UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسىرلىق «ئارال» ئۈستىدە ئىزدىنىش

سىرلىق «ئارال» ئۈستىدە ئىزدىنىش

بەش مىڭ يىل _ دوىتۇر بانتىڭ، تببىي ئىنستىتۇتىمىزغا بېرىپ شېكەر سىيىش كېسىلى ھەققىدە بىر دوكلات بەرسىڭىز قانداق؟ _ ئەپسۇسكى، شېكەر سىيىش كېسىلىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزمەن، بۇ ساھەدە ئوقۇغۇچى بولۇشقىمۇ سالاھىيىتىم توشمايدۇ، قانداقمۇ ئۇستاز بولالايمەن؟ بانتىڭ كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى تىجارەتچ2ى دوختۇر ئىدى. پروفېسسور ماكېئود ئۇنىڭ شېكەر سىيىش كېسىلىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى، بانتىڭ قايتا - قايتا ئۆزرە ئېيتقان بولسىمۇ، ئاخىر نائىلاج ماقۇل بولدى. 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا، شېكەر سىيىش كېسىلى تېخى داۋاسىز كېسەل ئىدى. كىشىلەر بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغاندا، قاندىكى شېكەردىن بەدەن ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېقىلغۇ سۈپىتىدە پايدىلىنالماي، نەتىجىدە شېكەر سىيىش ئەھۋالى يۈز بېرەتتى؛ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، زەھەرلىنىش، ھوشىدىن كېتىش ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. شۇ كەملەردە ئۇنى داۋالىغۇدەك دورىمۇ بولمىغانلىقتىن، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كېسەللەر تاماقنى تىزگىنلەپ ئاچ قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قېلىناتتى. دۇنيادا شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان نۇرغۇن كېسەللەر ئاشۇنداق ئازابلىنىپ ئۆلەتتى، بانتىڭنىڭ بىر يېقىن ئاغىنىسىمۇ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىپ قالدى، ئۇلار كىچىكىدىلا بىرلىكتە رەگەتكە ئوينايتتى، چېلىشاتتى، تىببىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغانىدى. كېيىن ئۇ بۇ ياخشى ئاغىنىسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ھالااكەت يولىغا قااپ مېڭىپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردى. بانتىڭ بۇ ئاغىنىسىنى ۋە مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەن مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى ئويلىغانداناھايىتى ئازابلاندى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە دائىر بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، ئۇ ئالاقىدار ئەسەرلەرنى ۋاراقلاپ، ۇرغۇن ماقالىلەرنى ئوقۇغان بولسىمۇ، تىببىي ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلەپ بەرگۈدەك ھېچقانچە نەرسە يوقلۇقىنى ھېس قىلدى. ئەتىسى ئۇ تىببىي ئىنستىتۇتقا بېرىپ، نائىلاج دوكلاتنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلدى ۋە ئۇياق - بۇياققا تولا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى، ئۇ شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ قېنىدىكى شېكەر نەم ئۈچۈن ھەزىم بولمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ساغلام كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدە نۇرغۇنلىغان ئارالسىمان خىرە چېكىتلەر بولىدۇيۇ، شېكەر سىيىش كېسىلى بلەن ئاغرىغان كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن بۇ خىرە چېكىتلەر بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تارىيىپ كېتىدۇ؟ دەپ ئويلىدى. بۇ سىرلىق «ئارال» لار شېكەر سىيىش كېسىلىگە بېرىلىدىغان جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى ئېنىقلاپ چىقىش شەرت! دەپ ئيلىدى ئۇ ۋە ئۇشتۇمتۇتلا بىر پىكىر خۇددى چاقماق تېزلىكىدە چاقناپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇۋەتتى، ئۇ زادىلا ئۇىلىيالماي، ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، پروفېسسور ماكلېئودنىڭ ئىشكىنى چەكتى. _ پروفېسسور ماكلېئود، ماڭا بىر ياردەمچى بىلەن ئون ئىت كېرەك بولۇپ قالدى.. _ ھە، - دېدى پروفېسسور ماكلېئود ئۇپقۇلۇق كۆزىنى ئېچىپ، _ تاشقى كېسەل پراكتىكىسى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتامسىز نېمە؟ _ ياق، تاشقى كېسللىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. مەندە مۇنداق بىر ھېسسىيات تۇغۇلدى، شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئازايتىش مۇمكىن دېگەن قاراشتىمەن. _ ھەريىلى بىر مۇنچە ياش دوختۇرلار ئۆزلىرىنىڭ شېكەر سىيىش كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يولىنى تاپقانلىقىنى ماڭا سۆزلەپ كېلىۋاتىداۇ...، _ دېدى پروفېسسور ماكلېئود گۈلۈپ تۇرۇپ. _بۇ كېسەلنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنىڭ تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن ئاشقازان ئاستى بېزى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارماقچىمەن، مېنىڭ سىناپ كۆرۈشۈمگە رۇخسەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن. _ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىئولوگىيە ئالىملىرى كۆپ يىللارغىچە ئاشقازان ئاستى بېزى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ باردى. ئۇلار قورساقنى ئاچ قويۇش ئۇسۇلى ئاقرىلىق كېسەللەرنى دەھشەتلىك جازالىغاندەك، ئاستا - ئاستا ئۆلتۈرۈشتىن باشقا، نېمە نەتىجە قازىنالىدى؟ _ ماكلېئود جانابلىرى، خۇددى سىز مەن دىن جەزمەن دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلغاندەك، مەنمۇ سىزدىن ياردەم بېرىشىڭىزنى كاجلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن. پروفېسسور ماكلېئود ئۇنىڭ بۇ تەرسالىقىنى كۆرۈپ، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى ۋە: _ ئۇنداق بولسا، سىز فىزىئولوگىيە تەجرىبىسى جەھەتتە تېگىشلىك تەربىيە ئالغانمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ياق، شۇنڭ ئۈچۈن ماڭا مەخسۇس ياردەمچى كېرەك. _ ئۇنداق بولسا ياخشى، باننىڭ، ئىشقا كىرىشىڭ. بىراق، بنتىڭنىڭ يار - بۇرادەرلىرى ئۇنڭ پىلانىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇ يوقىلاڭ سىناقنى دەپ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇش ئىستىقبالىدىن ۋاز كەچمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. بانتىڭ پەقەت گەپكە كىرمىدى. ئۇ دوختۇرخانا ۋىۋىسكىسىنى ئېلىۋېتىپ، تاشقى كېسەللىكلەر سايمانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆي جاھازلىرىنى سېتىپ، ئورونتودىكى تىبابەت بىناسىدىن ئىنتايىن كىچىك، ئادەم تىنالمايدىغان.بىر ئورۇندۇقتىن باشقا ھېچنېمە يوق بىر ئۆينى قەرزئالدى. دېمەك، ھېچقانداق ئۇنۋانى بولمىغان، مائاش ئالمايدىغان، ئۆزى تەينلەنگەن بىر تەتقىقاتچى سىناق خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى باستېر تېخى 20 گە كىرمىگەن تىببىي پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، خىمىيە جەھەتتە ناھايىتتى تالانتلىق ئىدى، ئۇ قان بىلەن سۈيدۈكتىكى شېكەر تەركىبىنى ئانالىز قىلالايتتى، بۇ ئىككى ياشئاشۇنداق روھلۇق ھالدا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. _ باستېر، مەندە مۇنداق بىر ئوي بار، _ دېدى بانتىڭ ياردەمچىسىگە، _ ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى «ئاراللار» نىڭ رولى شۇكى، ئۇشېكەر ماددىسىنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ «ئاراللار» ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغاندا، شېكەر تەركىبى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، شېكەر سىيىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. _ مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، _ دېدى باستېر. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىتنىڭ بەدىنىدە سىناق قىلىشقا كىرىشتى. ئاۋال ئۇلار ئىتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، ئىتنى شېكەر سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلغاندىن كېيىن ساغلام ئىتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى (ئىنسۇلىن) ئېلىپ، كېسەل ئىتقا ئوكۇل قىلدى. ئۇلار ئىشنى ئون ئىتتىن باشلاپ 91 ئىتنى سىناق قىلىپمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. 92 - ئىتقا كەلگەندە مۆچىزە يۈز بەردى: شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ئۆلەي دەپ قالغان ئىتقا ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئوككۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ، «كاڭ - كاڭ« قاۋاشقا باشلىدى. _ شېكەر سىيىش كېسىلىنى داۋالاشنىڭ شىپالىق دورىسى تېپىلدى! _ دەپ توۋلىۋەتتى باستېر خۇشال بولۇپ، ئۇلار سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ ھېسابلىدى. ئەمما بۇ ئىت 20 كۈنگە قالمايلا ئۆلۈپ قالدى. چۈنكى، ئوكۇل قىلىنغان ئاشقازان ئاستى سۇيۇقلۇقى ناھايىتى ئاز بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار يېتەرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىغا ئىگە بولالىشى نۇرغۇنلىغان ئاز ئۇچرايدىغان مېتالغا ئىگە بولۇشىدىنمۇ تەس ئىدى. ئەمما، قىيىنچىلىق بانتىڭنى قورقۇتالمىدى. ئۇ ئاخىر ئۆلتۈرۈلگەن قوي ۋە كالىلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدىن تېخىمۇ نۇرغۇن ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئىتلار ئامان قالدى. ئۇنداقتا، شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئادەملەرنىمۇ شۇنداق ئاشقازان ئاستى بېزىدىن تېخىمۇ نۇرغۇن ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئالدى. شۇنداق ىلىپ، شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئىتلار ئامان قالدى. ئۇنداقتا، شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئادەملەرنىمۇ شۇنداق ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى بىلەن داۋالىغىلى بولامدۇ؟ بانتىڭ بىر كۇنى ھېلىقى يېقىن ئاغىنىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدى. ئۇنڭ بۇ بىچارە ئاغىنىسى ياداپ ئورۇقلىغان، چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. _ سىز تەجرىبىخانامغا كىرىپ چىقىڭ، مەن، ئېھتىمال سىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىر خىل سىناق بىلەن بەند بولۇاتىمەن. بانتىڭ ئاغىنىسىنى تەجرىبىخانىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇنىڭغا ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇلۇقىنى ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن، تولۇق ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئاغىنىسىگە قاراپ تۇردى. ئاغىنىسىنڭ نەپىسى قىسىلىشپ، بىر - بىرلەپ نەپەس ئالسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. بانتىڭ ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ جىم _ جىملا تەجرىبىخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ئۇ خۇددى يۈرىكىگە يىڭنە سانجىغاندەك ئازابلاندى. بىراق، ئەتىسى ئەتىگەندە، بانتىڭ ئاغىنىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالدى: _ بانتىڭ، تۈنۈگۈن سىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن بىردىنلا نەپسىم ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بېشىم قايمىدى، ئىشتىھايىممۇ ئېچىلپ قالدى. مەن ھېلىقى شىپالىق دورىنى يەنە ئىشلەتسەم دەيمەن. «شېكەر سىيىش كېسىلى بويسۇندۇرۇلدى» بۇ خەۋەر خۇددى چاقماقتېزلىكىدە تارقالدى. پروفېسسور ماكلېئود بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، باشقا خىزمەتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، مۇشۇ سىناققا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىغا «ئىنسۇلىن» دەپ نام قويدى ھەمدە بۇ سىناق توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئامېرىكا ۋىراچلار جەمئىيىتىدە ئوقۇپ ئۆتتى. ۋىراچلار جەمئىيىتى ماكلېئودنى ماختىغان بولسىمۇ، ئەمما شن - شەرەپنى بانتىڭغا دەرھال بەرمىدى. بانتىڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇ كېسەللەرگە ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى. تۈركۈم - تۈركۈم كېسەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى، ئەنگلىيە پادىشاھى جورج V مۇ ئۇنىڭغا داۋالاندى. ئۇنىڭ ئىنسۇلىنى تەلەپنى قاندۇرالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى، مەسىلەن، ھەددىدىن زىيادە ئوكۇل قىلىنسىمۇ، ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. بىر مەزەىل سىناق قىلىش ئارقىسىدا، بانتىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. 1922 - يىلى، بانتىڭ نوبېل تىبابەتچىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپات پۇلى ئۇنىڭ بىلەن پروفېسسور ماكلېئودقا بېرىلدى. بانتىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك مۇكاپات پۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى باستېرغا ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ بۇ پۇلنى پېرېۋوت قىلىدىغان چاغدا: «بۇ بىر ئۈلۈش خىزمەت جەريانىدا، سىز مەن بىلەن بىللە بولدىڭىز، مەڭگۈ شۇنداق بولوپ قالىسىز» دەپ يازدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئەگىشىپ، خىلمۇ خىل ماختاشلار ۋە شان - شەرەپلەر ئۇنىڭغا خۇددى مۆلدۈردەك يېغىشقا باشلىدى. كانادا ھۆكۈمىتى "بانتىڭ ئىلمىي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى" قۇردى، تولونتو شەھىرىدە "بانتىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى" قۇرۇلدى؛ ئەنگلىيە پادىشاھى جورج V بانتىڭغا كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقى ئۈچۈن گراف ئۇنۋانى بەردى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بانتىڭ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئۇ «شېكەر سىيىش كېسىلى ئۈستىدە بىلەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى 15 مىنۇتتا سۆزلەپ بولۇش مۇمكىن. ئەمما، تىببىي ئىلىم ساھەسىدە كشىلەر ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر شۇ قەدەر كۆپكى، بىر نورمال كىشىنىڭ مېڭىسى ھەرگىز قانائەتلەنمەدۇ» دەيتتى. 1939-يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ بانتىڭنىڭ تەجرىبە خىزمىتىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ ئوتتاۋا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئالدىنقى سەپتىكى داۋالاش ئىشىغا مەسئۇل بولغان كوماندىرغا مۇنداق دېدى: _ مەن جەڭگە قاتنىشاي دېسەم، ياشىنىپ قاپتىمەن، ئەمما، داۋالاش ئەترىتىڭىزگە قاتنىشىشىمغا رۇخسەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن، ماڭا ئەڭ تۆۋەن ئۇنۋان بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەنە دۇنيادىكى تەرەققىيپەرۋەر خەلق بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغان فاشىست ئالۋاستىلارنى جازالاش كۈرىشىگە قاتناشتى. 1941 - يىلى 2 - ئايدا، ئۇ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن لوندونغا كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن بەختكە قارشى قۇربان بولدى. شۇ كەملەردە، ئۇ ئاران 49 ياشقا كىرگەنىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ