UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«يېڭىلمەس پاراخوت قوشونى » نىڭ گۇمران بولۇشى

«يېڭىلمەس پاراخوت قوشونى » نىڭ گۇمران بولۇشى

بەش مىڭ يىل شوتلاندىيىنىڭ بىكار قىلىنغان ئايال پادىشاھى ماري تودور ئەنگىلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابېت Ⅰ تەرىپىدىن نەزەربەنت قىلىنغىلى 20 يىل بولاي دەپ قالدى. ئۇ 1568- يىلى مەملىكىتىدە سىياسىي ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەلگەن بولۇپ، ئەنگلىيىگە كېلشىگىلا ئېىزابېتقا ئەسىر بولغان ئىدى. مارى تودور ئەسىرگە چۇشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيىدىكى ئېلزابېتقا قارشى بولغان كاتولىك دىنىنىڭ مۆتىۋەرلىرى دەرھال قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، ماري تودورنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقماقچى ۋە ئۇنى ئەنگلىيىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولدى. قوزغىلاڭنى قوللايدىغانلار ئىچىدە يالغۇز رىم پاپىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھى فىلىپⅡمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلزابېت، فىلىپⅡنى چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسپانىيە پادىشاھى داۋاملىق جاسوس ئەۋەتىپ ، ئەنگلىيىنىڭ كاتولىك دىنىدىكى سۈيقەستچىلەرنى ئېلزابېتنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇيۇشتۇردى. شۇڭا ئېلزابېت ، مارىينى ئۆلتۈرۈشكە چارە ئىزدىدى، ئەمما بىرمەھەل باھانە تاپالماي تۇرۇپ قالدى. بىر كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى، ئېلزابېتقا: _پادىشاھ ئالىيلىرى، مارىي ئۆلتۈرۈلمىسە ئەنگىلىيىدە ئاسايىشلىق بولمايدۇ، _ دىدى. _شۇنداق،_ دەپ باش لىڭشىتتى ئايال پادىشا،_ لېكىن ئۇنى ئۆلتۈرگەن ھامان، ئىسپانىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقاندا، مەملىكەت ئىچى تېخىمۇ بەك تىنچىمايدۇ. _ پېقىرنىڭ قارىشىچە، ئىسپانىيە بىلەن ئاشكارا ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. فىلىپ Ⅱ، ئەنگلىيىمىزنىڭ دېڭىز سودىسىدىكى ئەشەددىي دۈشمىنى، ئۇلار ئاللىقاچان بىز بىلەن كۈچ سىناشماقچى بولۇپ كەلدى. پەقەت ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغاندىلا ئاندىن مەملىكەت ئىچىدە ئاسايىشلىق بولىدۇ. ھازىرقى گەپ بىزنىڭ مارىيىنى ئۆلتۈرۈشكە بىر باھانە تېپىشىمىزدا، مارىيىنى ئايال پادىشاھ ئالىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ شىرىكى دېسەك بولمىدىمۇ! _ ئۇنداق دېسەك قانداق بولىدۇ؟ - دەپ بېشىنى چايقىدى ئېلزابېت، - مارىي تېخى قاماقلىق تۇرسا، ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىغا كىم ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرگەندىمۇ دەلىل - ئىسپات بولۇشى كېرەك - دە. - بۇ تەرەپلەردىن ئەنسىرىمىسىلە، ئالىيلىرى، - دېدى ۋەزىر كۈلۈپ قويۇپ، - ھەممە ئىشنى ئۆزەم جۆندەيمەن. جاسۇسلارنى سۈيقەستچىلەر ئارىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى مارىي بىلەن ئالاقىلاشتۇرىمەن. مۇشۇ مەخپىي بېرىپ - كېلىشلەرنىڭ خەت - چەكلىرى پولاتتەك ئىسپات بولماي نېمە؟ ۋەزىرنىڭ ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى دېگەندەك مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 1586 - يىلى 9 - ئايغا كەلگەندە، ئۇ كېرەكلىك دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولدى، سۈيقەستچىلەر قولغا ئېلىنىپ ئېتىپ تاشلاندى، 2 - يىلى 2 - ئايدا مارىيىنىڭمۇ كاللىسى ئېلىندى. مارىيىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ياۋروپا كاتولىك دىنىي جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر مەغلۇبىيەت بولدى. پاپا شۇ ھامان پەۋقۇلئاددە پەرمان جاكارلاپ، كاتولىك مۇرىتلىرىنى ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چاقىردى. ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ، ھەممىدىن بۇرۇن ئاۋاز قوشتى. ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇ يىلى پۈتۈن ياز پەسلىدە ئۇلار كاتتا بىر پاراخوت قوشۇنى _ «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» نى توپلىدى ۋە ئۇنى قوراللاندۇردى. 1583 - يىلى 7 - ئايدا، «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» ئىسپانىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر پورتتىن يولغا چىقتى. پاراخوت قوشۇنىدا 130 ئۇرۇش پاراخوتى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى بۇ پاراخوتتىن 60 ى بار ئىدى. چوڭ تىپتىكى بۇ پاراخوتلار تويۇنغان ئوق - يا شەكلىدە بولۇپ، سۇ يۈزىدىن خۇددى ئىمارەتتەك كۆتىرىلىپ تۇراتتى. پۈتكۈل پاراخوت قوشۇنىدا 30 مىڭ ئادەم بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاراخوتچى، دېڭىزچىلار 7000 كىشى، خىللانغان پىيادىلەر 32 مىڭ كىشى بولۇپ، ئۇلار 3000 دانە توپ بىلەن قوراللانغان ئىدى. پاراخوت قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى تازا تەجرىبىلىك، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنىرالى ئىدى. 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، پاراخوت قوشۇنى ئەنگلىيە بوغۇزىغا كىرىپ، ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر پورتنىڭ يېنىدا توختىدى. ئۇرۇش پىلانى بويىچە، پاراخوت قوشۇنى دېڭىزدا ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن توقۇنۇشماي، ئۇدۇل دونكېرككە بېرىپ، ئىسپانىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ يىراققا يۈرۈش قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاندىن يىراققا يۈرۈش قوشۇنىنى ھىمايىگە ئالغان ھالدا بىرلىكتە ئەنگلىيە قۇرۇقلۇقىغا چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ كاتتا پاراخوت قوشۇنى يولغا چىقىپ ئۇزاققا بارمايلا خەۋەر يېتىپ كەلدى: - باش قوماندان جانابلىرى. ئالدىمىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە دۈشمەن پاراخوتى پەيدا بولۇپ قالدى! - قانچىلىك؟ - تەخمىنەن 140، بۇنىڭ ئىچىدە 20 نەچچىسى چوڭ تىپتىكى پاراخوت. باش قوماندان دەرھال پاراخوتنىڭ ئېگىز يېرىگە چىقتى - دە، دۇربۇن بىلەن ئىنچىكە كۈزەتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن كۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن سۆز ئالدى: - ھوي، ئاز ئەمەس ئىكەن، ئەمما ھەممىسى كىچىك پاراخوتلار ئىكەن، قورقۇپ كەتكۈچىلىكى يوق. مەندىن بۇيرۇق بولسۇنكى، پىلاننى ئۆزگەرتىپ، دۈشمەن پاراخوتلىرى بىلەن ئېلىشىمىز. تولۇق تېزلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنى قىستاڭلار! پىيادىلەر پاراخوتلارغا چىقىپ قەڭ قىلىشقا تەييارلانسۇن! ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى يېقىنلاشتى. پاراخوتلار ئېتىش ئارىلىقىغا كىرىشى بىلەنلا توپلار گۈمبۈرلەپ، دېڭىز سۇلىرى شارقىراپ ئېتىلىشقا باشلىدى. «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» بىرنەچچە توغرا قاتار بولۇپ تىزىلىپ، تولۇق تېزلىك بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى قىستىدى. باش قومانداننىڭ مۇددىئاسى ناھايىتى ئېنىق ئىدى؛ ئىسپانىيە پىيادىلىرى دۇنيادا كۈچلۈك بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى قىستىۋالغاندا ۋە ئۇلارنى قامىۋالغاندىلا، ئاندىن پىيادىلەر ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، چاپ - چاپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش - قىلالماسلىق «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» نىڭ غەلىبە قىلىش - قىلالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئسپانىيىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىدى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئەنگلىيە پاراخوتلىرى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەندىمۇ ئوت ئاچالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سۈرئىت تېز، ئوت كۈچى دەل جايىدا بولغاچقا، «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» نىڭ بىرمۇنچە پاراخوتلىرىغا ھەش - پەش دېگۈچە ئوت كەتتى. شىددەتلىك توپ ئۇرۇشى تولۇق بىر كۈن داۋاملاشتى. قاش قارايغاندا، «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» ئىككى ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرىغا ئوق تېگىپ زەخمىلەندى، بىر ئەترىتىنىڭ قوماندانى ئەسىرگە چۈشتى. ئۇرۇشنىڭ 7 - كۈنىگە بارغاندا، «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» دوۋېر بۇغۇزىغا كىردى. باش قوماندان، دونكېرك تەرىپىدىن كېلىدىغان ھەمدەمچى قوشۇننى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇردى. ئەمما ئەنگلىيىنىڭ بىر پاراخوت ئەترىتى نېدىرلاندىيە دېڭىزىنى ئاللىقاچان قامال قىلىۋالغاچقا، ئۇلار ئۇچرىشىشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز قالدى. 8 - كۈنى تۈن تەڭدە، دېڭىزدا دەھشەتلىك غەرب شامىلى چىقىپ كەتتى. «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» نىڭ ئەسكەرلىرى بىرنەچچە كۈنلۈك مۇشەققەتلىك جەڭدە چارچاپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. تۈن تەڭ بولغاندا، بىر كىشى توساتتىن باش قومانداننى ئويغاتتى ۋە جىددىيلىك بىلەن خەۋەر يەتكۈزدى: _ جانابى باش قوماندان، دېڭىزدا سەككىز ئوت ئەجدىھاسى پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ قوشۇنىمىزغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ! باش قوماندان كىيىمىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، پاراخوت ئۈستىگە چىقتى - دە، سەككىز ئوت ئەجدىھاسىنىڭ غەرب شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇچقاندەك كېلىپ پاراخوت قوشۇنىغا ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە پاراخوتقا ئۇرۇلۇشى بىلەنلا ئوت يالقۇنى لەپىلدەپ، ئىس - تۈتەكلەر پۇرقىراپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىرمۇنچە پاراخوتقا ئوت كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەسلىدە، بۇ ئەنگلىيە پاراخوت قوشۇنى ئىشلەتكەن ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھىيلىسى ئىدى. ئۇلار كونىراپ كەتكەن سەككىز سودا كېمىسىنى تاللىۋېلىپ، كېمىنىڭ سىرتىنى قاراماي بىلەن ياغلاپ، ئىچىنى ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇپ، ئوت يېقىۋەتكەندىن كېيىن شامالسېرى تېزلىكتە ھەيدەپ ئىسپانىيە پاراخوت قوشۇنىغا قارىتىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى. باش قوماندان ئالاقزادە بولۇپ كەتتى - دە: - ئارغامچىنى ئۈزۈڭلار! ئارغامچىنى تېز ئۈزۈپ يولغا ئاتلىنىڭلار! - دەپ بۇيرۇق بەردى. پاراخوت قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بەزىلىرى، پالتا بىلەن ئارغامچىنى چاناپ ئۈزدى، بەزىلىرى سۇ بىلەن ئوت ئۆچۈردى، بەزىلىرى ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى. ئالاقزادىلىك ئىچىدە پاراخوتلار بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ چۆكۈپمۇ كەتتى. ئەتراپنى ئېچىنىشلىق دات - پەرياد، ئاللا - چۇقانلار قاپلاپ كەتتى. 9 - كۈنى تاڭ سەھەردە، ئەنگلىيىنىڭ پاراخوت قوشۇنى داۋاملىق ھۇجۇم قوزغاپ، شىددەتلىك توپ ئاتتى. بۇ كۈنى «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» نىڭ چوڭ تىپتىكى پاراخوتى توپ ئوتىنىڭ زەربىسىدىن جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى. 4000 ئەسكەر جەڭچى ئۆلدى، سۇغا غەرق بولدى. باش قومانداننىڭ ئەجىلى توشۇپ قالغانلىقىغا، قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن ئۈمىد قالمىغانلىقىغا كۆزى يەتتى - دە، پاراخوت قوشۇنىغا شىمالىي دېڭىزغا كىرىشكە بۇيرۇق قىلىپ، تازا بىر ئايلىنىپ ئىسپانىيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. قايتىش سەپىرىدە، «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» بوراندا قېلىپ، يەنە بىر قىسىم پاراخوتلىرىنى زىيان تارتتى؛ ئاتلانتىك ئوكيانغا كىرگەندە، يەنە بىرمۇنچە پاراخوتلىرى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى. 5000 دىن كۆپرەك ئادىمى ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىندى. تولۇق ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، باش قوماندان ھالاكەتتىن ئېشىپ قالغان پاراخوتلارنى ئېلىپ ئىسپانىيىگە قايتتى. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشىدا «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» پۈتۈنلەي دېگۈدەك گۇمران بولدى، ئەنگلىيە تەرەپتىن پەقەت 100 ئادەم ئۆلدى. «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» گۇمران بولغاندىن باشلاپ، ئىسپانىيە ھۇشىغا كېلەلمەي ئىنتايىن تېزلىكتە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. ئەنگلىيە بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشىدا ئۆز زامانسىدا ئەڭ قۇدرەتلىك بولغان رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىر دورىلا دېڭىز زومىگەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئاساستا كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ