پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇقۇم قىلىش
بەش مىڭ يىل
1941 - يىل 7 - دېكابىر سەھەر .
شىمالىي تىنچ ئوكياندا دولقۇنلار ئۆركەشلەپ تۇراتتى، كۆكنى قارا بۇلۇتلار قاپلىدى، ئەمما شەرقتىكى دېڭىز ئۇپۇقى سەل - پەل ئاقىرىپ باراتتى. ئالتە ئاۋىئاماتكا ۋە 14 ئۇرۇش پاراخوتىدىن تەركىب تاپقان زور پاراخوت ئەترىتى ئاق بۇژغۇنلارنى چاچرىتىپ، يۇقىرى سۈرئەت بىلەن جەنۇبقا قاراپ كېتىپ باراتتى. ھەربىر ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۈستىدىكى ئايروپىلانلار ئىككى قانىتىنى كېرىپ، رەت - رەت تۇراتتى، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ بەزىلىرىگە چوڭ تىپتىكى بومبىلار قاچىلانغان، بەزىلىرىگە سۇمىنالىرى ئېسىلغانىدى. ئايروپىلاننىڭ پىلدىرالىغۇچى گۈرۈلدەپ ئايلىنىپ، ئۇچۇشقا تەييار تۇراتتى.
بۇ پاراخوت ئەترىتى مانېۋىر قىلماقچىمۇ؟ ياق. بۇلار ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي پاراخوت ئەترىتى ئىدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا تۇيدۇرماي كېتىۋاتاتتى.
بىردەمدىن كېيىن، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا بېرىلگەن قاتتىق سىگنال ساداسى سەھەردىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى، 180 ئايروپىلان ئالتە ئاۋىئاماتكىدىن يېنىكلا ئۇچۇپ، جەڭگىۋار سەپ تۈزۈپ، پيورل - خاربور جايلاشقان ئوئاخو ئارىلىغا تۇيدۇرماي ئۇچۇپ بېرىپ ھۇجۇم قىلدى ...
ياپونىيە مىلىتارىزمى پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ يۈرەتتى. سوۋىت - گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە مىلىتارىزمى ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى «بۈيۈك ئاسىيانى ئورتاق گۈللەندۈرۈش چەمبىرىكى» نى قۇرۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى دەپ قارىدى. بۇ «ئورتاق گۈللەندۈرۈش چەمبىرىكى» جۇڭەو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، تايلاند، مالايا، بىرما، پىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ، مۇشۇ رايونلاردىكى نېفىت، كاۋچۇك قاتارلىق بايلىقلارغا ئىگە بولۇۋېلىپ، تىنىچ ئوكياندا زوراۋانلىق قىلماقچى بولغانىدى.
ياپونىيىنىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى تاجاۋۇزچىلىقى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتىگە توغرىدىن توغرا تەھدىت سالدى. شۇڭا 1941- يىل يازدىن تارتىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىپ ياپونىيىگە نېفىت ئېمبارگۇسى يۈرگۈزدى.
ياپونىيە ساقلاپ كەلگەن ئالتە مىليون توننا نېفىت كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ كەتتى. نېفىت بولمىسا، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان قىسىملىرى بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايتتى، نېفىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، سۆھبەت ئۇزۇندىن _ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈمىدى ئۈزۈلدى. شۇ ۋەقىدىن، ياپونىيىنىڭ «مۇداپىئە كېڭىشى» «شىمالغا يۈرۈش قىلىش» (سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش) نى ۋاقتىنچە توختىتىپ، «جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش» نى، يەنى نېفىت بايلىقىنى تارتىۋېلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ھىندىچىنى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىشنى قارار قىلدى.
بىراق، شۇ كەملەردە ياپونىيىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش يولىنى توسۇپ تۇرغان ھاۋاي تاقى ئاراللىرىدا، ئامېرىكىنىڭ كاتتا پاراخوت ئەترىتى تۇراتتى. ئامېرىكىنىڭ پاراخوت ئەترىتىنى تارمار قىلماي تۇرۇپ «جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش» پىلانىنى ئورۇنلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ياپونىيە مىكادوسى (پادىشاھى) ياپونىيە بىرلەشمە پارفخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانى شەنبېن ۋۇشىليۇغا يىراق دېڭىزدىن ئۆتۈپ بېرىپ پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇقۇم قىلىش پىلانىنى مەخپىي تۈزۈپ چىقىشنى تاپشۇردى ھەمدە بۇ ۋەزىپىنى دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى نەنيۈن باشچىلىقىدىكى پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئورۇنلىشىنى بەلگىلىدى.
ئامېرىكىنى بىخۇدلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە بىر تەرەپتىن، پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشنى پائال پىلانلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، يەنە بىر قېتىم«سۈلھ» تۈتەك پەردىسى تارقىتىپ، «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ھېچقانداق ئاساس يوق»، «ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەختسىز ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم» ۋەھاكازا دەپ تەشۋىق قىلدى. شۇ كەملەردە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلتمۇ، ياپونىيە ھۇجۇمىنىڭ تىغ ئۇچىنى ھىندىچىنى بىلەن شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان دەپ ئويلاپ، ياپونىيىنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال پيورل - خاربورغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى خىيالغا كەلتۈرمىدى.
شۇنداق قىلىپ، ياپونىيە سۆھبەتنى تاكى ئۇرۇش باشلانغىچە داۋاملاشتۇردى.
_ دۈشمەن ئايروپىلانى، دۈشمەن ئايروپىلانى!
ئامېرىكىنىڭ ئىككى يېڭى ئەسكىرى ئۇشتۇمتۇتلا راداردا غەيرى نورمال ئەھۋال كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى ۋە بۇ ئارالنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 130 نەچچە دېڭىز مىلى سىرتىدا بىر تۈركۈم ئايروپىلاننىڭ ئوئاخو ئارىلىغا قاراپ ئۈچۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تېزلا ئېنىقلىدى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىغا دەرھال مەلۇم قىلدى.
_ نېرۋاڭلار ئۆرلەپ كەتمىسۇن، ئۇ ئۆزىمىزنىڭ ئايروپىلانى!
نۆۋەتچى كوماندىر بۇ ئىككى يېڭى ئەسكەرنى بىر پەس مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن كارى بولماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئەسلىدە، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەترەت 17 - B ئايروپىلانى ئامېرىكىدىن ئۇچۇپ كەلمەكچى بولغانىدى. نۆۋەتچى كوماندىر ئۇچقۇچىلار ۋە ئايروپىلانلار يېتىپ كەلگەندە، ھونولۇلۇ رادىئو ئىستانسىسى ھاۋاي مۇزىكىسىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانىدى.
نۆۋەتچى كوماندىر رادىئونى ئېچىپ، مۇزىكىنى مەززە قىلىشقا باشلىدى، پورتتا تۇرغان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا تەييارلىق كۆرۈپ تۇراتتى، ھەممە ئىشلار ئادەتتىكىدەك بولۇپ، كۆڭۈللۈك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى، بىراق،راداردا كۆرۈنگەن بىر توپ ئايروپىلان ئوئاخو ئارىلىغا يېقىنلاپ قالدى.
ئەڭ ئالدىدىكى ئايروپىلاندا پيورل - خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ باش كوماندىرى يۈەنتيەن جۇڭرو بار ئىدى، ئارقىدا 48 ئۇپۇق بومباردىمانچى ئايروپىلانى، 40 سۇ مىناسى ئايروپىلانى، 51 شۇڭغۇغۇچ بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە 43 ھاۋانى كونترول قىلغۇچى كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. يۈەنتيەن، تۇرۇپلا ئاسماندىكى بۇلۇتنىڭ قېلىنلىقىدىن دېڭىز يۈزى كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى پەملەپ قالدى. پيورل - خاربوردا ھاۋا قانداقكىن؟ بۇ بىر ئاز دىلىغۇل بولۇپ قالدى. دەل شۇ چاغدا، ھونولۇلۇ رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلاتقان ھاۋاي مۇزىكىسى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا، ھونولۇلۇ رايونىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇمات ئاڭلاندى:
«ھاۋا يېرىم ئوچۇق بولدۇ، تاغ ئۈستى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، بۇلۇت قاتلىمى 3500 فۇت ئېگىز بولىدۇ. كۆرۈش دەرىجىسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ ...»
_ قالتىس ياخشى بولدى! _ دېدى يۈەنتيەن ئىختىيارسىز خۇشال بولۇپ، بۇ ئىش راستتىنلا ئېپىدە كېلىپ قالدى، ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ھاۋا رايى توغرىسىدا بۇنداق ياخشى مەلۇماتنىڭ بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
_ كاپىتان سۇڭچى، _ دېدى يۈەنتيەن مىكرافوندا ليۇتچىكقا مۇراجىئە قىلىپ، _ دەرھال پەسەك قاراڭ، دېڭىز بويىدەك كۆرۈنىدۇ!
_ دوكلات، مەن پيورل _ خاربورنى كۆردۈم! _ دېدى سۇڭچى، پورتتا ھەربىي پاراخوتلار خۇددى ئۇيقۇىغا كەتكەندەك، رەت _ رەت تىزىلىپ جىمجىت تۇراتتى.
_ ھۇجۇم بۇيرۇقى بېرىلسۇن! _ دېدى يۈەنتيەن ئارقىسىدا ئولتۇرغان سىمسىز تېلېگرافچى ئەسكەرگە توۋلاپ.
«تى، تى، تى .....» سىمسىز تېلېگرافچى ئەسكەر ئاپپارات كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، «ھۇجۇم باشلاش» توغرىسىدىكى مەخپىي نومۇرلۇق بۇيرۇقنى تەكرارلىدى.
بۇ چاغدا دەل ھونولۇلۇ ۋاقتى 7 - دېكابر سائەت يەتتىدىن 49 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى.
شۇ دەقىقىدە، توكيودا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارقىلىق ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېل؛تنىڭ ياپونىيە مىكادوسىدىن «مىكادونىڭ قارا بۇلۇتلارنى قوغلىۋېتىشىنىڭ بىرەر چارىسىنى ئويلاپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېيىلگەن تېلېگراممىسىنى تاپشۇردى؛ ۋاشىڭتوندا، ياپونىيە باش ئەلچىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھوللىغا سۆھبەتنى توختىتىش توغرىسىدا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى. ئاددىي ئامېرىكىلىقلار، ياپونىيىلىكلەر ۋە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا تىنچ ئوكيان پاراخوت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى پيورل - خاربورنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى!
«گۈلدۈر _ گۈلدۈر»
يەر _ جاھاننى تىترەتكەن پارتلاش ساداسى بىلەن تەڭلا، ئارالدىكى ئايروپىلان ئىستانسىسىدىن غايەت زور ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا ئۇرۇش پاراخوتلىرى تۇرغان يەردىنمۇ سۇ مۇنارلىرى كۆتۈرۈلدى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھودۇققىنىدىن ھاڭۋىقىپ قالدى، ئەمما ئۇلار بىر قېتىملىق «ئالاھىدە مانېۋىر» بولسا كېرەك دېيىشتى. ۋەھالەنكى، دەل شۇ دەقىقىدە، ياپونىيە ئايروپىلانلىرى ياپونىيىگە دەرھال «ھاۋا ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دېگەن مەخپىي تېلېگراممىنى بەردى: «خۇ، خۇ، خۇ!» (ياپونىيىلىكلەر «خۇ» دېگەن ئاۋازنى مىڭ چاقىرىم يەردىن قايتىپ كەلگەن دەپ چۈشىنىدۇ).
بۇ چاغدا، نۇرغۇن ئامېرىكا كوماندىرلىرى شەنبىلىك تانسىدىن كېيىن تېخى ئويغانمىغانىدى، ياپونىيە ئايروپىلانلىرى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغاندا، ھەربىي ئوركېستىرچىلار رەتكە تىزىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاپ، پاراخوتتا بايراق چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ پەيتتە، ئامېرىكا پاراخوتىدىكى بايراقنىڭ يامراۋاتقان ئىس - تۈتەككە غەرق بولۇشىنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغانىدى.
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان پاراخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئۆزىنىڭ پاراخوتلىرىغا ئوت تۇتاشقاندى كېيىنلا: «بۇ مانېۋىر ئەمەس، پيورل - خاربورغا قىلىنغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم!» دېگەن جىددىي تېلېگراممىنى تارقاتتى، پاراخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانى كىممېل ياتىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ھەممىلا يەردە قۇلاقنى يارىدىغان پارتلاش سادالىرىنى ئاڭلىدى، قويۇق ئىس - تۈتەكلەرگە ئەگىشىپ، 1000 ئىنگلىزچىسىدىن ئېگىز سۇ مۇنارى كۆتۈرۈلدى؛ دېڭىز بويىدىكى مىناميون قىسىملىرى ئاسمانغا قارىتىپ توختىماي ئوق چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پاراخوت ئەترىتى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تارمار قىلىنىدىغان پاجىئەلىك ئەھۋال نامايان بولدى.
ياپونىيە ئايروپىلانلىرى 1 - قېتىمدا ئالاھازەل يېرىم سائەت ھۇجۇم قىلدى. سائەت سەككىزدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيىنىڭ 171 ئايروپىلانى 2 - قېتىم ھۇجۇم قىلدى، سائەت توققۇزدىن چارەك ئۆتكەندىن كېيىنلا، پيورل - خاربورنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر سائەت 50 مىنۇت ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق تۆت پاراخوتى غەرق قىلىندى، بىر پاراخوتى ئېغىر زەخمىلەرنىد، ئۈچ پاراخوتى بومبا چۈشۈپ زەخمىلەندى، بۇلاردىن باشقا، ئوندىن ئارتۇق قوغلىغۇچى پاراخوت، ئوكيان چارلاش پاراخوتى قاتارلىق ياردەمچى پاراخوتلار غەرق قىلىندى ۋە زەخمىلەندۈرۈلدى. 188 ئايروپىلان ۋەيران قىلىندى؛ ئامېرىكىنىڭ 4500 دىن ئارتۇق كوماندىر ۋە ئەسكىرى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. ياپونىيە ئاران 29 ئايروپىلانىنى زىيان تارتتى.
ياپونىيە ئۇرۇش باشلاپ بىر سائەت ئون مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ۋاشىڭتوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يېسۈن بىلەن لەيچى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھوللىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ بىر پارچە ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى، ھوللى غزەپلەنگەن ھالدا:
_ مەن 50 يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەپ، مۇنداق شەرمەندە ھۆججەتنى كۆرمىگەنمەن! _ دېدى.
يېسۈن يەنە بىر نېمە دېمەكچى بولۇۋېدى، ھوللى قولىنى شىلتىپ، ئۇلارنى قوغلاپ چىقاردى.
ياپونىيىنىڭ پيورل _ خاربورغا ئۇشتۇمتۇ ھۇجۇم قىلىشى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكالىدى. 21 - ئاينىڭ 8 _ كۈنى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئامېرىكا رادىئو ئىستانسىسى: «پيورل _ خاربور نومۇسسىزلارچە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى!» دەپ قايتا _ قايتا ئاڭلاتتى. زۇڭتۇڭ روزۋېلت: «چىدىغۇسىز ئىزا _ ئاھانەتكە ئۇچرىغان بۇ كۈننى ئەستە تۇتۇش كېرەك!» دەپ قاتتىق مۇراجىئەت قىلدى. ئارقىدىنلا، ئاۋسترىيە، گوللانديە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتمۇ ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ ەومىنداڭ ھۆكۈمىتى جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشى باشلىنىپ تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 9 _ دېكابر كۈنى باشقىلارغا ئەگىشىپ، ئاندىن ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 11 _ دېكابر كۈنى، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 2 _ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ كەتتى.