UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھىندىستاننىڭ تاجاۋۇز قىلىنىشى

ھىندىستاننىڭ تاجاۋۇز قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل ئەنگلىيىنىڭ قۇدرەت تېپىشى چەتئەللەردىكى مۇستەملىكلىرىنى بۇلاپ - تالىغاندىن ئايرىلمايدۇ. ئۇ، 17 - ئەسىردىن كېيىن، ئاۋسترالىيە قىتئەسى، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدە مۇستەملىكىلەرگە ئىگە بولۇۋالىدى؛ مىلادى 1613 - يىلىلا، ئەنگلىيە ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى سۇراتتا سودا پونكىتى قۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مادراستا سودا كونسۇلخانىسى قۇردى. 1698 - يىلىغا كەلگەندە، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا كېڭەيدى. ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى شۇ يىلى ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان موۋول ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى كىچىك بىر يېزىنى سېتىۋالدى. بۇ يېزا بېنگال قولتۇغىدىكى گانگ دەرياسى ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، كالكۇتتا دەپ ئاتىلاتتى. بۇ يېزىنى كىچىك چاغلىماڭ، ئۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. بېنگال ئەتراپى ھىندىستاننىڭ ئەڭ مۇنبەت تۈزلەڭلىكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، دەريالار گىرەلىشىپ كەتكەن، گۈرۈچ بىلەن سېرىق كەندىر كۆپ چىقىدىغان زىمىن ئىدى. ئەنگىلىيە بۇ يېزىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەردە سودا باش شىتاۋى قۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ ئاشلىقى بىلەن سانائەت خام ئەشيالىرىنى ئەنگىلىيىگە توختىماي توشۇپ تۇردى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئەھۋال ئۆزگەردى. نامدا يىراق شەرققە كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كالكۇتتىدا ناھايىتى زور قورغان ياساپ، ئۇنىڭغا تولۇق قوراللانغان ئىنگلىزلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار مىلتىق، زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان بولۇپ، خۇددى دائىمىي ئارمىيىگە ئوخشايتتى. تېخىمۇ زەھەرخەندىلىكى شۇكى، شەرقىي ھىندىستان شىركىتى يەنە ھىندىلاردىن ئەسكەر ئېلىپ تەربىيىلەپ، ئۇلارغا مىلتىق _ زەمبىرەكلەرنى قانداق ئېتىشنى، قانداق سەپ تارتىپ مېڭىشنى ۋە قانداق ئېتىشنى، قانداق سەپ تارتىپ مېڭىشنى ۋە قانداق قاتىللىق قىلىشنى ئۆگەتتى، بۇ يەر گويا ھەربىي گازارمىنىڭ ئۆزى ئىدى! ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قاراپ تۇرالمايدۇ. 1756 - يىلى، بېنگالنىڭ ناۋابى (باش ۋالىسى) شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كالكۇتتىدا قورغان ياسىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ناۋاب ئەسكەر چىقىرىپ كالكۇتتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىنگلىزلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى مادراسقا يىغلىپ، كېيىنكى تەدبىرلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. _ بىزنىڭ بۈيۈك برىتانىيە پۇقرالىرى ئالغا باسىدۇكى، ئارقىغا چېكىنمەيدۇ، يەلكلەرنىڭ قوغلىۋېتىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ _ دەيتتى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ دېرىكتورى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆك، ساقىلى ساپ _ سېرىق بولۇپ، گەپ قىلغاندا ساقىلى تىترەپ تۇراتتى. _ جاناپلىرى، سىلىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى...، _ دېدى مۈرىسىگە شاڭۋېي ئۇنۋانىنى تاقىۋالغان ياش كوماندىر. ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە قولىنى قىلىچقا مەنىنى بىلدۈردى. _ سىلىنىڭ قول ھەركەتلىرى دەل مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى بىلدۈردى، _ دېدى سېرىق ساقال. _ ئىككىلىرى مۇنداق بىر قورقۇنچلۇق ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى شىركەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك بىر خىزمەتچىسى، _ موۋول ئىمپېرىيىسى ناۋابىنىڭ 70 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ‎فرانسىيىنىڭ بۇ يەردە ئاران 900 ئەسكىرى بار، بۇلاردىن باشقا بىز تەربىيىلىگەن 2000 ھىندىستانلىق ئەسكەر بار. يۇرتىمىز يىراقتا قالدى، ئۇرۇش بولۇپ قالسا، تەمىناتتىن ناھايىتى قىينىلىمىز. ئەنگلىيىدىن چىققان پاراخوتلار بۇ يەرگە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئاران يېتىپ كېلەلەيدۇ... _ بۈيۈك برىتانىيە ئارمىيىسىگە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ، بىرى يۈزگە، مىڭغا تېتىيدۇ! _ دېدى ياش كوماندىر تاقەت قىلىپ تۇرالماي ۋە خىزمەتچىنىڭ گېپىنى بۆلۈپ. _ كلىۋې جاناپلىرىغا قۇلاق سالايلى! _ دېدى سېرىق ساقال تەمكىنلىك بىلەن ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ. ھەممەيلەن كلىۋېغا كۆز تىكتى. ئۇ ئۇچىسىغا ھەربىي كىيىم كىيىپ قېتىۋالغان، مۈرىسىگە ئالتۇن رەڭلىك شەلپەرنى سىڭايان قىلىپ ئېسىۋالغان، بېلىگە خەنجەر ئاسقان بولۇپ، مۇشۇ يەرنىڭ قوماندانى ئىدى. _شاڭۋېي جاناپلىرى توغرا ئېيتتى، بىزنىڭ بۈيۈك برىتانىيە قوشۇنىمىزنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى كامىل، _ دېدى ئۇ ياش كوماندىرغا قاراپ قويۇپ، ئاندىن قىيسىق كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، سۆزىنى ئالدىرىماي داۋاملاشتۇردى، _ ھەر بىرلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىنى سورايمەنكى، ئۇلارنىڭ كوماندىرلىرى ئىچىدىمۇ بىزنىڭ گېپىمىزگە كىرىدىغانلار بار. پۇل ئەۋلىيانىمۇ گەپكە كىرگۈزىدۇ! پىكىرىمچە، دەرھال كالكۇتتىغا يۈرۈش قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەھكەم ھۆكۈمرانلىقىمىزنى ئورنىتىشىمىز كېرەك! _ قومانداننىڭ پاراسىتىگە قايىلمەن، _ دېدى سېرىق ساقال مەمنۇن بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ. 1757 - يىل 1 - ئايدا، كلىۋېنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنى گانگ دەرياسىنىڭ ئېغىزىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كالكۇتتىنى يېڭىۋاشتىن بېسىۋالدى. بېنگالنىڭ ناۋابى بىر تەرەپتىن، سۈلھلىشىدىغانلىقىنى جاكالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىدىن ھەربىي ياردەم سورىدى. 6 - ئايدا، ناۋابىنىڭ 70 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنى كلىۋېنىڭ 900 كىشىلىك ئەنگىلىيە قوشۇنى بىلەن پلاسسىدا ئۇچراشتى، ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە ئەنگىلىيە پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما موۋول كوماندىرى ئەنگىلىيىگە سېتىلىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ چېكىندى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ناۋابىنىڭ قوشۇنلىرى تەرەپ _ تەرەپكە قېچىپ كەتتى، ناۋابىنىڭ ئۆزىنى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئۆلتۈردى. ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنى بارغانلار يېرىدە قىرغىنچىلىق قىلىپ ئوت قويدى، باسقۇنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلدى. _ بېنگال خەزىنىسىگە كىرىڭلار! _ دېدى كلىۋې بۇيرۇق بېرىپ. «ئۇررا!» _ نەچچە ئونلىغان ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى بېنگال خەزىنىسىنىڭ دەرۋازىسىنى يوغان لىملار بىلەن ئۇرۇپ چاقتى. _ تېز ئېلىڭلار! _ دېيىشتى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى خەزىنىدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلەرنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرى ئاققان ھالدا. ئۇلار چاپىنىنى سېلىپ ئالتۇن _ كۈمۈش، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى بولۇشىغا ئېلىپ بوپا قىلىۋالىدى؛ شىمىنى سېلىپ، پۇشقىغىنى بوغۇپ لىق توشقۇزدى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر نەچچىدىن بوپىنى كۆتىرىپ، قىپ _ يالىڭاچ ھالدا خەزىنىدىن چىقىشتى. _ بۇنداق چوڭ ئالماسنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم! _ دەيتتى كلىۋې ئۇنى يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ، _ بەللى، قىزىل گۆھەر، كۆك گۆھەر، مۈشۈك كۆز، كەھرىۋالارمۇ بار ئىكەن... پاھ! قالتىس ئىش بولدى! _ كلىۋېنىڭ يانچۇقلىرى تومپىيىپ كەتتى. ۋەقەدىن كېيىنكى تولۇقسىز مەلۇماتتىن قارىغاندا ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ بېنگال خەزىنىسىدىن بۇلىۋالغان ئالتۇن _ كۈمۈشلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليون قاداققا يەتكەن. ئەمما، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئېلىپ كەتكەن ئالتۇن _ كۈمۈش بۇنىڭ سىرتىدا. يالغۇز شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىملىرى ئېلىۋالغان ئالتۇن _ كۈمۈشنىڭ ئۆزىلا 21 مىليون قاداق بولۇپ، بۇمۇ ئومۇمىي سانغا كىرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كلىۋې ئەنگلىيە پارلامېنتىغا ھىندىستانغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ جەريانى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: _ پاراۋان شەھەرلەرنى چەيلىدىم، گۈزەل دۆلەتنى قولۇمغا ئالدىم، ئالتۇن - كۈمۈشلەر ساقلانغان دۆلەت خەزىنىسى كۆز ئالدىمغا كەلدى. بىرلا ئۆزەم 200 مىڭ قاداق ئالتۇن _ كۈمۈشكە ئىگە بولدۇم، شۇ چاغدا نىمانچە رەھىمدىل بولۇپ كەتكىنىمگە ھازىر ناھايىتى ھەيرانمەن. مۇستەملىكىچى قاراقچىنىڭ ئىقرارى ئەنە شۇ! پلاسسى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى فېرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرىنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ بېنگالنى تەنھا بېسىۋالدى ھەمدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا سېتىلغان ھېلىقى موۋول گېنېرالىنى بېنگانىڭ ناۋابى قىلىپ تەيىنلىدى. 1767 - يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى «شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى باشقۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ كالكۇتتىدا تۇرۇشلۇق ئۆلكە باش ۋالىسىنى دۆلەت تەيىنلەيدىغان باش ۋالىغا ئۆزگەرتىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ پۈتۈن زىمىنىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. پلاسسى ئۇرۇشىدىن تارتىپ 1815 - يىلىغىچە بولغان 58 يىل ئىچىدە، ئەنگىلىيە ھىندىستاندىن بىر مىليارت 700 مىليون قاداق ئالتۇن قىممىتىدىكى بايلىقنى شۈلۈۋېلىپ، باياشات بېنگالنى بىپايان قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى، 1770 _ يىلىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ ئۆزىدىلا، 17 مىليون كىشى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بېنگال دېھقانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكنار گۈل تېرىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇلار كۆكنار گۈلنىڭ بوتقىسدا ئەپيۈن ياساپ، ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن جۇڭگوغا ساتتى. شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كۈمۈشىنى ئېلىپ كېتىشتىن تاشقىرى، جۇڭگو خەلقىنى جىسمانىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىدى. ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرققە ئېلىپ كەلگەن «مەدىنىيىتى» ئەنە شۇ!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ