UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئوق - يا جېڭى

ئوق - يا جېڭى

بەش مىڭ يىل ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا، ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قۇيۇق بولسىمۇ، پات - پات توقۇنۇشلارمۇ بولۇپ تۇراتتى. مىلادىنىڭ 10 - ئەسىرىدىلا فرانك پادىشاھلىقى بىر مۇنچە كىنەزلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن كۈچلۈكرەكى فرانىكنىڭ غەربىدىكى نورماندىيە كىنەزلىكى ئىدى. نورماندىيە كىنەزلىكىنى راماش بوغۇزى )ھازىر دوۋېر بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ( ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىپ تۇراتتى. 11 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا نورماندىيىنىڭ كىنەزى ۋىليام ئەنگىلىيىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىپ ئەنگىلىيىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا لوندونغا بېسىپ كىرىپ، تاج كىيىپ ئۆزىنى ئەنگىلىيە پادىشاھى، دەپ ئاتىدى. بۇ ۋەقە تارىختا >نورماندىيە ئىستىلاسى< دەپ ئاتالدى. 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋىليامنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئەنگىلىيە زېمىنىنى ئىگەللەش بىلەنلا قالماي، فرانسىيە پادىشاھى بېكىتكەن ۋەزىر دېگەن سالاھىيىتى بىلەن فرانسىيىدە فرانسىيە خان جەمەتى ئىگەللىگەن زېمىندىن ئالتە باراۋەر ئارتۇق زېمىننى ئىگەللىۋالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، فرانسىيە پادىشاھى فرانسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن ئەنگىلىيە بىلەن پات - پات قوراللىق ئۇرۇش قىلىپ يۈردى. 1328 - يىلى فرانسىيە پادىشاھى فىلىپⅣ تەختكە ئولتۇردى. بۇ چاغدا ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېرۋاردⅢ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى فىلىپⅣ نىڭ جىيەن نەۋرىسى دەپ، فىلىپ Ⅳ بىلەن پادىشاھلىق ۋارىسلىق ھوقۇق تالاشتى. ئەمما بۇ باھانە بولۇپ، ھەقىقىي تالاش باي - ئاۋات توقۇمىچىلىق رايونى فلاندىرىيە ئۈچۈن ئىدى. 1337 - يىلى دېكابىردا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاخىرى 100 يىل داۋام قىلغان ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇرۇش يېڭى باشلانغاندا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربى پائالىيىتى ناھايىتى ئاستا بولدى، ئەمما 1340 - يىلىغا كەلگەندە، ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى مەلۇم بىر پورت ئەتراپىدا فرانسىيە كېمە ئەترىتىنى تارمار كەلتۈرۈپ، دېڭىز بويىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. ئەمما ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە، ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يەنە فرانسىيە زېمىنىدا پەيدا بولدى. بۇ ئەھۋالدا فرانسىيە پادىشاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە تارمار قىلىشى، نومۇسنى ئاقلاپ، دەردىنى چىقىرىۋېلىشى تۇرغان گەپ ئىدى. قۇياش ئەمدى كۆتىرىلىشى بىلەن تەڭ، فرانسىيە پادىشاھى قوشۇنغا ئۆزى بىۋۋاستە قوماندان بولۇپ، مەمۇرىي ساراي تۇرۇشلۇق جاي ئاببېۋىل شەھىرىدىن جاراڭلىق ھەربى مارشى ۋە ياڭراق جەڭ دۇمباقلىرىنى ياڭراتقان ھالدا يولغا چىقتى. شەھەردىن چىقىپ تېخى ئالتە - يەتتە ئېنگېلىز مىلى ماڭماي تۇرۇپلا، كىرېسى دەيدىغان بىر كىچىك بازار ئەتراپىغا كەلگەندە، ئالدىنقى قاراۋۇل قىسىم: ئالدىمىزدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ تۇغى كۆرۈنۈۋاتىدۇ، دەپ جىددى خەۋەر يەتكۈزدى. شۇئان فىلىپ Ⅳ قىسىملار يۈرۈشنى توختىتشنى، تۇرغان يېرىدە بۇيرۇق كۈتۈشنى بۇيرۇدى. ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن تاڭ، ئەڭ ئالدىدىكى قىسىم نەۋاق يۈرۈشنى توختاتقان بولسىمۇ، كەينىدىكى قىسىم توختىماي، ئالدىدىكىلەرنى مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى. سەپ قالايمىقانلىشىپ، پادىشاھ، ئوفېتسىرلار قوشۇننى باشقۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، فرانسىيە قوشۇنى تامامەن دېگۈدەك ئەنگىلىيە ئارمىيىسىگە مەلۇم بولۇپ قالدى. ئەنگىلىيە قوشۇنى ئۈچ رەت جەڭ سېپى تۈزۈپ، ھەممىسى يەرگە يېتىۋالغان ئىدى. بۇلارغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە شاھزادىسى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھاللا قوشۇنغا ئورنىدىن تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى. بۇلار بىمالال ھالدا ئۆز سەپلىرىنى روسلاشتى: ئوق - ياچىلار چاسا سەپ بولدى؛ ئېغىر ئاتلىقلار سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇردى؛ ئىككىنچى سەپتىكى ئەسكەرلەر قانات شەكلىدە سەپ بولۇپ، جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇردى. ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن فىلىپⅣ نىڭ غەزەپتىن كۆزلىرى قان قۇيغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇ ئۆز قوشۇنىنىڭ پاتىپاراق بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي ئوفېتسىرلارغا بۇيرۇق قىلدى. - ئوق - ياچىلار ئالدىغا چىقىپ دەرھال جەڭ باشلىسۇن! فرانسىيە پادىشاھى بۇ قېتىم 15 مىڭ ئوق - ياچى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى گېنويىدىن ئېلىنغان ياللانما ئەسكەرلەر ئىدى. ھەر بىرى مىنۇتىغا تۆت دانە ئوق ئاتالايتتى. - ئالىلىرى گېنۇيىلىك بۇ نېمىلەر:>بۈگۈن ئوق - يا يۈدۈپ كۆپ يول يۈردۇق، ھېرى ماجالىمىز قالمىدى، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ جەڭ باشلىساق< دەيدۇ - دەپ مەلۇمات يەتكۈزدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ فىلىپⅣ نىڭ چىكە تۇمۇرلىرى كۆپۈپ كەتتى - دە، زۇلپىقارىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، يېنىدا تۇرغان بىر تۈپ دەرەخنى شارت قىلىپ چېپىپ تاشلىدى. - بۇيرۇق: دەرھال جەڭ باشلانسۇن، بولمىسا مۇشۇ يەردىلا چېپىپ تاشلايمەن! بۇ چاغ توساتتىن ھاۋا قاراڭغۇلىشىپ، ئارقىدىنلا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىلىپ، يامغۇر چىلەكلەپ قۇيغاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ھەر ئىككى تەرەپ جىمىپ قېلىشتى. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چاقماق - يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلدى، قۇياش نۇرى پارلىدى. قۇياش نۇرى ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ كەينى تەرىپىدىن چۈشكەن بولغاچ، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ كۆزىنى چاقتى. فىلىپⅣ نىڭ جىددى بۇيرۇقىنىڭ تەھلىكىسى ئاستىدا فرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئوق - ياچىلىرى يىغلىپ ھۇجۇم باشلىدى. ئۇلار باشتا سەكىرىشىپ - ۋاقىرىشىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنىنى ھەر نېمىلەرنى دەپ تىللىغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى پىسەنت قىلماستىن سېپىنى بۇزماي تۇرۇۋەردى. بۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ئوق - ياچىلىرى يەنە ھەدەپ سەكرەپ - تىللاپ، ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلىدى. ئەمما ئەنگىلىيە ئارمىيىسى مىدىر - سىدىر قىلماستىن تۇرۇۋەردى. ئوق - ياچىلار 3 - نۆۋەت يەنە سەكرەپ چۇقان كۆتەرگىنىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئوق - يادىن شىددەت بىلەن ئوق ئۈزۈشكە باشلىدى. بىراق بۇلار كۈن نۇرىغا قارشى بولغاچقا، كۆزىنى چېقىپ، ئوقنى نىشانغا تەككۈزەلمىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە ئەنگىلىيە شاھزادىسىنىڭ بىر ئېغىز بۇيرۇقى بىلەنلا، ئەنگىلىيە ئوق - ياچىلىرى ئالدىغا چىقىپ، ئوق - يا ئېتىشقا كىرىشتى. بۇلارنىڭ ئوقى ھەم مەركەزلەشكەن، ھەم كۈچلۈك ئېتىلدىكى، فرانسىيە ئوق - ياچىلىرىنىڭ يۈز - كۆز، كۆكسىلىرىگە يامغۇردەك كېلىپ تېگىپ، ئۇلارنى شەرمەندىلەرچە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. ئەسلىدە، ئەنگىلىيە ئوق - ياچىلىرىمۇ ياللانما ئەسكەر بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنگىلىيىنىڭ ئۆزىدىن ئېلىنغان ئەسكەرلەر ئىدى ھەم ناھايىتى ئېغىر يالارنى ئىشلىتىشنى بىلەتتى، ئوقنىمۇ 350 قەدەمنىڭ نېرىسىدىكى نىشانلارغا خاتاسىز تەككۈزەلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوق - يا ئېتىش سۈرئىتى گېنۇيىلىكلەرنىڭكىدىن تېز بولۇپ، مىنۇتىغا 15 دانە ئوق ئاتالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ تۇرغان ئورنى كۈن نۇرى چاقمايدىغان ئوبدان جاي بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ئوق - يا جېڭىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئۆز ئوق - ياچىلىرىنىڭ پايپىتەك بولۇپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن فرانسىيە پادىشاھى بۇيرۇق قىلدى: - ئاۋۇ تۇزكورلار چېپىپ تاشلانسۇن، چېپىپ تاشلانمىسا ماڭا كاشىلا بولۇپ، قوشۇننى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ! - پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ بىر ئەترەت ئېغىر ئاتلىق ئەسكەرلەر ھەدەپ چېكىنىۋاتقان ئوق - ياچىلار قوشۇنىغا چېپىپ بېرىپ، ئۆز ئوق - ياچىلىرىنى قىر - چاپ قىلدى. فرانسىيە قوشۇنى تامامەن مالىمانلىشىپ كەتتى. فرانسىيە قوشۇنىنىڭ سەپلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەنگىلىيە قوشۇنى ئۆتكۈر ئوق - يا ئوقلىرىنى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئېغىر ئاتلىقلار قوشۇنىغا ئۈزمەي ئېتىشقا باشلىدى؛ ئارقىدىنلا ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن پىيادە ئەسكەرلەر فرانسىيە قوشۇنى ئىچىگە كىرىپ، ئۆزى بىلگەنچە قىر - چاپ قىلدى. فىلىپ Ⅳ ئەھۋالنىڭ چاتاق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەسكەرلىرى بىلەن دەرھال كەينىگە قاچتى. بۇ ئۇرۇشتا فرانسىيە قوشۇنىدىن 1500 ئادەم ئۆلدى. ئەنگىلىيە قوشۇنىدىن بولسا 40 نەچچە كىشىلا چىقىم بولدى. بۇ مىلادى 1337 - يىلىدىن 1453 - يىلىغىچە داۋام قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەشھۇر جەڭ - >كرېسى ئۇرۇشى< ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ