دارۋىننىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى
بەش مىڭ يىل
دارۋىن - ئادەمنىڭ ئىسمى، ئەمما ئۇ شۇنداقلا بىر خىل قوڭغۇزنىڭ نامى. قوڭغۇزغا نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئىسمى قويۇلغان؟ بۇ يەردە ئاجايىپ بىر ۋەقەلىك بار.
بىر داشۆ ئوقۇغۇچىسى قېرى بىر تۈپ دەرەخنىڭ قوۋزىقىنى سويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دانە ئاجايىپ قوڭغۇزنىڭ تۇغانلىقىنى بايقىدى ھەمدە قوۋزاقنى ئۇ يان _ بۇ يان قىلىۋېتىپلا بۇ قوڭغۇزلارنى ئالقىنىغا ئېلىۋالدى. دەرەخنىڭ قوۋزىغىدىن توساتتىنلا يەنە بىر دانە قوڭغۇز سەكرەپ چىقىۋىدى. ئۇ ئالقىنىدىكى قوڭغۇزلارنى كاپپىدە ئاغزىغا سېلىۋېلىپ، ئۈچىنچى قوڭغۇزنى تۇتۇۋالدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىكى قوڭغۇز چىداپ تۇرالماي ئاچچىق زەھەر چىقاردى - دە، بۇ داشۆ ئوقۇغۇچىسى دارۋىن ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ھاشارەتنى تاپقانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ قوڭغۇزنى «دارۋىن» دەپ ئاتىغان.
چارلىز دارۋىن 1809 - يىلى ئەنگلىيىدە تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى داڭلىق دوختۇر بولۇپ، ئوغلىنىڭمۇ دوختۇر بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، دارۋىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىدىن تارتىپلا، كۈن بويى ئوۋچىلىق قىلىش، ئىت بېقىش ۋە چاشقان تۇتۇشقا قىزىقىپ كەتتى. تېببى داشۆگە كىرگەندىن كېيىنمۇ، كۈن بويى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئامال قىقلالماي، ئۇنى مەدرىسكە تۇتۇپ بېرىپ، ئىلاھىيەتنى ئۆگىنىش، «تەۋرات» ئوقۇشنى تاپشۇردى. ئەمما دارۋىن ھەمىشە دالاغا بېرىپ ئەۋرىشكە توپلايتتى. يۇقۇرىدا ھېكايە قىلىنغان ۋەقە ئۇ داشۆدە ئوقۇۋاتقان چاغدا يۈز بەرگەن.
1831 - يىلى دارۋىن داشۆنى پۈتتۈردى. ئۇنىڭ كەسپى بويىچە بولغاندا، ئۇ چېركاۋدا پوپلۇق قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئۇ پوپلۇقتىن كېلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتتىن ۋاز كېچىپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىش مەقسىدىدە، كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە «تەبىئەتشۇناس» لىق نامى بىلەن كېمىگە ئۆزى پۇل تۆلەپ، «بېگال» ناملىق ھەربى چارلاش كېمىسىگە چۈشۈپ يەر شارىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشتەك مۇشەققەتلىك ئىشنى ئېلىپ باردى.
«شار!» قىلغان دېڭىز دولقۇنى بىلەن تەڭ، كېمە بوژغۇن ئىچىدە يۇقۇرى _ تۆۋەنگە چايقىلاتتى. دارۋىن كېمىگە تۇنجى قېتىم چىققانلىقى ئۈچۈن، بېشى ناھايىتى بەك قېيىپ، يىگەن تاماقنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇۋەتتى ئاشقازىنى خۇددى تىلغاندەك ئاغرىيتتى. رەھىمدىل ماترۇسلار ئۇنى يېتىپ دەم ئېلىشقا دەۋەت قىلىسىمۇ، دارۋىن تورنى تۇتقان پېتى ئىرغاڭلاپ كېمە ئۈستىگە چىقىپ، تورنى كېمە قۇيرۇقىغا چېتىپ قويۇپ، ئۇششاق دېڭىز ھايۋانلىرىنى يىغدى. ئارقىدىنلا، كېمە ئىچىدە بۇ ھايۋانلارنى ئەۋرىشكىگە ئايرىدى ۋە خاتىرىلىۋالدى. ئۇنىڭ ئاشقازىنى قاتتىق ئاغرىغان بولسىمۇ، بىر قولى بىلەن خاتىرە يېزىپ، بىر قولى بىلەن ئاشقازىنىنى چىڭ بېسىپ ئۇۋۇلايتتى.
دارۋىن جاناپلىرى، كېمە باشلىغى سىلىنى كېمە ئۈستىگە چىققاي دەيدۇ! _ دېدى ماترۇس كىرىپ ئۇقتۇرۇپ.
دارۋىن بېشى قاتتىق قېيىۋاتسىمۇ، دەلدەڭشىپ، چىداپ تۇرۇپ كېمە ئۈستىگە چىقتى.
_ بۇ قانداق توزان؟ _ دەيتتى كېمە باشلىقى سىقىمدىۋالغان بىر ئوچۇم توزاننى دارۋىنغا كۆرسىتىپ.
_ لاۋا كۈلى، _ دېدى دارۋىن ئۇنى قولىغا ئېلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئىشەنچلىك بىلەن. ئاندىن، - نەدىن تاپتىڭىز؟ - دەپ سورىدى كېمە باشلىقىدىن.
_ كۈچلۈك غەربىي جەنۇپ شامىلى ئۇنى ماچتىغا قوندۇرۇپ قويۇپتۇ.
_ ھە، چوقۇم جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئۇچۇپ كەلگەن، - دېدى دارۋىن توختىۋالغاندىن كېيىن ئىشەنچلىك ھالدا، _ مەن چىقىپ يەنە ئازراق ئېلىۋالاي، _ ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ماچتىغا يامىشىپ يۇقۇرىغا چىقىپ كەتتى.
كېمە باشلىغى تىت - تىت بولۇپ قارا تەرگە چۆمدى. بىپايان دېڭىزدا ماچتىغا چىقىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دارۋىن دېڭىزغا تۇنجى قېتىم چىققان بولۇپ، بېشى تېخىچە قېيىۋاتاتتى! كېمە باشلىقى يېنىدا تۇرغان ھەربى ئەمەلدار شاڭۋېيغا دەرھال بۇيرۇق بېرىپ:
_ سىزمۇ چىقىپ ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىڭ! _ دېدى.
دارۋىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاسارەت بىلەن ماچتا ئۇچىغا چىقىپ بىر ئوچۇم لاتقا كۈلىنى ئېلىپ چۈشتى ۋە ئۇدۇل ئىشخانىسىغا چاپتى.
كېمە باشلىقى دارۋىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، دارۋىن لاۋا كۈلىنى مىكروسكوپ بىلەن تەپسىلى تەكشۈرۈۋاتاتتى، ئۇ ئۆزىنى باسالماي:
_ قاراڭ، نۇرغۇن ئۇششاق ھايۋانلار بار ئىكەن! جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئۇچۇپ كەپتۇ، _ دېدى، ئۇ بىر قولى بىلەن ئاشقازىنىنى تېخىچە مۇجۇقلاپ تۇراتتى.
1832 - يىل 1 - ئايدا، كېمە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان يېشىل تۇمشۇق ئارىلىدىكى سان - دىيىگو ئارىلىدا توختى توختىدى. ماترۇسلار دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىش يۆنۈلۈشىنى تەكشۈرۈشكە كەتتى. دارۋىن ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى كوۋىندېن بىلەن بىللە بوخچىسىنى يۈدۈگەن پېتى بولقىسىنى ئېلىپ، تاغ جىنسلىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن تاغقا چىقىپ كەتتى.
دارۋىن يولدا كېتىۋېتىپ ھەر خىل تاشلارنى چوقۇپ كۆرۈپ بوخچىسىغا سالاتتى، بۇ يەردە قارامتۇل، ئاق كىرىستال، ئوتتۇرىسىدا گۈللۈك سىزىقچىسى بار... خىلمۇ _ خىل تاشلار ناھايىتى كۆپ ئىدى!
_ دارۋىن جاناپلىرى، بۇ كەلسە _ كەلمەس تاشلارنىڭ نېمە كېرىگى بار؟ _ دەيتتى ياردەمچىسى ھەيران بولۇپ.
- قاراڭ، تاشلار قەۋەتلىك بولىدىكەن، تاشنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە ھەر خىل سەدەپ قېپى ۋە دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى تۇرىدۇ، بۇ بىزگە تۈرلۈك دەۋرلەردىكى ھايۋانلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ! _ دەيتتى دارۋىن سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، _ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ھەرگىز چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك!
ياردەمچى دارۋىننىڭ ئۈگىنىش ئىشتىياقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرىنى خوشاللىق بىلەن يىغىپ بەردى. دارۋىن ھەر كۈنى ئاخشىمى تاشلارغا بەلگە قويۇپ، ئۇلارنى يىغىش جەريانىنى خاتىرىلەيتتى.
1832 - يىل 2 - ئايدا، «بېگال» ناملىق كېمە برازىلىيىگە يېتىپ باردى. دارۋىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن قىرغاققا چىقىپ كەتتى. ئۇ ئادەمزات يوق ئىسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىنى كېزىپ، زەھەرلىك يىلان ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ يېنىدىن قورقماي ئۆتتى. بەزىدە قاتتىق ئاپتاپقا، بەزىدە قارا يامغۇرغا قارىماي، ئاخىر نۇرغۇن قەدىمقى جانلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسملىرىنى يىغدى.
بىر كۈنى ئۇ تاغ ئىچىگە كىرىپ، بىر نەچچە سېرىق ھەرىنىڭ بىر ئۆمۈچۈكنى ئورىۋېلىپ، چېقىپ ئۆلەمىجان قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۆمۈچۈكنىڭ تېنىدە تۇخۇملىغانلىقىنى كۆردى.
_ بارىكاللا! بۇ ياققا ئۆتۈپ قاراڭ، _ دېدى دارۋىن خۇشال بولغان ھالدا ياردەمچىسىنى چاقىرىپ، _ قاراڭ، ئۆمۈچۈك سېرىق ھەرىگە يەم بولاي دەپ قالدى!
ئۇنىڭ ياردەمچىسى سېرىق ھەرىنىڭ لىچىنكا يېتىشتۈرۈشتىكى بۇنداق پەۋقۇلئاددە ئۇسۇلنى كۆرۈپ ھەيران بولدى.
بىر كۈنى دارۋىن قۇملۇققا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرلىك گاۋچۇلاردىن: «بۇ يەردە قانداق ئالاھىدە ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار؟» دەپ سورىۋىدى، گاۋچۇلار بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «بۇ يەردىكى تۆگە قۇشلار ئاجايىپ، نۇرغۇن چىشى قۇشلار توپلىشىپ تۇخۇم سالىدۇ، ئەركە قۇشلار تۇخۇم باسىدۇ، ئاندىن چىشى قۇشلار يەنە باشقا يەرگە بېرىپ توپلىشىپ تۇخۇم سالىدۇ» دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، دارۋىن ياردەمچىسى بىلەن بىللە بىپايان قۇملۇقققا كىرىپ، تۆگە قۇشلارنىڭ تۇخۇم سېلىش ئەھۋالىنى بىر قانچە كۈن كۈزەتتى. دارۋىن ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر كۈنى ياردەمچىسىگە مۇنداق دېدى:
_ قاراڭ، چىشى تۆگە قۇشلار ئۈچ كۈندە بىرىدىن، بىر قېتىمدا ئون نەچچە تۇخۇم تۇغىدىكەن، بۇ جەمئى ئىسسىق بولغاچقا، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تۇخۇملار سېسىپ كەتمەمدۇ؟ شۇڭا ئۇلار توپلىشىپ تۇخۇم سالىدۇ، ئەركە تۆگە قۇشلار تۇخۇم باسىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، دارۋىن جانلىقلار ھەققىدە ئالدىنقىلار بىلەلمىگەن نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان.
ئىسسىق بەلۋاغدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ياۋروپالىقلار كۆرۈپ باقمىغان «ئىسسىق كېسەل» بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان كىشى ئۈچ _ تۆت كۈندىلا ئۆلۈپ كېتەتتى. يېرىم ئايغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ماترۇسلاردىن ئۈچ كىشى ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر دارۋىنغا يالغۇز چىقىپ كەتمەڭ دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ، ئەمما دارۋىن يېڭى بىر كەشپىيات ئۈستىدە باش قاتۇردى.
- كېمە باشلىقى، مەن ئاند تېغىغا چىقماقچىمەن، تەستىقلىۋېتىڭ! _ دېدى دارۋىن مەسلىھىتى پىشقاندىن كېيىن ئۆز پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ. كېمە باشلىقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ:
_ بۇ تاغ تىزمىسىدا تاغلار تاغقا، چوققىلار چوققىغا ئۇلىشىپ كەتكەن، ئۇزۇنلۇغى 5500 مىل (تەخمىنەن 8800 كېلومېتىر) كېلىدۇ! ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا 28 مىڭ 800 ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 7000 مېتىر) كېلىدۇ، سىز قانداق ئۆتەلەيسىز؟ _ دېدى بېشىنى چايقاپ.
_ مەن ئەزەلدىنلا كىشىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭمىدىم، مەن ئالدىنقىلار باسمىغان يولدا ماڭىمەن! - دېدى دارۋىن قەتئى ھالدا مۇشتۇمىنى تۈككەن پېتى ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ.
كېمە باشلىقى دارۋىننىڭ قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەندى ئۇ ئىككى نەپەر يول باشلىغۇچىنى تەيىنلىدى، ئون خېچىر، بىر ئات چىقىرىپ، تاغقا چىقىش ئەترىدى تەشكىل قىلدى.
ئۇلار 4000 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاغقا چىققاندا، دارۋىن تاشقا ئايلانغان سەدەپ قېپىنى تېپىۋالدى. سەدەپ دېڭىز ئاستى ھايۋىنى تۇرسا، قانداق قىلىپ تاغ ئۈستىگە چىقىپ قالغاندۇ _ ھە؟ دارۋىن قايتا _ قايتا مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن، يەر پوستىنىڭ كۆتىرىلىش _ پەسلىەش قائىدىسىنى ئاخىر ئېنىقلىۋالدى. ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا:
_ قارىمامدىغان، شۇنچە ئېگىز تاغ نەچچە تۈمەن يىل ئىلگىرى، بىپايان دېڭىز ئىكەن - دە! _ دېدى.
ئۇلار تېخىمۇ ئىگىزگە ئۆرلىدى، كىلىمات بارغانسېرى سوغۇق بولۇپ، ھاۋا بارغانسېرى شالاڭلاشتى. بىر قەدەم تاشلاپ، بىر تىنىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. ھەممىدىن چوڭ باش قېتىمچىلىغى شۇكى، بۇ يەردە نەرسە - كېرەك پىشمايتتى، بىر ھازا ئوت قالىسىمۇ سۇ قاينىمايتتى، ياڭيۇ پىشمايتتى، بىراق سۇ پارغا ئايلىنىپ تۈگەيتتى. ئۇلار تەسەۋۇر قىلىشقا بولمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا پەرۋا قىلماي، ئاند تېغىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسىغا چىقتى.
«ئاھ! گۈزەل قارلىق تاغ، سەن ئاخىر ئاستىمدا قالدىڭ!» _ دەيتتى دارۋىن خوشال ھالدا چاقناپ تۇرغان زىمىنغا كۆز تىكىپ. ئۇ دەرھال يېنىدىن خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ، يېڭىلىقلارنى خاتىرىلىۋالدى. تاغنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىر - بىرىگە ئوخشاشمايتتى؛ بىر خىل ئۆسۈملۈك بولغان تەقدىردىمۇ، تۇرقى بىر _ بىرىدىن ناھايىتى زور پەرقلىنەتتى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن پەرقلىنىدۇ؟ يېڭى بىر نەزىرىيىۋى تەسەۋۇر دەرھال دارۋىننىڭ مىڭىسىدىن ئورۇن ئالدى: تۈرلەر ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئوبېكتىپ شارائىتنىڭ ئوخشاشمايسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ!
بىر كۈنى دارۋىن دېڭىز بويىغا كەلدى. ئۇ، قەدىمىي جانلىقلارنىڭ سۆڭىگى تۇرغان ئازگالنى كۆردى. دارۋىن ئۇلارنى قېزىۋېلىپ، دۇنيادا ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن توققۇز خىل قەدىمىي ھايۋاننىڭ سۆڭىگىنى تېپىپ چىقتى. دارۋىن خوشاللىق ئىچىدە بۇ قەدىمىي ھايۋانلارغا: ئىرىنچەك ھايۋان، ئىمالىق ھايۋان، تاشپاقا قاپلىق ئىرىنچەك ھايۋان، غاجىلىغۇچى ھايۋان، چىشسىز تۆت ئاياقلىق چوڭ ھايۋان، تېرىسى قېلىن ھايۋان، ئوق چىشلىق ھايۋان... دەپ ئات قويۇپ چىقتى.
«ئوھوي، بۇنىسى قىزىككەن!» _ دېدى دارۋىن ئوق چىشلىق ھايۋاننى تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇ ئوق چىشلىق ھايۋاننىڭ چىشى قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنىڭكىگە، كۆز، قۇلاق ۋە بۇرنى ئورۇنلاشقان جاينىڭ سۇ ھايۋانلىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدى - بۇنىڭ زادى قانداق سەۋەپلىرى بار؟ - دارۋىندا يېڭى جانلىقلار دۇنيادا قانداق پەيدا بولغان؟ دېگەن بىر چوڭ سوئال توغۇلدى.
بۇ سوئالغا تېچ ئوكياندىكى گالاپاس تاقىم ئاراللىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا جاۋاپ تېپىلدى.