«بۆرە بالىسى» ۋە رىم شەھىرى
بەش مىڭ يىل
يۇناندىن كېيىن ئوتتۇرا دېڭىزغا رىم خوجايىنىلىق قىلغان. قەدىمقى رىمنىڭ پايتەختى ھازىرقى ئىتالىيىسىنىڭ رىم شەھىرى بولغان. بىز رىم مۇزېيىغا كىرىدىغان بولساق، ناھايىتى غەلىتە بولغان بىر مىس ھەيكەلنى كۆرىمىز: بىر چىشى بۆرە چىشلىرىنى ھىڭگسايتىپ، تۇيغۇ ھالدا ئالدى تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. ئاستىدا ئىككى ئوغۇل بوۋاق بۇ چىشى بۆرىنى ئىمۋاتىدۇ. بۇ مىس ھەيكەلگە 400 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا قەدىمقى رىۋايەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بۇ ۋەقە مىلادىدىن ئىلگىرى 8 - ئەسىرلەردە بۈز بەرگەن.
ئۇ چاغلاردا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تېبىر دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزى بويلىرىدا، ترويادىن سەرگەردان بولۇپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. تېبىر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئورمانلىق بولۇپ، بۇ جاي ئاپتاپ ياخشى چۈشىدىغان، مۇنبەت يەر ئىكەن. كىشىلەر دېڭىز ياقىسىدا ئالبالونگا دېگەن بىر شەھەرنى بىنا قىلغان.
ئالبالونگا پادىشاھىنىڭ ئامۇلېۇس دېگەن بىر ئىنىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ مىجەزى ئوسال، نىيىتى يامان ئىكەن. ئۇ ئاخىرى ئاكىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپتۇ. ئامۇلېۇس ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئاكامنىڭ پۇشتى ئىنتىقام ئالىدۇ دەپ ئەنسىرەپ، ئاكىسىنىڭ ئىككى نەۋرىسىنى بۇيرۇق بېرىپ ئولتۇرۇۋېتىپتۇ ھەمدە قىز نەۋرىسىنى راھىبە بولغانلار توي قىلالمايدىكەن. ئامۇلېۇس، مۇشۇنداق قىلسام، ئاكامنىڭ پۇشتىلىرىنى قۇتۇتۇۋېتىمەن _ دە، مېنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدىغانلار چىقمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.
بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى راھىبە بولغان قىز نەۋرىسى قوشكېزەك ئوغۇل تۇغدى دېگەن قورقۇنچلۇق خەۋەر كېلىپتۇ. ئامۇلېۇس شۇ زامان راھىبە بولغان قىز نەۋرىسىنى ئولتۇرۇۋېتىش ھەمدە ھېلىقى ئىككى بالىنى تېپىپ دەرياسىغا تاشلىۋېتىشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ.
بىر قۇل بۇيرۇققا بىنائەن بالىلارنى دەرياغا تاشلىماقچى بولۇپتۇ. ئۇ بالىلارنى سىۋەتكە سېلىپ پالاتېۇم دېگەن دۆڭگە ئېلىپ كېلىپتۇ. بۇ چاغدا تېبىر دەرياسىغا كەلكۈن كەلگەن بولۇپ، دەريا سۇيى توختىماي ئۆرلەۋاتقانن ئىكەن. قۇل سىۋەتنى دەريانىڭ قىرغىقىدىكى دۆڭدە قويۇپ كېتىپتۇ. ئۇ دەريا سۈيى يەنە ئازراق ئۆرلىسە بالىلارنى ئېقىتىپ كېتىدۇ دە، بالىلار ئۆلىدۇ دەپ ئويلاپتۇ.
دېگەندەك دەريا سۈيى ناھايىتى تېز ئولغىيىپتۇ. بىراق بالىلارنى ئېقىتىپ كېتەلمەپتۇ . چۈنكى سىۋەتنىڭ بېغى دەريا بويىدىكى دەرەخ شېخىغا ئېلىنىپ قېلىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي دەريا سۈيى پەسلەپتۇ، قوشكېزەك بالا يەرگە چۈشۈپ ئىڭە، ئىڭە دەپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ.
دەل شۇ چاغدا، بىر چىشى بۆرە دەريا بويىغا سۇ ئىچىكى كېلىپتۇ. ئۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بالىلارنىڭ قېشىغا كېلىپتۇ. دېمىسىمۇ تازى غەلىتە ئىش بولۇپتۇ. بۆرە بۇ بىچارە قوشكېزەك بالىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى مېھرىبانلىق بىلەن بېشىنى ئېگىپ، ئۇزۇن تىل بىلەن بالىلارنى يالاپتۇ ھەمدە ئۆز سۈتى بىلەن بېقىپتۇ.
بۇ غەلىتە ئىشنى بىر چارۋىچى بىلىپ قېلىپتۇ. ئۇ بۇ قوشكىېزەك بالىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ بېقىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ چارۋىچى بۇ قوشكىزەك بالىنىڭ دەل يېڭى پادىشاھ تەرىپىدىن ئولتۇرۇلگەن ھېلىقى ئايال راھىبەنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى دەپ، بۇ سىرنى ئاشكارا قىلماسلىق قارارىغا كېلىپتۇ.
ئاكا _ ئۇكا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ياخشى ماھارەت ئۆگىنىپ، بارا _ بارا كېشىلەرگە يېقىپ قېلىپتۇ. چارۋىچىلار، سەرگەردانلار، ھەتتا قاچقان قۇللار ئارقا - ئارقىدىن ئۇلارنىڭ قېشىغا توپلىنىپتۇ. بىر كۈنى، ئۇلار بىلەن يەنە بىر تۈركۈم چارۋىچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇپ، رېموسنى قارشى تەرەپ تۇتۇۋېلىپ، بىر بوۋاينىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بوۋاي قەددى _ قامىتى كېلىشكەن بۇ بالىنى كۆرۈپ، ھاڭ _ تاڭ قېلىپتۇ _ دە، قىزىقىپ سوراپتۇ:
يىگىت، قانداق ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىڭىزنى، شۇنىڭدەك ئاتا - ئانىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز قانداق؟
رېمۇس مېھرى ئىسىق بۇ بوۋاينىڭ ئۆزىگە قەسىت قىلمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ بىمالال ھالدا مۇنداق دەپتۇ:
_ ئاكام روۇل بىلەن مەن قوشكېزەك ئاكا _ ئۇكا، بىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىز تازا بىر سىر، بېشىمغا ھايات _ مامات مىنۇتلىرى كەلگەن بىر پەيىتتە بۇنى سىزگە دەۋاتىمەن. ئاڭلىساق، بىز تۇغۇلۇپلا قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا تاشلاپ بېرىلگەن ئىكەنمىز، بىراق قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىزنى يېيىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى بىزنى بېقىپتۇ. بىز دەريا بويىدا ياتقان چاغدا، چىشى بۆرە ئۆز سۈتى بىلەن بىزنى باققان ئىكەن....
بوۋاي بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كېتىشكە تاس قېلىپتۇ. ئەسلىدە بۇ بوۋاي تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئالبالونگا پادىشاھى ئىكەن. كۆز ئالدىدىكى بۇ كېلىشكەن يىگىت ئۆزىنىڭ ياۋۇز ئىنىسى تەرىپدىن تېبىر دەرياسىغا تاشلىۋېتىلگەن نەۋرىسى ئىكەن! ئۇ ئىختىيارسىز ئېتىلىپ بېرىپ رېموسىنى مەھكەم قۇچاقلاپتۇ ھەم يىغلاپ تۇرۇپ:
_ بالام! جېنىم بالام! _ دەپ ۋاقىراپتۇ.
ئەمدى گەپنى پادىچىدىن ئاڭلايمىز. قۇشكېزەك ئاكا _ ئۇكىنى بېقىپ چوڭ قىلغان پادىچى خەقنىڭ رېموسنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاكا - ئۇكا ئىككىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېقىتماي تېمىتماي رومۇلغا دەپتۇ. رومۇل بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال لەشكەر تارتىپ ئالبالونگىغا يۈرۈش قىلىپتۇ. ئۇ چاياندەك ئىچىدە زەھەر قاينايدىغان ئامۇلېۇسنى ئۆلتارۈپ، ئۆز ئانىسى ۋە تاغىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا بەل باغلاپتۇ. يول بۈيى ئامۇلېۇستىن بىزار بولغان كىشىلەر ئارقا _ ئارقىدىن ئۇنىڭ توپىغا قوشۇلۇپتۇ. رېموسنىڭ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇن ئاخىر ئامولېۇسنى ئولتۇرۇپتۇ. ئاكا _ ئۇكا ئىككىيلەن ھاكىمىيەتنى بوۋىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ.
قوشكېزەك ئاكا _ ئۇكا ئىككىيلەن بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاسىنىڭ قېشىدا قالماي، ئۆز ئەتراپغا ئۇيۇشقان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىللە يېڭى شەھەر بىنا قىلىش قارارىغا كېلىپتۇ. تېبىر دەرياسىنىڭ سۈيى پەسەيگەندە ئۆزلىرى قېلىپ قالغان جاينى يەنى پالاتئوم دۆڭلۇكىنى يېڭىپ شەھەرنىڭ ئورنى قىلىپ بەلگىلەپتۇ.
لېكىن، بۇ شەھەرنى كىمنىڭ نامى بىلەن ئاتاش كېرەك؟ شەھەر خەندىكىنى نەدىن باشلاش كېرەك؟ كىم بۇ يەرگە ھۆكۈمران بولۇش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئۈچۈن كەلگەن قۇشلارغا قاراپ تەلەي سىناپ بېقىشقا پۈتۈشۈپتۇ. ئىككىسى بىر يەردە ئولتۇرۇپ ياخشىلىق كۈتۈپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن رېموس ئالدى بىلەن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئالتە قۇرغۇينى كۆرۈپتۇ؛ بىراق، ھايت - ھويت دېگىچە چاقماق ۋە گۈلدۈرماما ئاۋازى ئىچىدە 12 قۇرغۇي رومۇلىنىڭ قېشىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ. رېمۇس ئەۋلىيا قۇش ئاۋال ماڭا كۆرۈندى. مەن ئۇتتۇم دەپتۇ. رومۇل، مەن ھۆكۈمران، چۈنكى مېنىڭ قېشىمدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئەۋلىيا قۇش ھەممىدىن كۆپ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تالاش _ تارتىش تېخىمۇ ئۇلغىيىپتۇ....
رومۇل يېڭى شەھەرنىڭ چۆرىدەيدىغان خەندەكنى كولاشقا باشلاپتۇ. رېموس ئۇنى مەسخىرە قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رومۇلنىڭ خەندىگى ۋە قاشتىن ئاتلاپ ئۆتۈپتۇ. رومۇل تاقەت قىلىپ تۇرالماي، غەزەپكە كېلىپ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپتۇ ھەمدە جەسەتكە دەسسەپ تۇرۇپ:
_ كىمكى شەھىرىمىنىڭ سېپىلىدىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولىدۇ! _ دەپ ۋاقىراپتۇ ھېچكىم رومۇلغا تېگشكە جۈئەت قىلالمايدۇ. رۇمۇل يېڭى شەھەرنىڭ ئالى ھۆكۈمرانى بولۇپ قېلىپتۇ. بۇ يېڭى شەھەرنىڭ ئالى ھۆكۈمرانى بولۇپ قېلىپتۇ. بۇ يېڭى شەھەر رۇمۇلىنىڭ نامى بىلەن روم شەھىرى دەپ ئاتىلىپتۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە مىلادىدىن ئىلگىرى 753 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، قەدىمقى رىملىقلار بۇ كۈننى دۆلەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى قىلغان ئىكەن.
رىم شەھىرى بارغانسېرى تەرەققى قىلىپتۇ. بىراق شەھەردە خوتۇن - قىزلار ناھايىتى ئاز ئىكەن. رومۇل ئاھالىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، قاچقۇنلار ياكى باشقا شەھەرلەردىن سۈرگۈن قىلىنغانلارنى رىمدا ئولتۇراقلىشىشقا قۇبۇل قىلىتۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلاردىن قىزلىرىنى رىم شەھىرىگە ياتلىق قىلىشنى سوراپتۇ، بىراق، قوشنا قەبىلىلەر ئۇنىڭ بۇ تەلىپىى رەت قىلىپتۇ.
چىچە رومۇل ھىيلە ئىشلىتىش قارارىغا كېلىپتۇ،ئۇ قوشا قەبىلىلەرگە يېقىندا رى شەھىرىدە كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆپچىلىكىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. دەپ جاكارلاپتۇ. مەرىكە كۈنى يېتىپ كېلىپتۇ. شەھەر قاينام _ تاشقىنلىققا چۆمۈپتۇ. شۇ كۈنى سابىنلىقلار قەبىلىسدىن ئالاھىدە كۆپ ئادەم كېلىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىكى خوتۇنلىرى، قىزلىرىنى بىرگە ئېلىپ كېلىپتۇ. كىشىلەرنىڭ دىققتى قىزىق ئويۇنلارغا مەركەزلەشكەن چاغدا، رومۇل بەلگە بېرىپتۇ. ھايت _ ھۇيت دېگىچە ، رىم ياشلىرى مېھمانلار ئارىسىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ھەر بىرىسى بىردىن سابىنلىق قىزنى تۇتۇپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ، كېتىپتۇ. سابىنلىقلار ئۈچۈن بۇ چوڭ ئاھانەت بولۇپتۇ. ئۇلار غەزەپ ئىچىدە رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىپتۇ _دە، لەۋزىدە تۇرمىغان رىملىقلاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار بىلەن سابىنلىقلار ئوتتۇرىسىدا قىرغىن باشلىنىپتۇ.
سابىنلىقلار ئەلەمگە ماھىر قەبىلە ئىكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆزلىرىنىڭ ئاقساقىلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، زور قوشۇن باشلاپ رىم شەھىرىگە قىستاپ كېلىپتۇ. شەھەر يېنىمدىكى ئىككى دۆڭلۈك ئوتتۇرىسىدىكى جىلغىدا، رىملىقلار بىلەن سابىنلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچى جەڭ بولۇپتۇ. جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولۇپتۇ. تۈركۈم _ تۈركۈم باتۇرلار قىلىچ، نەيزە ئوقىيا ئاستىدا دۇم چۈشۈپتۇ، جەڭ مەيدانىنى قان ھىدى بىر ئېلىپتۇ.
تۇيۇقسىزدىن بىر كارامەت يۈز بېرىپتۇ: جاراڭ _ جۇرۇڭ قىلىچ ئاۋازى ۋە شۇۋ - شۇۋ ئوقۇ - يا ئاۋازى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھۆكىردەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئارقىدىنلا دۆڭلۇكتىن سانسىزلىغان ئىلگىرى بۇلاپ كېتىلگەن سابىنلىق ئاياللار چۈشۈپتۇ. ئۇلار چاچلىرى چۇۋۇلغان، كۆزلىرىدىن تارام _ تارام ياش ئاققان، قۇچاقلىرىدا ئەمچەكتىكى بالىلىرىنى كۆرۈرگەن ھالدا، بىر - بىرىنى قىرىۋاتقان باتۇرلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كېلىپ، دادىلىرى، قېرىنداشلىرى بىلەن ئەرلىرىنىڭ قىرغىنىنى توختىتىشنى، بالىلىرىنى يېتىم، ئۆزلىرىنى تۇل قىلىپ قويماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ سوراپتۇ.
رىملىقلار بىلەن سابىنلىقلارنىڭ قولىدىكى قېلىچ ۋە كامالەك يەرگە چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى باتۇرلارنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. ئاخىرى قىرغىنچىلىق توختاپتۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئاقساقاللىرى تىچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بۇ ئىككى قەبىلە قوشۇلۇپ، ئەۋلاتمۇ _ ئەۋلات رىم شەھىرىدە ياشاپتۇ...
ئەمىلىيەتتە، ئەڭ دەسلەپكى رىم شەھىرى بىرلىشىش، يېقىن ئەتراپتىكى كەنتلەرنى قوشۇۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بارا _ بارا شەكىللەنگەن. كېيىنكى چاغلاردا رىم دەپ ئاتالغان جاي تېبىر دەرياسىنىڭ سول ياقىسىدا بولۇپ، دېڭىز ئالاھەزەل 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايلارنىڭ يېرى مۇنبەت، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى تېرىشقا باپ، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەپلىك بولغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 10 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىپتىدائى كەنتلەر توپى پەيدا بولغان. ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇش ئارقىدا مىلادىدىن ئىلگىرى 4 -، 5 -ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ئاندىن سېپىل سېلىنغان. مەيدان ياسالغان، شۇنىڭ بىلەن پەيدىن _ پەي دەسلەپكى رىم شەكللەنگەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغىنى بىر رىۋايەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا رىملىقلارنىڭ ئۆز تارىخىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بايان قىلىنغان، رىملىقلارنىڭ بوۋىلىرىنىڭ تەلىكتە ئىگىلىك ياراتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا بۇ رىم خەلقى ئارىسىدا ئۇزاققىچە تارقىلىپ كەلگەن.