UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«1 - مارت » ھەركىتى

«1 - مارت » ھەركىتى

بەش مىڭ يىل 1919 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېلىپ تاشلانغان چاۋشيەن پادىشاھى لى شى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتتى. بۇ پادىشاھ ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، مۇنداق بىر ئەگرى - توقاي جەريان بار! 1905 - يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى ئۆزىنىڭ «ھاميلىقىدىكى دۆلەت» دەپ جاكالىغاندىن كېيىن، لى شى بۇنداق قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن چوڭ ھاقارەت دەپ كەلگەنىدى. 1907 - يىلى 6 - ئايدا نۇرغۇن دۆلەتلەر گوللاندىيىدىكى گائاگادا « ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا تېنچىلىق يىغىنى » ئۆتكۈزدى. لى شى گائاگاغا دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپ، ھەرقايسى ئەللەردىن چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش، ياپونىيىنىڭ «ھامىيلىقى»نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پۈتۈن زېھنى بىلەن چاۋشيەننى يولىتىشنى كۆزلەپ كەلگەن ياپون جاھانگىرلىكىنى كىچىككىنە قارشىلىققىمۇ تاقەت قىلپ تۇرىدۇ دەمسىز! ئۇ دەرھال قورال كۈچى ئىشلىتىپ، لى شىنى قاماپ قويۇپ، پادىشاھلىقتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى. 1910 - يىلى ئاۋغۇستتا چاۋشيەننى رەسمىي بېسۋالدى. ئەمما چاۋشىيەن پۇقرالىرى ئۆز ئېلىنى ۋە بۇ مويسىپىت پادىشاھنى بۇرۇنقىدەكلا ياد ئېتىپ تۇردى. ياپونىيە جاھانگىرلىكى ساراسىمگە چۈشۈپ، پەمىلچايغا مەرگىمۇش سېلىپ قويۇپ، لى شىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. كىشىلەرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ چاۋشىيەندىكى باش ۋالىيسى مۇسىبەت ئېلانى چىقىرىپ، لى شى مېڭىگە قان قويۇلۇش كېسىلى بىلەن ئۆلدى. دېدى ھەمدە 30 - مارتتا «دۆلەت دەپنىسى » ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى. لى شىنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى چاۋشيەن خەلقى ئارىسىدا ئىنتايىن زور ئەكس سادا پەيدا قىلدى. ئۇلار «دۆلەت دەپنىسى » ئۆتكۈزىلىدىغان كۈنى كەڭ كۆلەملىك مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغىماقچى بولدى. بۇ چاغدا سۈن بىڭشى ئىسىملىك بۇرژۇئا ۋەكىلى 33 كىشى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۆزىنى «چاۋشيەننىڭ مىللىي ۋەكىلى» دەپ، بىر پارچە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى » تەييارلاپ، پارىژ سۈلھى كېڭىشىگە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسۇنغا ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، چاۋشيەنگە مۇستەقىللىق بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بىرىنچى مارتتا سېئول شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە تېنچ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. 1 - مارت يېتىپ كەلدى. مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن چاۋشىيەنلىكلەر سېئول شەھرىدىكى تادۇڭ باغچىسىغا جەم بولۇپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى بىردەك تەلەپ قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھى پەلەككە يەتتى. ئەمما ئۆزىنى «چاۋشيەننىڭ مىللىي ۋەكىلى » دەۋالغان ھېلىقى كىشى دەككە - دۈككىگە چۈشتى. ئۇلار ئاممىۋىي يىغىلىشقا قاتنىشىشقا پېتىنالماي، خۇپىيانە ھالدا بىر مېھمانخانىغا بېرىپ يىغىن ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى » نى ئوقۇدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلتىماسىنىڭ «تېنچ» يول بىلەن ھەل قىلىنغانلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مېھمانخانىدىن ياپونىيىنىڭ چاۋشىيەندە تۇرۇشلۇق باش ۋالىي يامۇلىنىڭ ساقچى باش مەھكىمىسىگە تېلېفۇن بەردى ۋە :« بىزنىڭ مۇستەقىللىق ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز مۇشۇ مېھمانخانىدا» دەپ دوكلات قىلدى. ئۇلار تېلېفوننى قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياپونىيە ساقچىلىرى بۇ مېھمانخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئالدى. ئەمما تادۇڭ باغچىسىدىكى ئەھۋال تامامەن باشقىچە ئىدى. قوزغال، يىگىرمە مىليون قېرىنداش، قوزغىلىپ قوراللانغىن مىلتىق، قىلىچ بىلەن. ئەركىنلىك ۋە ۋەتەن يولىدا، ياۋغا قارشى جەڭ قىل ئىسسىق قېنىڭ بىلەن . . . ئەتىگەندە سېئوللۇق نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى مۇشۇ كۆتۈرەڭگۈ،ھەيۋەتلىك «ۋەتەننى قايتۇرۇۋېلىش ناخشىسى » نى ئېيتىپ، تادۇڭ باغچىسىغا دولقۇن كەبى ئېقىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ چاۋشيەننى بېسىۋالغانلىقىغا قارشى تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر ساھەدىكى ئامما بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان تەنتەنىلىك يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ غەزىپى ئۆرلىدى. غەزەپلىك سادا كۆكنى تىترەتتى. «مۇستەقىللىق ختابنامىسى» نى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، سېئوللۇق 300 ئامما ۋە ئوقۇغۇچى كوچىغا چىقىپ، قۇدرەتلىك كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزدى. _ چاۋشيەن چاۋشيەنلىكلەرنىڭ! _ ياپونىيە باش ۋالىيسى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى چىقىپ كەتسۇن! _ ياشىسۇن چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىقى! غەزەپلەنگەن ئامما شۇئارلارنى توۋلىغان پېتى ياپونىيە ساقچى مەھكىمىسى بىلەن ژاندارمىلار ئەترىتىگە بېسىپ كىردى. نامايىش كەڭ كۆلەملىك، غايەت زور قوزغىلاڭغا ئايلاندى. ياپونىيە باش ۋالىيىسى ساراسىمگە چۈشۈپ، ئالدىراپ - سالدىراپ يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. ئارقىدىنلا ياپونىيە ساقچىلىرى بىلەن ژامدارمىلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، قۇرۇق قول نامايىشچى ئاممىغا تاشلاندى. قانلىق قىرغىنچىلىق باشلىنىپ كەتتى! _ ياشىسۇن چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىقى! - دېدى كىچىك قىز ئوقۇغۇچى چاۋشيەننىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋېتىپ : _ شوئار توۋلىما، بايراقنى تاشلا! - دېدى ياپونىيە ژاندارمىسى قىلىچىنى قىز ئوقۇغۇچىغا قارىتىپ ۋارقىراپ. _ ياشىسۇن چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىقى! - توۋلىدى قىز ئوقۇغۇچى تېخىمۇ ئۈنلۈك قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا. قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوڭ قولى «شارت » قىلىپ چېپىپ تاشلاندى. _ ياشىسۇن مۇستەقىللىق!- قىز ئوقۇغۇچى دۆلەت بايرىقىنى سول قولى بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. دۈشمەن ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىمۇ ياۋۇزلۇق بىلەن چېپىپ تاشلىدى، ئوقۇغۇچى يەنىلا تىز پۈكمەي، تاكى كۆكسىگە نەيزە سانجىلغىچە «ياشىسۇن مۇستەقىللىق!» - دەپ توۋلاپ تۇردى. « چاۋشيەن چاۋشيەنلىكلەرنىڭ! ياپونىيە ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتسۇن! » بىر كىشى يېقىلسا، مىڭلىغان كىشى دەس تۇردى. نامايىشچىلار قوشۇنى داۋاملىق ئالغا ئىلگرىلەپ،دەبدەبىلىك ھالدا تاجاۋۇزچىلارغا تاشلاندى. سېئول شەھرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالدى. «1 - مارت» ۋەتەنپەرۋەرلىك قوزغلىڭىنىڭ يالقۇنى سېئولدىن پيوڭياڭغا تۇتاشتى. پيوڭياڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ روھىي ئۇرغۇپ، غەزىپى قايناپ تاشتى. ئۇلار تاش - كېسەكلەرنى قورال قىلىپ، ياپونىيىنىڭ قىلىچ بىلەن قوراللانغان ئارمىيە - ساقچىلىرى بىلەن قەھرىمانلارچە ئېلىشتى. 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، كۈرەش دولقۇنى تېزلىكتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ - كىچىك شەھەرلەر ۋە كەڭ يېزىلارغا كېڭىيىپ، ئىككى ئايغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە مەملىكەت بويىچە 3000 مىڭدىن ئارتۇق نامايىش ۋە قوزغىلاڭ پارتلىدى. بۇنىڭغا قاتناشقانلار ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. كىشىلەر كالتەك، ئورغاقلار بىلەن قوراللىنىپ، بارغانلا يېرىدە ياپونىيىنىڭ يامۇل ۋە مەھكىمىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. تۆمۈر يول قانتىنشنى بۇزدى. ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يالاقچىلىرىنى ئۆلتۈردى. دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن زومىگەرلەر، پومىشچىكلارنى جازالىدى. چاۋشىيەن خەلقىنىڭ كۈرەشلىرى پۈتۈن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلارنىڭ جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرىشىگە مەدەت بەردى. «1 - مارت» ھەرىكىتىنىڭ شۇنچە زور ۋەزىيەت پەيدا قىلىشىغا پۈتۈنلەي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى سەۋەب بولغان. ياپونىيە چاۋشيەننى بېسىۋالغاندىن كېيىن،نۇرغۇن زاۋۇت - كارخانىلارنى تارقىتىۋەتتى. نۇرغۇن ئىشچىلار ئىشسىز قالدى. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، نۇرغۇن دېھقانلارنى يۇرتىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا كېتىشكە، تاغ - ئورمانلىقلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ياپونىيە ھۆكۈمرانلىرى چاۋشيەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ۋە چاۋشيەن تىل - يېزىقىنى قوللىنىشىغىمۇ يول قويمىدى، ھەتتا چاۋشيەن تىلىنى «چەتئەل تىلى » قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدى. ئۇلار چاۋشىيەن خەلقىنىڭ قوزغىلىپ قارشى چىقىشىدىن قورقۇپ، ھەتتا ھەر بىر ئۆيدىكى كۆكتات توغرايدىغان قىڭراق، پىچاقلارنىمۇ باشقۇرۇپ، بىرنەچچە ئائىلىدە بىر پىچاق ئىشلىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. بەلكى قىڭراق، پىچاقلارنى تۆمۈر زەنجىر بىلەن جوزىنىڭ پۇتىغا چېتىپ قويدى. دەھشەتلىك زۇلۇم كۈچلۈك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىگە تېخىمۇ زور ئىلھام بەردى. مويسىپىت پادىشاھ لى شىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى چاۋشيەن خەلقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە تۇترۇق بولدى. «1 - ماي» قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە پۈتۈن چاۋشيەن تەۋەسىدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى ھەمدە ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى يۆتكەپ ساقچى، ژاندارمىلارغا ماسلاشقان ھالدا، چاۋشيەن خەلقىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك قىرغىن قىلدى. سېئولدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئاممىنى كېرىش جازىغا ماتاپ قويۇپ، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ھەتتا دەھشەتلىك تۈردە ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئازايتىلغان سانىدىن قارىغاندا، «1 - مارت» قوزغىلىڭىدا 8000 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. 16 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن چاۋشيەنلىكلەر تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئازابلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ھۆكۈمرانلىرى ھەرخىل پەسكەش ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ياپونپەرەسلەر، ۋەتەن خائىنلىرىنى سېتىۋېلىپ، چاۋشيەن خەلقنىڭ مىللي مۇستەقىللىق ھەرىكىتنى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىدى. 1919 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 3000 چاقىرىملىق زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «1 - مارت» ھەرىكىتى بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇرەسسەچىلىكى، تۇراقسىزلىقى ۋە ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى ئارقىسىدا مەغلۇب بولدى. «1 - مارت » ھەركىتى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ كۈرىشى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇرژۇئازىيە ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شاڭخەيدىكى «كونسىسىيە » سىگە قېچىپ كېلىپ، لى سىمان « ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ» بولغان «قاچاق ھۆكۈمەت» تەشكىل قىلدى ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى مالىيىغا ئايلىنىپ كەتتى. چاۋشيەنگە كەڭ ئىشچىلار بىلەن خەلق ئاممىسى بولسا، ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، ئىنقىلابىي قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ. مۇنەۋۋەر كوممۇنىزم جەڭچىسى كىم ئېرسننىڭ رەھبەرلىكىدە، شانلىق غەلىبە يولىغا قاراپ ماڭدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ