UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئايە سوفىيە ئىبادەتخانىسى

ئايە سوفىيە ئىبادەتخانىسى

بەش مىڭ يىل ھازىرقى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستامبۇلدا 1400 يىلىدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بىر قەدىمقى ئىمارەت - ئايە سوفىيە ئىبادەتخاىسى قەد كۆتىرىىپ تۇرىدۇ. ئۇ شەرقىي رىم ئىمپرىيىسى بىنكارلىق سەنئىتىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى، شۇنداقلا پادىشاھ يۇسىتىناننىڭ ئۆمۈرلۈك >تۆھپىسى< سۈپىتىدە قېپقالغان بىردىن بىر ناماياندە. مىلادى 532 - يىلى، يۇسىتىنان >نىكار< قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، زور تۈركۈملەپ ئارمىيە تەشكىللەپ >ئەلەم بىلەن ئىدارە قىلىش< نى، يەنى دىنىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، بارلىق پۇقرالارنى >مۆمىن بەدىلەر< گە ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويدى. ئايە سوفىييە ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ـ ئۇنىڭ >قەلەم بىلەن ئىدارە قىلىش" نى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىستامبۇل ئۇ چاغدا كونىستانتىنپول دەپ ئاتىلاتتى، ئەسلىدە ئۇ يەردە بىر كونا ئىبادەتخانا بار ئىدى، ئۇزۇن يىللار رېمونت قىلىنمىغانلىقى ھەمدە ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئىدى. يۇسىتىنان ئاشۇ ئىبادەتخانىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىپ، خىرىستىيان دىنىنىڭ شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىدىكى ئوردا ئىبادەتخانىسىغا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. يۇسىتىنان ئىككى بىناكارلىق ئۇستىسىنى تەكلپ قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى ئانتىمس، بىرى ئىسدوراس بولۇپ، ئىككىلىسى كىچىك ئاسىيالىق ئىدى. ئۇلار لايىھىلىگەن بۇ كاتتا ئىبادەتخانا شەرق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كۆرۈنۈشى چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئىگىز، كۆركەم، ھەيۋەتلىك ئىدى. قاق ئوتۇترىسىغا چىقىرىلغان گۇمبەز دىئامېتىر 33 مېتىر كېلىدىغان بىر يۇمۇلاق ۋە ئىككى يېرىم يۇمۇلاق ئەگمىلەردىن تەركىپ تاپقان، بۇ گۈمبەز تۆت ئەگمە پەشتاققا بېكىتىلگەن ئەگمە دەرۋازىلار ئۈستىدە قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. ئىچىدىن قارىغاندا، بۇ ئىبادەتخانا خۇددى >مەجلىس زالى< غا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى تۈۋرۈكلۈك ئايلانما كارىدور ئوراپ تۇراتتى. بۇ قەدىمقى رىم ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۆزگىچىلىگى ئىدى؛ سىرتتىن قارىغاندا، ھەيۋەتلىك گۈمبەز ئۈستىگە چىقىرىلغان ھەشەمەتلىك بىزەكلەردىن شەرقنىڭ سەنئەت ئۆزگىچىلىگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. گۈمبەزنىڭ يەردىن ئىگىزلىگى 60 مېتىر كېلەتتى. ئۇ ئەگمىلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئېچىلغان دەرىزىلەردىن كىرگەن نۇر بىلەن يورۇتۇلۇپ تۇراتتى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچ تاملىرى گۈللۈك سىڭىر تاشلار بىلەن ئىشلەنگەن ئىدى ھەمدە ئۇ تاملارغا رەڭدار سۈنئى ياقۇتلارنى زاماسكىلاش ئارقىلىق نەقىشلەر چىقىرىلغان ئىدى، نەقىشلەر ئۈستىگە قەدىمقى ھېكايە ۋە رىۋايەتلەر، قەھرىمانلىق ئوبرازلىرى شۇنداق جانلىق يېزىلغان ئىدى. ئايە سوفىيە ئىبادەتخانىسىنى يۇسىتىنان بىر تۈمەن مەدىكار ئىشلىتىپ بەش يىلدا، يەنى 537 - يىلى پۈتتۈرگەن ئىدى. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى بولۇۋاتقاندا، يۇسىتىناننىڭ >ئەلەم بىلەن ئىدارە قىلىشى< مۇ غايەت زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئۇ، شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندار پادىشالىقىنى ئىستىلا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، يەنە ئەسكەر چىقىرپ ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى شەرقىي گوت پادىشالىقىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ كاتتا ئىبادەتخانىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە ئۇ يەرگە بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. بۇ ئىبادەتخانا خىرىستىيان دىنىنڭ ئوردا ئىبادەتخانىسى سۈپىتىدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ توپ - توغرا توققۇز ئەسىر تۇردى. 1453 - يىلى تۈركىيە ئارمىيىسى كونىستانتىنپولغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ مېچىتىگە ئۆزگەرتتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يېڭىچە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى. ھازىر ئىستامبۇلدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان رەت - رەت ئاسمان - پەلەك مۇنارلار ئاشۇ چاغد يېڭىدىن قوشۇلغان ئىدى. بۇ كاتا ئىبادەتخانىنىڭ ئىمارەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى پۇختا بولغاچقا، كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشلەردىمۇ ھېچنىمە بولماي، تا ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلدى. بۇ قەدىمىي، ھەيۋەتلىك ئىمارەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن، 1935 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى مۇزېيخانىغا ئۆزگەرتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ئايە سوفىيە ئىبادەتخانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki