«ئاق لايىھە»دىن «دېڭىز ئارسلانى پىلانى »غىچە
بەش مىڭ يىل
1939 - يىلى باھاردا، گىتلېر «ئاق لايىھە »دەپ ئاتالغان «پولشانى مەڭگۈ يوقىتىش» پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ ئۇرۇش قەدەم - باسقۇچلىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە تىنچلىق تۈتەك پەردىسى تارقىتىپ، پولشاغا ھەرقانداق شەكىللەر بىلەن قارشى تۇرۇش خىيالىمىزغىمۇ كېلىپ باققىنى يوق دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پولشانى بىرلا ھۇجۇم بىلەن ئېلىش ئۈچۈن، 1 - سېنتەبرگىچە ھەممە تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈش توغرىسىدا خۇپىيانە بۇيرۇق بەردى.
1939 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كېچىدە، گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرىسىدىكى گرىفۇتىسې شەھىرىنى تىنجىق قاپلاپ كەتتى. گېرمانىيىنىڭ بىر توپ ئىسئىسچىلىرى گىتلېرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە پولشا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ پولشا ئەسكىرى بولۇۋېلىپ، پولشانىڭ گېرمانىيىگە يېقىن چېگىرىسىدىكى گرىفۇتسىې رادىئو ئىستانسىسىغا ئۇشتۇمتۇت «ھۇجۇم قىلدى». گىرىم قىلىۋالغان بۇ «پولشا قوشۇنى » رادىئو ئىستانسىسىنى قىلچە قارشىلىقسىز ئىشغال قىلدى ھەمدە پولەك تىلىدا گېرمانىيىگە «ئۇرۇش» ئېلان قىلدى.
1 - سېنتەبر كۈنى تاڭ يۇرۇغاندا، گىتلېر گېرمانىيە «پولشا» قوشۇنلىرىنىڭ «ھۇجۇمى»غا ئۇچرىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، گېرمانىيە ئەسكەرلىرنىڭ پولشاغا «ئاق لايىھە» بويىچە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىشىغا كوماندا بەردى. گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇن ئايروپىلانلىرى پولشانىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى، ئايرودروملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ئارقىدىنلا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 56 دىۋىزىيىسىنى، جەمئىي بىر مىليون 500 مىڭ ئەسكىرى غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن پۈتۈن سەپ بويىچە پولشاغا ھۇجۇم قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت ئوندا، گىتلېر پۈتۈن گېرمانىيىگە رادىئو نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ تەلىۋىلىك بىلەن:
_ پولشانىڭ نۇرغۇن ئەسكىرى گېرمانىيە تەۋەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئۇلار ئىچىدىكى پولشانىڭ مۇنتىزم ئەسكىرى گرىفۇتسى رادىئو ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلدى. بارلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى تېنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلشى ئەمدى مۇمكىن بولماي قالدى. مەن بۇ مەسىلىلەرنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، - دەپ جار سالدى.
شۇنداق قىلىپ، گىتلېرنىڭ رىژىسسورلۇقىدا ئوينالغان رەزىل ئويۇن، «پولشا ھۇجۇمى» نىقابى ئاستىدا پىلانلانغىنىغا ئۇزۇن بولغان تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى باشلىدى.
3 - سېنتەبر كۈنى ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە فرانسىيە - پولشا ئىتتىپاقداشلىق ئەھدى ۋە ئەنگىلىيە - فرانسىيە ھەمكارلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، ئالدىراپ - تېنەپ گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىر پارتلىدى.
ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھەمما ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىدى. فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە چېگرىسىدا ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىرغا يېتىدىغان زامانىۋىي مۇداپىئە ئىستىكامى بار ئىدى. بۇ ئىستىكام قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى گېنىرال ماگىنونىڭ رىياسەتچىلىكىدە ياسالغانلىقتىن، «ماگنو مۇداپىئە لىنيىسى » دەپ ئاتالغانىدى. بۇ لېنىيە بىلگىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ دېڭىزغا تۇتىشاتتى. ئەمما بېلگىيە «بىتەرەپ» لىك نامى بىلەن بېلگىيىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە قارشى تۇرغانلىقىتىن، بۇ مۇداپىئە لىنىيىسى پەقەت بېلگىيە چېگرىسىغىچە ياسالغانىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ لېنىيە يېرىم مۇداپىئە لىنىيىسى بولۇپ قالغانىدى. گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلغان كۈنلەردە، ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە ھېسابلانغان فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قىمىرلىماي، مۇشۇ 200 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ماگىنو مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ كەينىگە مۈكۈۋالدى.
ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە نېمە ئۈچۈن قىمىرلىماي، جىمجىت كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار گېرمانىيىگە پەقەت مەجبۇرىي ئۇرۇش ئېلان قىلغانىدى. ئۇلار ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇرۇشنى توختىتىشنى ئويلىغانىدى. بولۇپمۇ فرانسىيە گېرمانىيە بىلەن قوشنا قىلغانلىقتىن، فرانسىيە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى گىتلېرنىڭ پولشاغا قىلغان چاقماق تېزلىكىدىكى ھۇجۇمىدىن، ئەگەر گېرمانىيىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويسا ئۆزىگىمۇ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇگېرمانىيىگە قانداقمۇ تەشەببۇرسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلالايدۇ؟ دېمەك، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ «جىم ئولتۇرۇۋېلىشى» ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىك ۋە قابىلىيەتسىزلىكى ئارقىسىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشانى ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا بېسىۋالدى. پولشا ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيىگە قېچىپ كەتتى. خەلق داۋاملىق پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇردى.
ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە: گېرمانىيە پولشانى بېسىۋالغاندىن كېيىن چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ ھېسابلىغانلىقتىن، «ماگىنو مۇداپىئە لىنىيىسى » دىكى ئىستىھكاملارنىڭ ئارقىسىدا ئالتە ئايغىچە قىمىرلىماي جىم تۇرۇۋەردى. فرانسىيە ئارمىيىسى ھەر كۈنى ئېلان قىلىپ تۇرغان ئۇرۇش خەۋەرلىدە، ھەمىشە بىر قېلىپتا «غەربىي ئۇرۇش سېپىدە توختالغۇدەك ھېچ گەپ يوق» دېيىشەتتى. كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «جىم ئولتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى»، «غەلىتە ئۇرۇش» دېگەنلىكىدىن ئەجەبلەنمىسىمۇ بولاتتى.
گىتلېر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيىنىڭ پولشانى بېسىۋالغانلىقىنى ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئېتىراپ قىلسىلا، گېرمانىيە ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ دەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمما، گىتلېر بىلەن فرانسىيە توغرىدىن توغرا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋەردى.
1940 - يىلى 9 - ئاپرېلدا، گىتلېر دانىيە بىلەن نوۋېگىيىگىمۇ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن، گىتلېر فرانسىيە - گېرمانىيە چېگىرىسىدىن ماگىنو مۇداپىئە لىنىيىسنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، بىتەرەپ دۆلەتلەردىن بولغان گوللاندىيە، ليۇمسېمبۇرگ ۋە بېلگىيىنىمۇ بېسىۋېلىپ، كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ، ماگىنو مۇداپىئە لىنيىسى تۈگەيدىغان يەردىن فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا بېسىپ كىردى. گىتلېرنى شەرقتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ قىلچە تەييارلىقسىز تۇرغان ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى ئالدىراپ - تېنەپ چېكىندى. گېرمانىيە تانكىلىرى قوغلاپ زەربە بەردى. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى فرانسىيە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغان سومما دەرياسى مۇداپىئە لىنيىسىنى ۋەيران قىلىپ، توپتوغرا پارىژغا پاراكەندىچىلىك سالدى. 16 - ئىيۇن كۈنى فرانسىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە تىز پۈكۈپ سۈلھ تەلەپ قىلدى.22 - ئىيۇندا فرانسىيە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى. ئىمزا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا گېرمانىيە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان يەر - كومپپېنى ئورمانلىقىدا بىر ۋاگوندا ئىمزالاندى. غەلىبە قىلغان تەرەپ مەغلۇب بولغان تەرەپ ئورۇن ئالماشتۇردى خالاس.
فرانسىيە گۇمران بولغاندىن كېيىن، گىتلېر ئەنگىلىيىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا 16 - پەرمانى يەنى «دېڭىز ئارسلانى پىلانى» نى چۈشۈردى. ئەنگىلىيە گېرمانىيىگە قارشى يالغۇز ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. مۇشۇ جىددىي پەيتتە، ئىزچىل تۈردە مۇرەسسەچىلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن چېمبېرلىن ھۆكۈمىتى قاتتىق دەشنام يەپ غۇلاپ چۈشتى. گېرمانىيە قاتتىق قوللۇق لۇشيەن قوللىنىشىنى ئىزچىل قۇۋەتلەپ كەلگەن دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى ۋىنىستون چىرچىل چېمبېرلىننىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولدى. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن خەلقنى «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش» قا چاقىردى:
_ بىز ھەرقانداق چىقىملارغا قارىماي زىمىنىمىزنى مۇداپىئە قىلىمىز، بىز دېڭىز ساھىلىدا ئۇرۇش قىلىمىز. بىر دۈشمەن بىلەق قۇرۇقلۇققا چىققان رايونلاردا ئۇرۇش قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ ئارىلىقىمىز ئىستىلا قىلىنغان ھەتتا ئاچارچىلىق ئىچىدە قالغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز . . . . ئۆزۈمگە كەلسەم، مەندە باشقا نەرسە يوق، ئىسسىق قېنىمنى، ئەمگىكىمنى، كۆز يېشىمنى ۋە تەرىمنى ئاۋامغا بېغىشلايمەن.
ئەنگىلىيىگە بېسىپ كىرىش فرانسىيىگە بېسىپ كىرىشكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى گىتلېر بىلەتتى. ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۈچۈن، دولقۇنلار ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرغان ئەنگىلىيە بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئۇ يەردىكى ئەڭ تار ئارىلىقمۇ 20 دېڭىز مىلىدىن ئاشاتتى. يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى ئىگەللىۋالغان ناپالىئون دېڭىزدىن ئۆتۈن ئەنگىلىيىنى ئىستىلا قىلىشقا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلالمىغانلىقتىن، ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. يۈز نەچچە يىلدىن كېيىن، گېتلېر ئەگەر ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇقىغا چىقماقچى بولىدىكەن، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ھاۋانى كونترول قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئەنگىلىيىنىڭ تەڭتۇشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سانى جەھەتتە ئەنگىلىيىنى بېسىپ چۈشەتتى. شۇ ۋەجىدىن بىرىتانىيە ئۇرۇشى گېرمانىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئېلىپ بارغان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئۇرۇشىنى كەڭ كۆلەملىك دېڭىز ۋە ھاۋا ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
13 -ئاۋغۇستتا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى باشلاندى. گېرمانىيە ئەنگىلىيىنىڭ ئايرودروم، رادار پونكىتلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن 1485 ئايروپىلان قېتىم بومباردىمان قىلدى. ئەنگىلىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى قەھرىمانلارچە ھۇجۇمغا ئۆتتى. نۇرغۇن ئۇچقۇچىلار بىر كۈندە ئۈچ - تۆت قېتىم ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇچۇپ، ھاۋادا توختىماي جەڭ قىلدى. يەردە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملار، زەمبىرەكچىلەر ھەمىشە ھېرىپ- چارچاپ ھوشىدىن كېتىپ قالاتتى. دەھشەتلىك ھاۋا جېڭىدە، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنى زادىلا ۋەيران قىلالمىدى. شۇڭا گىتلېر ئۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ، «تېرورلۇق ھاۋا ھۇجۇمى » غا ئۆتۈشكە بۇيرۇق بەردى ۋە شەھەرلەرنى ۋەھشىيانە بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولدى. 9 - ئاينىڭ بېشىدىن 11 - ئاينىڭ بېشىغىچە، گېرمانىيە لوندوننى ھەر كۈنى ئاخشىمى تەخمىنەن 200 بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى.
ئۈچ ئاي شىددەتلىك ھاۋا جېڭى قىلىش ئارقىسىدا، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇب قىلالمىدى. گىتلېرنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىگە تايىنىپ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئەنگىلىيىگە بېسىپ كىرىدىغان يول ئېچىشتىكى تەۋەككۈلچىلىك پىلانى ئاخىر مەغلۇب بولدى. ئۇ «دېڭىز ئارسلانى» دىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى قايتا - قايتا كەينىگە سۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ گىتلېرنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتەلمىگەن بىرىنچى جەڭ ئىدى.
ئەنگىلىيە ھەربىي ۋە خەلقىنىڭ ئۆزى ئاجىز، دۈشمەن كۈچلۈك تۇرۇقلۇق، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنگە قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ، غەلىبە قىلىش روھى فرانسىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مەغلۇبىيەتچىلىكى ۋە قول قوۋۇشتۇرۇپ، ئۆلۈمنى كۈتۈشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان بۇنداق روھ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.