UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكونسىتانتىنپولنىڭ قولدىن كېتىشى

كونسىتانتىنپولنىڭ قولدىن كېتىشى

بەش مىڭ يىل شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، شىمال تەرىپى ئالتۇن مۈڭگۈز بوغۇزىغا، جەنۇپ تەرىپى مەرمەر دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پەقەت غەرپ تەرىپىلا )ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئاساسىي تەرىپى( قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، يەر شارائىتى ئىنتايىن مۇھىم. مىلادى 1453 - يىلى 6 - ئاپرېلدا، كونىستانتىنپولنىڭ ئاسمىنىدا توساتتىن توپ ئاۋازلىرى ياڭراپ، ئىس - تۈتەكلەر كۆتىرىلدى، پۈتۈن شەھەر ئۇرۇش ئوتى بىلەن قاپلاندى. ئەسلىدە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى مەخمۇتⅡ، 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ۋە 300 جەڭ كېمىسى بىلەن بۇ قەدىمىي شەھەرنى قورشىۋالغان ئىدى. ئۇ، بۇ مەشھۇر تارىخىي شەھەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يەرنى ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىرادە قىلغان ئىدى. قورشاۋ قىلىنىشتىن بۇرۇن، شەرقىي رىم ئىمپرىيىسىنىڭ پادىشاھى تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانىدىن ئۆتۈنۈپ سوراپ:پايتەختتىن باشقا بارلىق زېمىنلارنى تۈركلەرگە بېرىش ۋە ھەر يىلى ئولپان بېجى تۆلەپ تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن سۇلتان بۇنىڭغا ماقۇل بولماستىن، پادىشاھنىڭ كونىستانتىنوپلنى چوقۇم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. سۈلھى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، پادىشاھ نائىلاج ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ھايات - ماماتلىق جېڭىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى. تۈرك قوشۇنلىرى ئاۋۋال غەرپ تەرەپتىكى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. شەرقىي رىم قوشۇنلىرى بۇ يەرگە ئىككى قات سېپىل سوققان بولۇپ، سېپىل ئۈستىگە ھەر 100 مېتىرغا بىردىن ئىستىھكام قۇرغان ئىدى. سېپىل سىرتىغا ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كەڭ سۇ خەندىكى قېزىلغان بولۇپ، تۈرك ئەسكەرلىرى ئاۋۋال ئېغىر توپ بىلەن سېپىلنى توپقا تۇتتى. بۇ خىل توپقا سېلىنغان تاش ئوقلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 500 كىلوگىرام كېلەتتى. بىر مەھەل توپقا تۇتقاندىن كېيىن، ئون مىڭلىغان ئەسكەرلەر سۇ خەندىكىنى تىندۇرۇش مەقسىتىدە ياغاچلارنى كۆتىرىشىپ، غايەت يوغان سوۋغىلارنى يۇمىلىتىپ سۇ خەندىكىگە قاراپ ئاتلاندى. شەرقىي رىم قوشۇنلىرى ئىستىھكام ئىچىدە ۋە سېپىللارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ماۋسى مىلتىق ۋە تاش ئاتار توپلار بىلەن داۋاملىق قايتۇرما زەربە بېرىپ تۇردى. نۇرغۇنلىغان تۈرك ئەسكەرلىرى يارىلىنىپ، سۇ خەندىكىگە يېقىن بارالماي چېكىندى. قاتتىق ھۇجۇمدىن نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، تۈرك سۇلتانى مەخمۇتⅡ ئۆز قوشۇنلىرىغا سۇ خەندىكى ۋە ئىككى قات سېپىلنىڭ ئاستىدىن تېشىپ شەھەر ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن، كېچە - كۈندۈزلەپ لەخمە كولاشقا بۇيرۇق قىلدى، لېكىن لەخمە پۈتۈپ بولغىچە يەرلىك ئاھالىلەر بۇنى بىلىپ قېلىپ دورا بىلەن پارتىلىتىپ بۇزۇۋەتتى. بۇ تەدبىر ئاقمىغاندىن كېيىن، سۇلتان يەنە بىر تەدبىرنى قوللاندى. بىر كۈنى سەھەردە، شەھەر ساقلاۋاتقان شەرقىي رىم ئەسكەرلىرى سۇ خەندىكى ئۈستىدە بىر قانچىلىغان ھەركەتچان ئىستىھكامنىڭ تېزلىك بىلەن سېپىل تەرەپكە ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. سىنچىلاپ قارىسا، ئۈستى كالا تېرىسى بىلەن ئورالغان، ئوق تەككەندىمۇ ئوت كەتمەيدىغان ھەركەتچان ئىستىھكاملار ئىكەن. تۈرك ئەسكەرلىرى مۇشۇ ھەركەتچان ئىستىھكام ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى. سېپىلغا يېقىنلاشقاندا، ھەركەتچان ئىستىھكام ئۈستىدىن شوتىلار كۆتىرىلىشكە باشلىدى. شەھەر قوغداۋاتقان كوماندىر بۇنىڭغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇردى، ھەركەتچان ئىستىھكام سېپىل تېمىغا يېقىنلاپ كەلگەندە، دېۋىرقايغا مىلەنگەن مەشئەللەرنى ئېتىشقا كوماندا بېرىلدى ۋە ئۇزۇن توقماقلار بىلەن تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ شوتىلىرىنى يىقىتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ، تۈركلەر يەنە بىر قېتىم چېكىندۈرۈلدى. تۈركلەر قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، دېڭىزدا سوقۇشۇپمۇ ئوخشاشلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بىر كۈنى، كونىستانتىنپولغا ياردەمگە كەلگەن تۆت گېنۇيە ھەربى پاراخودى تۈرك دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قاماللىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەرمەر دېڭىزىغا كىردى. سۇلتان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال 140 ھەربى پاراخوت ئەۋەتىپ، توساپ زەربە بېرىشكە كىرىشتى. نەتىجىدە گېنۇيە پاراخوتلىرى تەرىپىدىن بىر مۇنچە پاراخوتلىرى زەربىگە ئۇچراپ چۆكۈپ كەتتى. گېنۇيىنىڭ تۆت پاراخودى ئوڭۇشلۇق بىلەن ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقىغا كىرىپ كونىستانتىنپول پىرىستانىغا يېتىپ كەلدى. ياردەمچى قوشۇن ۋە تەمىنات يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئەسكەر ۋە خەلقلەرنىڭ خوشاللىق سادالىرى ياڭراپ كەتتى. ئۇلار سېپىل ئۈستىدە قاتتىق چۇقان سېلىشتى، تۈرك دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كارغا يارىماس ئىكەنلىكىنى بولۇشىغا ھاقارەت قىلىشتى. تۈركىيىنىڭ بەزى ئالى گېنېراللىرى ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تىركىشىپ شەھەرنى ئالالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇلتاندىن شەرقىي تىم پادىشاھى باشتا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى قوبۇل قىلىپ، قورشاۋدىن قۇتۇلۇشنى ئۆتۈندى. سۇلتان سۈلىھ توغرىسىدىكى گەپلەرگە زادى قۇلاق سالمىدى. ئاچچىقلاپ چىچاڭلىغان ھالدا ھېلىقى تەكلىپ بەرگەن دېڭىز فلوت قوماندانىنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە باستۇرۇپ قاتتىق ئۇردى. - ئۇرمىسىلا سۇلتان، ئۇرمىسىلا، مەن... مەن چوقۇم خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىمنى يۇيىمەن! - دەپ كەچۈرۈم سورىدى قوماندان يالۋۇرغان ھالدا. - سەن نېمە خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىڭنى يۇيىسەن؟ - سۇلتان غەزەپ بىلەن سورىدى. - كونىستانتىنپولنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ ھەممىسى قورغان، مېنىڭچە ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقىدىن ئىش باشلىساق...، - دېدى فلوت قوماندانى ئالدىراشلىقتا ھۇشىنى تېپىپ. - ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقى؟ سەن باشقىچە ئىش توتماقچىمۇ! ئۇياقتىن كىرىش ئېغىزى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن قاپلانغان تۇرسا، بىر تال قېيىقمۇ كىرەلمەيۋاتسا، سېنىڭ ئۇنىڭ يەردىن كىرىشىگە قانداق ئامالىڭ بار؟ - ياق... ئۇ تەرەپتىن كىرىمىز دېگەنلىكىم ئەمەس... مېنىڭ بىر ئامالىم بار... فلوت قوماندانى كىكەچلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۇلتان ئاڭلاپ بۇ پىلاننىڭ خېلى ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە ئۇنى دەرىلەشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى ھەمدە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭى پىلانىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرىگە مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشتى. ئىككى كۈندىن كېيىن فلوت قوماندانى گېنۇيىلىك بىر چوڭ سودىگەرنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن ھاراقنى راسا ئىچىپ بولۇپ، ئاخىرىدا مۇنداق بىر توختام ھاسىل قىلدى؛ تۈركىيە ئەسكەرلىرى شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، گېنۇيە سودىگەرلىرىنىڭ گالاتايدىكى بارلىق پەۋقۇلئاددە ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، گېنۇيە سودىگەرلىرى تۈركىيە كېمىلىرىنىڭ دېڭىز ئارقىلىق كونىستانتىنسىپول بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، گېنۇيىلىكلەر كونتۇرۇللۇقىدىكى گالاتاي دېگەن يەردىن ئۆتۈپ، ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىدىغان بولدى. ئالدىن بەلگىلىگەن پىلان بويىچە ھەركەت ئېلىپ بارىدىغان كۈنى ئاخشىمى تۈركىيىنىڭ 18 كېمىسى ئالتۇن مۇڭگۈز ئېغىزىدىكى تۆمۈر توساقنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، گالاتاي قىرغىقىغا بېرىپ توختىدى. ئارقىدىنلا ئادەم كۈچى بىلەن كېمىلەرنى سۆرەپ قىرغاققا چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئۈستىگە مۇستەھكەم، قېلىن تاختايلارنى ياتقۇزۇپ بىر يول ياسىدى. تاختايلىق يول ئۈستىگە كۆپ مىقداردا كالا يېغى ۋە قوي يېغىنى قېنىق سۈرتۈپ، كېمە سۆرەشكە توسالغۇلىق قىلىدىغان سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتتى. بىر كېچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېمىلەرنى غىلتاڭ تاختاي يول ئارقىلىق ئىتتىرىپ ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇغىنىڭ گىرۋىكىگە ئېلىپ باردى. تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا، كېمىلەر تۇشمۇ تۇشتىن سۇغا چۈشۈرۈلۈپ، سەپ تۈزۈپ لەيلەتمە كۆۋرۈك ئارقىلىق، كونىستانتىنپولغا يېڭى ھۇجۇم قوزغىدى. - ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقىدا دۈشمەنلەر پەيدا بولۇپ قالدى! شەرقىي رىم قوشۇنلىرى ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقىدا تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنى تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار دەرھال ئۆزىگە يېقىن بولغان ئادريانوپول قەلئەسىدىكى مۇداپىئە قىسىملىرىدىن ئەسكەر كۈچى ئاجرىتىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتى، بۇ يەرنىڭ مۇداپىئەسىنى بولسا ياردەمگە كەلگەن گېنۇيە ئەسكەرلىرىگە تاپشۇردى. شۇنداق قىلىپ شەرقىي رىم قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى چېچىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادريانوپول قەلئەسىنى مۇداپىئە قىلغان گېنۇيە ئەسكەرلىرى بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتىنى ياخشى بىلمىگەچكە، قارشىلىقى بارغانسېرى ئاجىزلاپ باردى. تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ ئۈزمەستىن توپقا تۇتۇشى بىلەن ئادريانوپول قەلئەسىنىڭ سېپىلىدىن بىر ئېغىز ئېچىلدى. - باتۇر لەشكەرلەر، سادىق مۇسۇلمانلار! - سۇلتان قوشۇنلارن شەخسەن ئۆزى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارغا قاراپ ۋاقىرىدى، - بىز بىر ئېغىز ئېچىۋالدۇق! مەن سىلەرگە قۇرۇلۇشلىرى ھەيۋەتلىك، ئادىمى كۆپ بولغان بىر شەھەر ئاتا قىلىمەن، بۇ بولسىمۇ رىمنىڭ پايتەختى، دۇنيانىڭ مەركىزى، خالىغىنىڭلارچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىڭلار، دۇنيانىڭ بايلىرىدىن بولۇپ قالىسىلەر! ئەمدى، مەشئەلنى دەرھال مىلتىقىڭلارنىڭ ئۇچىغا تېگىپ، باتۇرلۇق بىلەن شەھەرگە بۆسۈپ كىرىڭلار! مەخمۇتⅡ نىڭ قۇترىتىشى بىلەن، تۈرك ئەسكەرلىرى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. ئادريانوپول قەلئەسىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان گېنۇيە ئەسكەرلىرى تاقابىل تۇرالماي، دەرھال ئۆزلىرىنىڭ پاراخوت - كېمىلىرىگە چۈشكىنىچە تىكىۋېتىشتى؛ تۈرك قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېغىزدىن بۆسۈپ كىرىپ، شەھەرگە بېسىپ كىردى. بۇ چاغدا، كونىستانتىنپول پادىشاھى ئادريانوپول قەلئەسىنىڭ شىمالىي چېتىدىكى ئوردىدا تۇرۇپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلماقتا ئىدى. ئۇ تۈركىيە بايراقلىرىنىڭ شەھەر ئاسمان بوشلۇقىدا جەۋلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ ھامان جاسارىتىنى يوقاتتى ۋە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە پادىشاھلىق تون - سەدىپايلىرىنى سېلىپ تاشلىدى - دە، ئىشىككە قاراپ ئۆزىنى ئاتتى. يولغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزى بىر قۇچاق بۇلانغان نەرسە - كېرەكلەرنى كۆتىرىپ قېچىپ كېتىۋاتقان بىر قانچە تۈرك ئەسكەرلىرىگە چۈشتى - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى قىلىچ بىلەن بىر - بىرلەپ يېقىتتى. ئۇ ئەمدىلا ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا، يارىلىنىپ يەردە ياتقان بىر تۈرك ئەسكىرىگە يولۇقۇپ قالدى. بۇ تۈرك ئەسكىرى ئۇنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ قېلىپ، بىردىنلا تىركىشىپ ئورنىدىن تۇردى - دە، پادىشاھنى يىقىتىپ، بىر قىلىچ چېپىپلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. پادىشاھقا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ قېچىشتى. شۇنداق قىلىپ، 51 كۈنلۈك جىددى جەڭ ئارقىلىق، تۈرك قوشۇنلىرى ئاخىرى كونىستانتىنپولنى ئىشغال قىلدى. سۇلتاننىڭ ئاۋۋالقى ۋەدىسى بويىچە، تۈرك ئەسكەرلىرى شەھەردە ئۈچ كۈن كەڭ كۆلۈمدە، بۇلاڭ - تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەر بۇلىنىپ قۇل قىلىندى. كۆركەم - ھەشەمەتلىك ئوردا - سارايلار كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. دەۋرلەردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك نەپىس سەنئەت بويۇملىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇلدى. خىرىستىيان دىنىنىڭ بۇتلىرى چېركاۋلاردىن يۆتكەپ چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلام دىنىنىڭ مېھراپ - تەكچىلىرى ياسالدى. شەھەر بويىچە ھەممىدىن چوڭ بولغان ئايەسوفىيە ئىبادەتخانىسى مۇسۇلمانلار مەسچىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى پايتەختىنى كونىستانتىنپولغا يۆتكەپ باردى. كېيىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسىمىنى ئىستامبولغا ئۆزگەرتتى. بۇ ئىسىم تا بۈگۈنكى كۈنگىچە قوللىنىلماقتا. كونىستانتىنپولنىڭ قولدىن كېتىشى - مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ