زۇلۇلار ئۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا زۇلۇ دۆلىتى دېگەن كىچىك بىر دۆلەت قۇرۇلدى. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى 70 يىلغا يەتمىسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىك ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى تارىختا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
بۇ دۆلەتنىڭ نېمىشقا >زۇلۇ< دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇنۇ ھېكايىنى ئاڭلاڭ:
تەخمىنەن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، زۇلۇلار ھازىرقى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. 1819 - يىلى ئۇلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى چاكا ئەڭ ئاخىرقى بىر قەبىلە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، كەڭ رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈردى.
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭدىن:
- دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟ - دەپ سورىدى.
چاكا ھە دېسىلا ئۇرۇش قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ مەسىلىنى ئويلاپ كۆرمىگەچكە، دەماللىققا جاۋاب بېرەلمىدى.
چاكا تەڭلىكتە بولۇۋاتقاندا، توساتتىن بۇلۇتلار، ئاسماننى قاپلاپ كەتتى - دە، چاقماقلار چاقناپ، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، گويا چېلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ يامغۇر ياغدى. بىردەمدىن كېيىنلا ھاۋا ئېچىلىپ، ئەتراپتىكى تاغ - دەريالار، دالا - ئېتىزلار رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل تۈس ئالدى. چاكا بۇ مەنزىرىلەرگە نەزەر تاشلاپ قېن - قېنىغا پاتماي خۇشال بولۇپ كەتتى - دە:
- بولدى، بولدى، تاپتىم، زۇلۇ دەپ ئاتايلى! مىللىتىمىزنىڭ نامى ئامازۇلۇ بولسۇن! - دېدى.
زۇلۇ دېگەن بۇ مىللەت بانتۇلارنىڭ بىر تامىقى ئىدى. بانتۇ تىلىدا زۇلۇ - جەننەت، ئامازۇلۇ - جەننەتتىكى خەلق دېگەن بولاتتى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بەش زۇلۇ دۆلىتى بارلىققا كەلدى.
چاكا پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى، ئۇ 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولۇپ، جەڭ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىكى ئەرلەر ھەربىي سەپكە كىرىپ، گازارمىدا تەربىيلىنىشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، زۇلۇ دۆلىتى تەدرىجىي ھالدا 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن قۇردى.
چاكا زۇلۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇنقى نۇقۇل ئاتار نەيزە ۋە پالتا بىلەن ئىش كۆرىدىغان ھەم ئاساسلىقى شەخسىي ئۆز ئالدىغا ئېلىشىدىغان قالاق ئۇرۇش تاكتىكىسى ئورنىغا نەيزە بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قالقان بىلەن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە زور سەپ تۈزۈشتەك چاسا سەپ بولۇپ ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللاندى. بۇنىڭ بىلەن زۇلۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.
بەختكە قارشى چاكا ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىپ ئون ئاي بولمايلا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورۇندالمىغان ئىشلىرىغا ئىنىسى دىنگان ۋارىسلىق قىلدى.
دىنگانمۇ باتۇر ھەم قابىلىيەتلىك رەھبەر ئىدى. ئۇ قوشۇننى داۋاملىق مەشىق قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىدى. ئۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون يىلدا، غەربىي شىمالدىكى بۇرلار )گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ساقىندىسى( زۇلۇغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. دىنگان قوشۇننى باشلاپ جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا بەزى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما بۇلار ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، زۇلۇلارغا ئىككى ياقتىن ھۇجۇم قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇرلار يېنىك توپ ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن زۇلۇلار قوشۇنىغا تاقابىل تۇردى. نەتىجىدە زۇلۇلار ئارمىيىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، ھەتتا پايتەخت ناتالمۇ بۇرلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. دىنگان دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئاخىر بەختكە قارشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.
چاكانىڭ يەنە بىر ئىنىسى مۇپاندا دېگەن توخۇ يۈرەك نەرسە ئىدى. ئۇ، چاكا، دىنگانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ، بۇر مۇستەملىكچىلىرىگە تەسلىم بولدى ھەمدە دۈشمەننىڭ يۆلەپ يېتىشتۈرۈشى ئارقىسىدا پادىشاھ بولدى.
مۇپاندانىڭ ۋەتەن ساتقۇچلۇق قىلغان شەرمەندە ھەرىكىتى زۇلۇلارنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. خۇسۇسەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كېتىۋايو ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇر نەپرەتلەندى. كېتۋايو چاكا، دىنگانلارنىڭ باشلىغان ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلىدى. يېڭى بىر ئەۋلاد زۇلۇ ياشلىرى ئۇنى ناھايىتى ھىمايە قىلدى.
1856 - يىلى، زۇلۇلار كاتتا بىر يىغىن چاقىردى. يىغىندا، كۆپچىلىك كېتىۋايوغا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇشنى قارار قىلدى. كېتىۋايو ئاتىسىنى بىكار قىلىۋەتمەي، ئۇنى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتقۇزماي، نامدىلا ساقلاپ قالدى. 1872 - يىلى مۇپاندا ئۆلۈپ كەتتى. كېتىۋايو رەسمىي پادىشاھ بولدى.
كېتىۋايو ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىنلا، دەرھال يېڭىباشتىن قوشۇن قۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ، چاكا ۋە دىنگانلار بەرپا قىلغان ھەربىي تۈزۈم بويىچە، مۇۋاپىق ياشتىكى ئەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسكەرلىككە ئالدى. ئەمما ئۇ، نەيزە ۋە قالقانلارغىلا تايانغاندا مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنىڭ مىلتىق ۋە توپلىرىنىڭ ئوقىغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، كونىچە بىر يۈرۈش ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش شەرتلىكىنى بىلەتتى.
قانداق ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ كېتىۋايو بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللاندى، قوشنا ئەللەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، زور بىر تۈركۈم چارۋىغا نەچچە يۈزلىگەن مىلتىق ۋە نۇرغۇنلىغان ئوق - دورا تېگىشىپ كەلدى؛ بىر تۈركۈم ياشلارنى چەت ئەللەردىكى ئالماس كانلىرىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىپ، ئۇلار تاپقان پۇللارغا مىلتىق سېتىۋېلىپ كەلدى؛ ئەنگلىيە سودىگەرلىرىنى ياللىۋېلىپ قوشۇنلارنى مەشىق قىلدۇردى، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىدىن قېچىپ كەلگەن قاچاقلارنى ئوت ئالغۇچ قوراللار ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە قوبۇل قىلدى؛ ئۇ يەنە ئەسكەرلىرىگە ئات مىنىشنى، مىلتىق ئېتىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارغا يېڭى ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگەتتى.
بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىسىدا، كېتىۋايو 40 مىڭ كىشىلىك قۇدرەتلىك بىر قوشۇن قۇرۇپ چىقتى. قوشۇندىكى ئەسكەرلەر ھەم ئاتار نەيزە ئىشلىتەلەيدىغان ھەم ئوت ئالغۇچ قوراللار ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، جەڭگىۋار كۈچى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيدى.
بۇ چاغدا، بور مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئاللىقاچان ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىگىلەپ بولغانىدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى زۇلۇلارنىڭ قۇدرەتلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئالاقزادە بولدى - دە، 1978 - يىل 12 - ئايدا كېتىۋايوغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، كېتىۋايودىن ئۈچ كۈن ئىچىدە قوشۇننى تارقىتىۋېتىشنى ھەمدە ئەنگلىيە باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆكتەملىك بىلەن تەلەپ قىلدى.
كېتىۋايو بۇ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش، زۇلۇنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ھەققانىي ھالدا رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، جەڭ ھازىرلىقلىرىنى پائال ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكچى قوشۇنىغا زەربە بېرىشكە تەييارلاندى.
ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنىدىن 13 مىڭ كىشى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ زۇلۇغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. كېتىۋايو زۇلۇ قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكچى قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرا قوشۇنىغا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە ئاساسىي كۈچنى ئىساندلۋانا تاغ ئېتىكىگە يوشۇرىدۇ.
ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنى، زۇلۇ قوشۇنىنى ئىزدەپ نۇرغۇن كۈنلەر قاتراپ يۈرگەچكە، ھالى - مالى قالمايدۇ، ئۇلار كەچ قاراڭغۇسى چۈشكەندە، ئىساندلوۋانا تېغىنىڭ باغرىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلار زۇلۇ قوشۇنىنىڭ تاغقا يوشۇرۇنغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەچكە، ھېچقانداق ئىستىھكام ياسىماستىنلا بارگاھ قۇردى - دە، بېشىنى تىقىشىپ ئۇخلاپ كەتتى.
تىمتاس كېچىدە توساتتىن پۈشتەك ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئالدى - ئارقىسىدىن تەڭلا ئۇررا سادالىرى ۋە تاغ - جىلغىلارنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان چۇقانلار كۆتۈرۈلدى.
نەچچە مىڭلىغان زۇلۇ جەڭچىلىرى بەئەينى ئېتىلىۋاتقان يولۋاسلاردەك ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ بارگاھىغا ئېتىلدى. خارامۇش تۇرغان ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراش بىلەن تەڭ ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى. زور بىر تۈركۈمى زۇلۇ ئەسكەرلىرىنىڭ نەيزىسىدە جان ئۈزدى.
- قوراللىنىپ قايتۇرما زەربە بېرىڭلار! تېز بولۇڭلار! - ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېرى جان - جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى.
ئەنگلىيە قوشۇنىدىكىلەر قوراللىرىنى ئېلىپ قاراڭغۇدا بىر پەس قالايمىقان ئات - ئات قىلدى. مىلتىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوقلىماقچى بولۇپ بارگاھىغا كىرگەندە، ھەتتا ئوق ساندۇقلىرىنىڭمۇ ئاغزى ئېتىك تۇرغانلىقىنى كۆردى. ھودۇقۇپ ساندۇقلىرىنى ئېچىپ بولغۇچە، ئېتىلىپ كىرگەن زۇلۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يەنە زور بىر تۈركۈمى ئۆلتۈرۈلدى.
ئەنگلىيە قوشۇنى سەپنى سەل - پەل ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، زۇلۇ قوشۇنىغا ئوت ئالغۇچ قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
زۇلۇ جەڭچىلىرى زادىلا ئۆلۈمدىن قورقماي، گويا تاشقىن سۇدەك دەۋرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. يۈزلىگەن ئادەم يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلار ئاستىدا يەرگە يېقىلدى، ئەمما يەنە بىر تۈركۈم جەڭچىلەر يەنە چۇقان سېلىپ ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ بارگاھىغا قاراپ ئېتىلدى.
جەڭ بارغانسېرى شىددەتلىك بولۇپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ چاپ - چاپ جەڭ قىلدى. باتۇر ۋە ئۇرۇشقا ماھىر زۇلۇ قوشۇنى ئاخىر زور غەلىبە قازاندى. ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ 1300 ئادىمىنى ئۆلتۈردى، 1000 دىن ئارتۇق مىلتىق، 50 مىڭ تالدىن ئارتۇق ئوقنى ئولجا ئالدى.
ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنى مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي، ھەمدەمچى قوشۇنلىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 4 - ئايدا زۇلۇغا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى.
ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئۇمۇمىي سانى 20 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق ئىدى ھەمدە ئۇلار ئاتلىقلار ۋە ئېغىر تىپتىكى توپلار بىلەن جابدۇنغان بولۇپ، زۇلۇلاردىن روشەن ئۈستۈن ئىدى.
7 - ئاينىڭ باشلىرىدا، 5000 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى چاسا سەپ تۈزۈش تاكتىكىسى بىلەن زۇلۇنىڭ پايتەختىگە ھۇجۇم قىلدى. زۇلۇ قوشۇنىدا ئوت ئالغۇچى قوراللار بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭكىدەك ئىلغار ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ بۇلار >مۈڭگۈز< شەكىللىك سەپ تۈزگەن بولۇپ، ئىككى قانات >ئۇزۇن مۈڭگۈز< دەك ئالدىغا چىقىپ تۇراتتى، ئوتتۇرىسىدىكى غوللۇق قىسمى ئارقا تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇنداق سەپ تۈزگەندە ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ چاسا سېپىگە قىستاپ بارغىلى بولمايتتى.
>ئۇررا! ئۇررا!!< زۇلۇ جەڭچىلىرى پىداكارلىق بىلەن ئالغا قاراپ ئېتىلدى.
>پاڭ - پاڭ - پاڭ! پاڭ - پاڭ - پاڭ!< چاسا سەپ تۈزگەن ئەنگلىيە قوشۇنىدىن ئوقلار توختىماي قاتار ئېتىلىپ تۇردى.
باتۇر زۇلۇ جەڭچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ يەرگە يېقىلدى، يەنە تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئالغا قاراپ ئېتىلدى. ئەمما ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ چاسا سېپىگە زادىلا بۆسۈپ كىرەلمىدى. چاسا سەپتىن 30 مېتىردەك يىراقلىقتا 2000 دىن ئارتۇق زۇلۇ جەڭچىسى قانغا پاتتى.
كېتىۋايو قىسىملاردا تالاپەت ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئەنگلىيە قوشۇنىدىكى ئاتلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ قوغلاپ ھۇجۇم قىلدى. زور تۈركۈمدىكى زۇلۇ جەڭچىلىرى دۈشمەن قىلىچىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتتى.
مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى زۇلۇنىڭ مەركىزىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئوت قويدى، قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى، بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. زۇلۇلارنىڭ باشلىقلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. 8 - ئايدا كېتىۋايومۇ بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى.
كېتىۋايو زۇلۇلار ئارىسىدا يۈكسەك ئابرويغا ئىگە بولغاچقا، ئەنگلىيە مۇستەملىكچى قوشۇنى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە پېتىنالماي، ئۇنى ئەنگلىيىگە ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنى زۇلۇلارنى 13 كىچىك رايونغا بۆلۈپ، ئۆزلىرى يۆلەپ قوپۇرغان قورچاقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تۇتۇپ بەردى.
1887 - يىلى، چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن زۇلۇ دۆلىتى ئاخىر ئەنگلىيە تەرىپىدىن ھالاك قىلىندى ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. زۇلۇلار تىز پۈكمەي، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقچىلىق ھاكىمىيىتى بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلدى. لېستودىكى زۇلۇلار بانتۇ تىلى سىستېمىسىدىكى باسۇ تولېندلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1966 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، لېسوتو پادىشاھلىقىنى قۇردى.
زۇلۇ پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ 70 يىلغا يېقىن تارىخىدا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن چەت ئەك مۇستەملىكچى قوشۇنلىرى بىلەن ئۈزمەي ئۇرۇش قىلدى. زۇلۇلار جەسۇر، ئىرادىلىك، باتۇر ھەم جەڭگە ماھىر، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكچىلىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى تارىختا >زۇلۇلار ئۇرۇشى< دەپ ئاتالدى.