قان ئايلىنىشنىڭ سىرى
بەش مىڭ يىل
ئادەم يۈرىكىنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەدىمكى يۇناندىن تارتىپ 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن مەشھۇر دوختۇرلار ۋە ئالىملار كۆزىتىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسىسى ئېنىق جاۋاب تاپالمىغان.
17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى يېشىلمەي كېلىۋاتقان بۇ سىر ئاخىرى تولۇق ئېچىلدى.
ئۇ چاغدا، ئىتالىيىنىڭ بارۇيە دېگەن يېرىدە بىر مەشھۇر مېدىتسىنا ئىنىستىتۇت بار ئىدى. بۇ ئىنىستىتۇتدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئوپېراتسىيە كۆزىتىدىغان پەلەمپەيلىك بىر دەرسخانا بار ئىدى. بۇ ئۈستىگە گۈمبەز چىقىرىلغان يۇمۇلاق بىنا بولۇپ، بىر قاتار بىر چەمبەر شەكلىدە ئىدى. 1 - قاتارنىڭ ئورۇندۇقلىرى ۋە تاختايلىرى تەكشى، قالغان قاتارلار بىر - بىرسىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتارنىڭ ئورۇندۇقلىرى ۋە تاختايلىرى تەكشى، قالغان قاتارلار بىر - بىرسىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتارنىڭ ئورۇندۇقلىرى تورۇسقا تاقاشقىلى تاس قالاتتى. بۇ دەرسخانىنىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرسا، ئوتتۇرىدىكى ئوپېراتسىيە شىرەسىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. دەرسخانىنىڭ ئەتراپىدا بىرمۇ دېرىزە يوق ئىدى. دەرسخانا پۈتۈنلەي تورۇسقا ئېسىلغان شاملار، شۇنداقلا ئوپېراتسىيە جوزىسىنىڭ يېنىدىكى سەككىز ئوقۇغۇچى تۇتۇپ تۇرغان چىراقلار بىلەن يورۇتۇلاتتى.
بۇ كۈنى، ئادەم بەدىنى ئوپېراتسىيە قىلىش تەجرىبىسىنى بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىسى فابرىسيۇس ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. 300 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنىڭ پىشقان ھەرىكىتىگە قارىماقتا ئىدى.
_ شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭلار لازىمكى، - دېدى فابرىسيۇس ئوپېراتسىيە ئاياقلاشقاندىن كېيىن، - ئادەم تېنىدىكى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە رولىنى يالغۇز كىتاب ئوقۇش، دەرس ئاڭلاش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانات ۋە ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئەقىل ۋە تەسەۋۋۇرغا تايانماستىن، ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرەلەيدىغان نەرسىگە ئىشىنىشىڭلار كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ھازىرغىچە باشقىلار تەرىپىدىن كەشپ قىلىنمىغان نەرسىلەرنى بايقىۋالالايىسىلەر.
ئارقىدىنلا، فابرىسيۇس ئوپېراتسىيىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزى كەشپ قىلغان كۆك قان تومۇرىنىڭ قاپقىقى ھەققىدىكى نەزىرىيىسىنى چۈشەندۈردى. ئۇ ئىنتايىن جانلىق، ئوبرازلىق ھالدا بۇنداق قاپقاقنى «قاش ئىشىكى» دەپ ئاتاپ، قاننىڭ بۇ كىچىك «ئىشىك» لىرى خۇددى بىر تومنىڭ قاپقىقى سۇنى توساپ قالغىنىغا ئوخشاش قاننى تىزگىنلەپ، ئۇنى بىر يۆنىلىشكە ئاقتۇرىدۇ، دېدى.
- ئۇستازىم، بۇ قان قەيەردىن ئېقىپ چىقىپ، قەيەرگە ئېقىپ كېتىدۇ؟
سوئال قويغۇچى، ئوقۇتقۇچى يېنىدا چىراق تۇتۇپ تۇرغان بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ۋىليام ھارۋېي بولۇپ، قارا چاچلىق، ۋىجىك بالا ئىدى. قاپ - قارا كۆزلىرىدىن ھەممىنى كۆزىتەلەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
- ھە، بۇ سوئال ئوبدان قويۇلدى. بىراق، بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك، - دەپ جاۋاب بەردى ئوقۇتقۇچى.
- يەنە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ - ھارۋېي ئۇستازىنىڭ جاۋابىدىن سەل - پەل ئۈمىد بولسىمۇ، ئەمما ئۇستازىنىڭ مۇنداق ئەستايىدىل ۋە كىچىك پېئىل پوزىتسىيىسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇستازىنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىدى.
ھارۋېي، ئەنگلىيىلىك بىر باينىڭ ئائىلسىدە تۇغۇلدى، 16 ياشقا كىرگەندە، نەتىجىسى ئەلا بولغانلىقتىن كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ تىبابەتچىلىكنى ھەقسىز ئۆگەندى، ئەمما كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۈن بويى دەرسلائۆتۈلەتتى. ئوپېراتسىيە تەجرىبىسى كەمدىن كەم قىلىناتتى. شۇڭا ھارۋېي ئۇ يەردە بىر نەرسە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. كېيىنچە، ئۇ ئىتالىيە ئىنىستىتۇتىدا تەجرىبىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چىقىپ كېتىپ ئىتالىيە ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ ئوقۇدى.
بۇ قېتىم ئوپېراتسىيىە تەجرىبىلىرىدە ھارۋېي ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ھەل قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنىستىتۇتقا كەلگەندىن باشلاپ ئۇنىڭدا قاننىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن قويۇق ھەۋەس تۇغۇلدى ھەمدە كۆڭلىدە بۇ ئىلمىي سىرنى يېشىشكە نىيەت قىلدى.
ھارۋېي ئىتالىيىدە ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەمبەغەللەرنىڭ كېسىلىنى كۆرىدىغان بىر دوختۇرخانىدا دوختۇر بولدى. ئۇ دوختۇرلۇقنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيۈپ، كەمبەغەللەرنىڭ كېسەللىرىنى ھېچقانداق سوۋغا - سالام ئالماي داۋالىدى. كېسەللەر ئامبۇلاتۇرىيىگە كېلەلمىسە، ئۇ كېسەلنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ داۋالىدى.
ھارۋېي كۈندۈزى دوختۇرلۇق قىلسا، كەچلىكى تاكى تۈنتەڭگىچە ئوپېراتسىيە قىلىش، كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ قەدىمكى يۇناننىڭ تىبابەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل بېرىلىپ ئوقۇپ، ئەجدادى تىبابەت ئالىملىرى ئا. ۋېساليۇس. ۋ. سبرۋېتوسلارنىڭ ئادەم تېنىنىڭ تۈزۈلۈشى، يۈرەك - ئۆپكە قانلىرىنىڭ دائىرىلىك ئايلىنىشىغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئۇستازى فابرىسيۇسنىڭ قاپقاق نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، تىبابەت ئىلمى ئۈستىدە دادىل ئىزدەندى.
ھارۋېي ئارقا - ئارقىدىن جانلىق تەنلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئادەم تېنىدىكى قان ھەرىكىتىنىڭ سىرىنى بايقىدى، ئەسلىدە، ئادەم بەدىنىنىڭ قىزىل قان تومۇرلىرىدىكى قان يۈرەكتىن چىقىپ، كۆك قان تومۇرلىرى ئارقىلىق يۈرەككە قايتىپ كېلىدىكەن، مۇشۇ تەرىقىدە توختىماي دەۋر قىلىپ، مەڭگۈ توختىماستىن بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئايلىنىدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى مۇشۇنداق قان ئايلىنىش ماددا ئالمىشىشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى، ئەسىرلەر بويى ئېچىلماي كېلىۋاتقان قان ئايلىنىشنىڭ سىرىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئېچىپ تاشلىدى ۋە دەسلىپىدە ئۇستازى جاۋاب بېرەلمىگەن مەسىلىگە جاۋاب بەردى.
ھارۋېينىڭ كەشپىياتى تارقالغاندىن كېيىن، جامائەت ئىچىدە خىلمۇخىل مۇلاھىزىلەر بولدى، بەزىلەر ئۇنى قۇۋۋەتلىسە، بەزىلەر ئۇنىڭغا قارشى تۇردى. ئەنگلىيىلىك بىر دوختۇر: «بۇرۇن دوختۇرلار قان ئايلىنىش دېگەننى بىلمەي تۇرۇپمۇ كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالىغان، ھارۋېينىڭ بۇ نەزەرىيىسى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ رول ئوينىيالمايدۇ» _ دېدى. باشقا دۆلەتلەردىمۇ بىرمۇنچە دوختۇرلار ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنى خەتەرلىك ھەم زىيانلىق _ دېيىشتى. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، برۇنونىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما ھارۋېي ئىنتايىن سوغۇق قانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى.
1630 - يىلى، ھارۋېي ياۋروپادا ساياھەتتە بولغىنىدا، پەلەمپەيلىك بىر دەرسخانىدا ئادەم بەدىنىنى ئوپېراتسىيە قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ قان ئايلىنىش نەزەرىيىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيىنى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى قايىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر يەنە گۇمان بىلەن قارىدى. ئەنگلىيە پادىشاھى كارل بىر پەنگە خۇشتار بولغاچقا، ئۇ ھارۋېينىڭ ئوپېراتسىيىسىگە بەكمۇ قىزىقتى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرلىقىغا تەكلىپ قىلدى ھەمدە ھرۋېيغا پادىشاھلىق باغچىسىدىكى ھايۋاناتلارنى ئوپېراتسىيە قىلىشتىن تارتىپ نۇرغۇن شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ھارۋېينىڭ تەتقىقات خىزمىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى.
1628 - يىلى، ھارۋېي ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى «يۈرەكنىڭ قان ھەرىكىتى توغرىسىدا» دېگەن كىتابچە قىلىپ يېزىپ چىقتى ھەمدە گېرمانىيىدە رەسمىي نەشر قىلدرۇدى. بۇ كىتابچە گەرچە 27 بەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيا ئىلىم - پەن تارىخىدا مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولدى. ئۇ بىزنى قان ئايلىنىشنىڭ نېگىزلىك قانۇنىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يېقىنقى زامان فىزىئولوگىيىسىنىڭ جانلىق تەننى ئوپېراتسىيە قىلىش تەجرىبە ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، ئادەم فىزىئولوگىيىسى بىلەن ھايۋانات فىزىئولوگىيىسىنى پەن قىلىپ تۇرغۇزدى.
1657 - يىلى 6 - ئايدا، ھارۋېي ئۇزاق مۇددەتلىك چارچاش نەتىجىسىدە بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئىلمىي تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھارۋېي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقىدا، ئاتاقلىق ئالىم خوكلېينىڭ رىياسەتچىلىكىدە لوندوندا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، فاكستون شەھىرى يەنە ئۇنىڭ مىس ھەيكىلى ۋە خاتىرە سارىيىنى تۇرغۇزدى. 1905 - يىلى، ئامېرىكىدا ھارۋېي ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى.
ھارۋېينىڭ قان ئايلىنىشىنىڭ سىرىنى ئېچىشى گئوگرافىك كەشپىياتتىن كېيىنكى تەجرىبە ئىلمىنىڭ مەدرىس پەلسەپىسى ئۈستىدىكى غەلبىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ماگېللاننىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىش سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يەرنىڭ يۇمۇلاقلىقى تەلىماتىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چەكلىك ماتېرىياللار ۋە ھەرخىل بىمەنە نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، چوڭ تەبىئەت ئۈستىدە بىۋاسىتە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ قەپەزلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، كەڭ ئەمەلىي ماتېرىياللار ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ باردى. قان ئايلىنىش قانۇنىيىتىنىڭ كەشپ قىلىنىشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.