شانلىق خىتابنامە
بەش مىڭ يىل
بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىكى ئىتتىپاق كوچىسىدا ياندىشىپ تۇرىدىغان ئىككى ئىمارەت بولۇپ، ئىشىك بېشىغا بىردەم نام تاختىسى ئېسىلغان ئىدى. 5 - نومۇرلۇق ئۆينىڭ نام تاختىسىغا «كارل ماركس» دەپ، يېنىدىكى ئۆينىڭ نام تاختىسىغا «فرىدرىخ ئېنگېلس» دەپ يېزىلغان ئىدى. ماركس پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بېلگىيىگە كۆچۈپ كەلگەن بولسا، ئېنگېلس ئەنگىلىيىدىن كۆچۈپ كېلىشتە، پۈتۈنلەي ئورتاق ئىشلارنى نەزەردە تۇتقان ئىدى.
1847 - يىلى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، 5 - نومۇرلۇق ئۆيدىكى ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقى «جىرىڭ! جىرىڭ!» قىلىپ جىددى سىگنال ئۇردى، لوندوندىن كەلگەن بىر مېھمان ئىشىكنى ئالدىراش چەكتى.
ئىشىك ئېچىلىپ، ئۆيدىن ساقاللىق بىر يىگىت چىقتى ۋە:
- ئۆزلىرى...، - دەپ سورىدى.
- ئىسىمىم مولل، سائەتچى بولىمەن.
- ھارمىغايلا، مولل جانابلىرى، مەرھەمەت! - دېدى ماركس، موللنىڭ «ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى» نىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ياۋرۇپا مەملىكەتلىرىدىكى ئىشچىلار ئارىسىدا ئەزالىرى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ناھايىتى تەسىرى بار خەلقئارا تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ماركس بىلەتتى.
ئۇلار ئولتۇرغاندىن كېيىن، مولل سومكىسىنى ئېچىپ، بىر پارچە خەتنى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئالدى - دە:
- بۇ ئىتتىپاقىمىزنىڭ بارلىق رەھبىرىي ئەزالىرى ئىمزا قويغان «ۋاكالەتنامە»، ئۆزلىرى بىلەن ئېنگېلس جانابلىرىنى ئىتتىپاققا بىر خىتابنامە يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز، - دېدى.
- بىراق، ئېنگېلس ھازىر پارىژدا.
- شۇنداق، بىز ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىش ئۈچۈن پارىژغا ئادەم ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. ئىككىلىرىنىڭ ئىلتىماسىمىزغا جەزمەن قوشۇلىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن.
ماركس كۈلۈپ قويدى ۋە:
- بىراق بىز ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى ئەمەسقۇ، - دېدى - دە، خەتنى ئاچتى، خەتتە ئۇلارنى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان تەسىرلىك سۆزلەر يېزىلغان ئىدى. ماركس كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى.
- ئىنتايىن خىجىلمەن، - دېدى مولل تارتىنىپ، - ئىلگىرى بىز تولىمۇ خۇراپى قاراشتا بوپتۇق، بىز مۇزاكىرە قىلىپ، يەنىلا ئىككىلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى توغرا تاپتۇق، شۇڭا ئاتايىن كېلىپ ئىككىلىرىنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز.
- ماختىغانلىرىغا رەھمەت. ئەمما، ئېنگېلس بىلەن ئىككىمىز ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى، ئارتۇقچە شان - شەرەپنىڭ كېرىكى يوق. بىز پەقەت تەلىماتىمىزنى تەنقىدىي ھىمايىچىلىرىنىڭ بولۇشىنىلا تەلەپ قىلىمىز.
- خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتى ئىككىلىرىگە تازا مۇھتاج بولۇۋاتىدۇ! - دېدى مولل ئىككى قولىنى كەڭ يېيىپ، قىزغىنلىق بىلەن ماركسقا.
ماركس خۇشاللىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ موللنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى ۋە:
- ئېنگېلس بىلەن ئىككىمىز خىتابنامىنى جەزمەن يېزىپ چىقىمىز، - دېدى.
1847 - يىلى يازدا، ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى لوندوندا 1 - قۇرۇلتاينى چاقىردى. ماركس ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن، قۇرۇلتايغا قاتنىشالمىدى، ئېنگېلس پارىژ ياچېيكىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە لوندونغا كېلىپ، قۇرۇلتايغا قاتناشتى. قۇرۇلتاي ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى «كوممۇنىزىمچىلار» ئىتتىپاقى» - غا ئۆزگەرتتى. ئېنگېلس ئىتتىپاققا تەييارلىغان «نىزامنامە» - نىڭ بىرىنچى ماددىسىدىلا، ئىتتىپاقنىڭ بۇرژۇئازىيىنى ئاغدۇرۇپ، پۇرولېتارىياتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بەرپا قىلىش، كونا ۋە سىپلارنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى ئاساس قىلغان بۇرژۇئا جەمئىيىتىنى يوقىتىپ، سىنىپسىز، خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك بولمىغان يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ھەركەت نىشانىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلتاي يەنە ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئىتتىپاقنىڭ «ھەممە كىشى بۇرادەرلەردۇر» دېگەن كونا شوئارىنى «پۈتۈن دۇنيا پۇرولېتارلىرى، بىرلىشىڭلار!» دېگەن شوئارغا ئۆزگەرتتى.
يېپ - يېڭى پۇرولېتارىيات پارتىيىسى - كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى يەر شارىدا دۇنياغا كەلدى!
ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرى مەخپى ئېلى بېرىلدى. ئىتتىپاق قۇرۇلۇش بىلەنلا، كوممۇنىستىك تەشۋىقاتنى كېڭەيتتى. ماركس بىلەن ئېنگېلس بىريۇسسېلدا «ئىشچىلار تەلىم - تەربىيە جەمئىيىتى» تەشكىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «گېرمانىيە - بىريۇسسېل گېزىتى» نى كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات ئىستىھكامى قىلدى. 1847 - يىل 9 - ئايدا، ئۇلار يەنە «خەلقئارا دېموكىراتىيە جەمئىيىتى» نى كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات ئىستىھكامى قىلدى. 1847 - يىل 9 - ئايدا، ئۇلار يەنە «خەلقئارا دېموكىراتىيە جەمئىيىتى» نى تەشكىل قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچىلار بىلەن ئىنقىلابى ئاممىنى تەربىيلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش. كوممۇنىستىك ئىدىيىنى تەربىيلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش. كوممۇنىستىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەپلىك بولغان ئاشكارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىدى. تەلىم - تەربىيە ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماركس بىلەن ئېنگېلس كادىر تەربىيلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ تەشكىلاتلاردىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ئىلغار ئەزالارنى كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى قوشۇن تېخىمۇ كېڭەيدى.
1847 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى لوندوندا 2 - قۇرۇلتاي چاقىردى. ماركس بىلەن ئېنگېلس بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتى. قۇرۇلتاينىڭ ۋەزىپىسى يېڭى «نىزامنامە» نى ماقۇللاش ۋە پرۇگىرامما تۈزۈشتىن ئىبارەت بولدى. قۇرۇلتاي جەمئى ئون كۈن داۋام قىلدى. مۇزاكىرە داۋامىدا ، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپ تۇغۇلدى، تونۇشمۇ بىردەك بولمىدى. شۇڭا، ماركس بىلەن ئېنگېلس سەۋرىچانلىق بىلەن تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. مەسىلەن، مال - مۈلۈكنى بىراقلا ئومومنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ - يوق؛ كوممۇنىزىمنى بىراقلا كەڭ كۆلەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولامدۇ - يوق؛ ئىنقىلابتا زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش لازىممۇ - يوق، ۋاھاكازا. جىددى بەس - مۇنازىرە داۋامىدا، ماركس بىلەن ئېنگېلس ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن يىغىنچاقلاپ، خاتا چۈشىنىپ قالغانلىرىغا ئىزاھات بەردى، مۇجىمەل بولغانلىرىنى چۈشەندۈردى، خاتا بولغانلىرىنى تۈزەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ۋەكىللەرنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. مۇشۇ ئاساستا، قۇرۇلتاي «نىزامنامە» نى ئوڭۇشلۇق ماقۇللىدى ھەمدە ماركس بىلەن ئېنگېلسقا كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەركەت پروگراممىسى سۈپىتىدە بىر «خىتابنامە» يېزىپ چىقىش تاپشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ «خىتابنامە» ئاشكارا ھۆججەت تەرىقىسىدە پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى.
قۇرۇلتاي يېپىلغاندىن كېيىن، ماركس بىلەن ئېنگېلس جىددى ئىشلەپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى بىرلىكتە يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ ھۆججەت تېزلا يېزىپ پۈتتۈرۈلدى. «خىتابنامە» جەمئىي تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ يوقىلىشى ۋە پۇرۇلېتارىياتنىڭ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇقەررەرلىكىدىن ئىبارەت ئوبېكتىپ قانۇنىيەت نۇقتىلىق شەرھىلەندى؛ پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەقسىدى ئېنىق بەلگىلىنىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش پۇرولېتارىيات ئىنقىلابىدا غەلىبە قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىلمۇ خىل ساختا «سوتسىيالىزىم» ۋە ساختا «كوممۇنىزىم» تەنقىد قىلىندى؛ پۇرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«خىتابنامە» نىڭ ئاخىرىدا، ماركىس بىلەن ئېنگېلس مەردانە ئىنقىلابىي جاسارەت بىلەن، پۈتۈن دۇنياغا:
ھۆكۈمران سىنىپلار كوممۇنىستىك ئىنقىلاپ ئالدىدا غال - غال تىترىسۇن. پۇرولتارلار بۇ ئىنقىلابتا پەقەت كىشەندىنلا ئايرىلىدۇ. ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولىدۇ.»
دەپ ئاشكارا جاكارلىدى.
1848 - يىل 2 - ئايدا، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» لوندوندا رەسمىي ئېلان قىلىندى ۋە ناھايىتى تېزلىكتە چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» - پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ تۇنجى مۇكەممەل نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي پروگراممىسى، خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەركىتى تارىخىدىكى تۇنجى شانلىق ئىنقىلابى خىتابنامە. ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى ماركىسىزىمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئۇ پۇرولېتارىيات ئىنقىلابى ئىشلىرىنىڭ ئۆتكۈر قورالى، ئۇ پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلېتارلىرى بىلەن ئىنقىلابى خەلقنى كاپىتالىزىمنى ۋە بارلىق ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئاغدرۇرۇپ تاشلاش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئازادلىققا چىقىرىش يولىدا قەھرىمانانە كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا ۋە روھلاندۇرماقتا.
«خىتابنامە» نىڭ كوممۇنىستىك شانلىق نۇرى پۈتۈن دۇنياغا مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ!