى. بۇلار ئىچىدە سەيپڭك، پاپرۇس ئىشچىسى كۈتكۈچى، سەرگەردان قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. چاپلىن ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان جانلىق ۋە قىزىقارلىق گەپلەرنى ئۆگەندى، مول تۇرمۇش خام ماتېرىياللىرىنى توپلىدى. ئۇ ئاران ئىككى يىل ئوقۇغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۆزلۈكىدىن جاپاغا چىداپ ئۆگەنلىكتىن، نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە بەدەىئىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، بەدىئىي تەربىيىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئۆزى تۈزۈپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئويناپ چىققان «ئوغلىنى ئىزدەپ ئەۋلىياغا ئۇچراپ قېلىش»، «ئالتۇن چايقاش خاتىرىسى»، «شەھەر مەنزىرىسى»، «مودا دەۋرى» قاتارلىق فىلىملەر ئارقا - ئارقىدىن قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بارا - بارا خەلق ئالقىشلايدىغان كىنو چولپانى بولۇپ قالدى. چاپلىن كىنو مۇنبىرىگە قەدەم قويغان چاغلار توپتوغرا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلدى. بىر كۈنى ئۇ گېزىتتىن چاپلىن گىتلېرغا تولىمۇ ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن، گىتلېرنىڭ چاپلىن ئىشلىگەن فىلىملەرنى گېرمانىيىدە قويۇشنى تەقىپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدى. چاپلىن بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندا كۈلكىلىك ھېس قىلدى. دەرۋەقە، ئۇ كىچىك سەرگەرداننىڭ كىيىمىنى كىيگەن ۋە كالۋالاردەك بۇرۇت چاپلىۋالغاندا بەئەينى گىتلېرغا ئوخشاپ قالاتتى. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سېلىشتۇرغاندا، چاپلىن گېرمانىيىنىڭ بۇ ئىستىبداتىغا ئوخشاپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن تۆت كۈنلا پەرقلىنىدىغان قۇرداش ئىدى. ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ تەقدىرى ئاسمان - زېمىن پەرق قىلاتتى: ئۇلارنىڭ بىرى مىليونلىغان كىشىلەرگە ئازاب - ئوقۇبەت ۋە بالايى - ئاپەت كەلتۈرسە، يەنە بىر مىليونلىغان كشىلەرگە ئازاب - ئوقۇبەت ۋە بالايى - ئاپەت كەلتۈرسە، يەنە بىر مىليونلىغان كىشىلەرگە شادلىق بېغىشلىغانىدى. بىر پەسە سېلىشتۇرۇشتىن كېيىن، چاپلىندا بىردىنلا: ئۇ بولسا ساراڭ، مەن بولسا، ئارتىس، ئالماشتۇرۇپ بېقىشقا بولامدۇ - يوق ....، دېگەن ئوي پەيدا بولدى. ئۇ بىر فىلىم ئىشلەپ، ياۋروپالىق بۇ يالماۋۇزنى راس مەسخىرە قىلماقچى بولدى. اىلىمگە «چوڭ ئىستىبدات» دەپ ئىسىم قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ باشقا فىلىملەرنى ئىشلەشنى توختىتىپ، سىنارىيە يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، گىتلېرغا ئائىت ھۈججەتلىك فىلىملەرنى تېپىپ، نەچچە سائەتلەپ كۆرەتتى. ئۇگىتلېرنىڭ ھەر خىل تەقى - تۇرقلىرىغا تەقلىت قىلىپ، تاكى گتلېرغا تازا قايىدا ئوخشاتقاندىن كېيىنلا، فىلىمگە ئېلىش ئىشىنى باشلىدى. چاپلىن «چوڭ ئىستىبدات»تا گىتلېر بىلەن كىچىك يەھۇدىي ساتىراشنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقتى. مۇسسولىننىڭ رولىنى ئېلىشا ئېرلاندىيىلىك بىر ئارتىسنى تەكلىپ قىلدى. چاپلىن كىچىك ساتىراشنىڭ رولىن ئېلىپ چىققاندا، ئاۋۋالقىدەكلا كەڭ ۋە چوڭ شىمنى ھەمدە پۇتىغا تولىمۇ خوپ كەلمەيدىغان يوغان ئۇچلۇق بەتىنكىنى كىيىىپ، ئۆدەككە ئوخشاش قەدمەم تاشلاپ ماڭاتتى. ئۇ كىچىك سەرگەرداننىڭ ئوبرازىنى تاشلىمىدى. بۇ رول ئۇنى پۈتۈن ھاياتىدا بەخت ۋە شان - شەرەپكە، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە پۈتۈن دۇنياىدكى مىليونلىغان تاماشىبىنلارنى نۇرغۇن شاد - خۇرام چاغلارنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى. چاپلىن ناتسىستلارنى مەسخىرە قىلىدىغان بۇ كۈلكىلىك فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن توپتوغرا ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلىدى. فىلى پۈتكەندە، 2 -دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانىدى. بۇ چاغدا بەزى ناتسىستچى ئۇنسۇرلا چاپلىنغا نۇرغۇن قورقۇتۇش خەتلىرىنى يېزىپ، بۇ فىلىم يەردە قويۇلسا شۇ يەردىكى كىنوخانىغا سېسىق گاز بومبىسى تاشلايمىز، ئېكرانغا مىلتىق ئاتىمىز، دېدى. چاپلىن ئامالسىزلىقتىن پرىستان ئىشچىلىرىنى كىنوخانىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. «چوڭ ئىستىبدات» ئاخىرى نيۇ - يوركتىكى ئىكىك تىياتىرخانىدا رەسمىي قويۇلدى. بۇ فىلىمنى كۆرگەن تاماشىبىنلار ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈشتى. كىشىلەر گىتلېر دېگەن بۇ ئىستىبداتنىڭ پەسكەش ئوبرازىنى كۆرگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق كۈلەتتى. بۇ ئىككى تىياتىرخانا ئۇنى ئۇدا 15 ھەپتە قويغان بولسىمۇ، زال ھەر قېتىمدا لىق توشتى. فىلىم بەزى كىنو ئوبزورچىلىرى بىلەن تاتسىستچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇلار گېزىتلەردە چاپلىنغا نۇرغۇن تىل ئازارى قىلىپ پىتنە - پاسات تارقاتتى، ئۇلار زەھەرخەندىلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، «چوڭ ئىستىبدات» ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە بېلەت سېتىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بىر كۈنى كەچتە چاپلىن تەكلىپكە بىنائەن [چوڭ ئىستىبدات» تىكى ئاخىرقى بىر ئابزاس نۇتۇق سۆزىنى رادىئودا ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ۋاشىڭتوندىكى «ئىنقىلابىي قىزلار سارىيى» غا باردى. بۇ پۈتۈن مەملىكەتكە بېرىلىدىغان رادىئو ئىدى. شۇ كەملەردە ئامېرىكا تېخى ئۇرۇشقا قاتناشمىغانىدى، بۇ كۈنى كەچتە سارايدا نۇرغۇن ناتسىستچى ئۇنسۇرلار بار ئىدى. چاپلىن ئوقۇشنى باشلاپش بىلەنلا ئۇلار قەستەن ئۈشقىرتىپ چۇقان كۆتۈردى. چاپلىن ئۇلارنىڭ ھەيۋە قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا پەرۋا قىلماي، ئامېرىكىدىكى 60 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە بۇ فىلىمدىكى ئاخىرقى مەردانە نۇتۇق سۆزىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇشنى قەتئىي داۋاملشتۇردى: مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالايدىغان كىشىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، سىلەر ئۈمىدسىزلەنمەڭلار! بىز ھازىر جاپا - مۇشەققەت چېكىۋاتىمىز، بۇ ئىش پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۆلۈم ئالدىدا غەزەپلىك زەھىرىنى چېچىۋاتقانلىقى ۋە تويماس نەپسىنى قاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىكى يوقىلىدۇ، ئىستىبدات ھالاك بولىدۇ. بىز يېپيېڭى بىر دۇنياغا - تېخىمۇڭ سۆيۈملۈك بىر دۇنياغا قەدەم تاشلىماقتىمىز!...» چاپلىن پۈتۈن ھاياتىدا 80 نەچچە فىلىم ئىشلىدى ۋە ئۇلاردا باش رول ئېلىپ چىقتى. بۇ فىلىملەردە كومېدىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكە سادالىرى بىلەن كۆز ياشلىرى يۇغۇرۇلۇپ بەدىئىي كۈچ ھاسىل قىلىپ، كاپتالىزم جەمئىيىتىدىكى تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ بەختسىزلىكلىرى ۋەت ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئېچىپ بېرىلدى. چاپلىننىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئالىيجاناب خۇلقى - مىجەزى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئېسىدە مەڭەۈ ساقلاندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ