UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتوپا قاچىلانغان كۈمۈش رۇمكا

توپا قاچىلانغان كۈمۈش رۇمكا

بەش مىڭ يىل رايال جاراڭلاپ چېلىنماقتا، ئۇنىڭ ساداسى كۆكتە ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتتەك، تۇرۇپلا ئېرىقتا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىدەك خىلمۇ خىل ئۆزگىرىپ، يېقىملىق ئاڭلىنىپ، كىشىنى راستىنلا مەپتۇن قىلاتتى. رايال توختىدى، تۆۋەندە قىزغىن ئاقىش ياڭىرىدى، ياش مۇزىكانت ئورنىدىن تۇرۇپ تاماشىبىنلارغا ئېگىلىپ رەھمەت ئېيتتى، تاماشىبىنلارنىڭ ۋەكىلى ئۇنىڭغا سىپتە ئىشلەنەن بىر كۈمۈش رۇمكىنى تەقدىم قىلدى. مۇزىكانت رۇمكىنى ئىككى قوللاپ ئالدى ۋە رۇمكىغا لىق توپا قاچىلانغانلىقىنى كۆردى. - سۆيۈملۈك شۇبىرت، بۇ رۇمكىدىكى ۋەتىنىمىز پولشانىڭ توپىسى. سىز يىراققا كېتىۋاتىسىز، مەن بۇنى ۋارشاۋا خەلقىغە ۋاكالىتەن تەقدىم قىلىمەن، خاتىرە قىلىڭ، - دېدى تاماشىبىنلار ۋەكىلى تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن. شۇبىرت رۇمكىنى كۆكسىگە چىڭ بېسىپ، دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى جىملىدى ۋە كۆزىدىن ھاياجان يېشىنى تۆكۈپ: - ئاھ ۋەتىنىم، ساڭا مەڭگۈ سادىق بولىمەن، ۋۇجۇدۇمنى ساڭا بېغىشلايمەن، سېنى ئۆمۈرۋايەت رايال ئارقىلىق مەدھىيلەيمەن! - دېدى. تاماشىبىنلار ۋەكىلى تەسىرلىنىپ يىغلىۋەتتى ۋە شۇبىرت بىلەن چىڭ قۇچاقلاشتى. تۆۋەندە يەنە گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىدى. بۇ 1830 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شۇبىرتنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا ئولتۇرۇشىدىكى تەسىرلىك مەنزىرە ئىدى. شۇ كەملەپردە، پولشا چار روسىيىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتاتتى، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق يوق ئىدى. ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن مۇزىكانت شۇبىرت ۋەتەننىڭ مۇزىكا سەنئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قارى قىلدۇرۇش، مۇزىكىدىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ يىراقلارغا كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە، شۇبىرت چۈشكەن پوچتا يولغا چىقتى. ئۇنى نۇرغۇن ۋارشاۋالىقلار ئۇزىتىپ قويدى.شۇبىرتنىڭ ئۇستازى يول بويىدا تۇرۇپ، ئەرلەر خورىغا رېژىسسورلۇق قىلدى. ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇلغان بۇ ناخشا شۇنچە سەلتەنەتلىك ۋە قايغۇلۇق ئىدى. ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقان بايراقلار بىلەن بىللە كككتە پەرۋاز قىلىۋاتقان ناخشا ساداسى شۇبىرتنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى... شۇبىرت 12 - ئاينىڭ بېشىدا ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېناغا يېتىپ كەلدى. ۋارشاۋا خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى، دېگەن ھاياجانلىق خەۋەر تارقالدى! پايتەخت ئازاد قىلىندى! پولشا خەلقى نىكولاي I نىڭ پولشادىكى قوشۇمچە پادىشاھلىقى بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭدىن خوشال بولغان شۇبىرت «ياشىسۇن ۋەتەن!» دەپ توۋلىۋەتتى. ئۇ ۋەتەننىڭ توپىسى قاچىلانغان كۈمۈش رۇمكىنى قايتا - قايتا سۆيدى. شۇبىرت كۈرەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەتىنىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، روسىيە مارشالى پاسكوۋىچنىڭ نۇرغۇن قوشۇن تارتىپ كېلىپ ۋارشاۋانى قايتىدىن بېسىۋالغانلىقى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، نەزەربەنت قىلىنغانلىقى، ۋەتەننىڭ يەنە قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر تارقالدى. شۇبىرتنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى. غەزەپ ۋە نەپرەت ئۇنى بىئارام قىلدى، ئۇ ھوجرىدا ئۇياقتىن - بۇ ياققا مېڭىپ يۈرۈپ، چوڭقۇر ئوي - خىيالغا چۆمدى. «مۇزىكىنى قورال قىلىپ، كۈرەش قىلىش كېرەك! كۈرەش قىلىش كېرەك!» دەيتتى ئۇ ئكز - ئكزىگە، ئۇ شۇئان خۇددى ئېتىلغان شىردەك، رايالغا تاشلاندى - دە، رايالدىن قايناپ تاشقان سادا ياڭرىدى، ئۇ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، قان ۋە يېشى بىلەن مۇزىكا ئىجاد قىلماقتا ئىدى. شۇبىرت شۇ كېچىسى جەمئى ئۈچ مۇزىكا ئىجاد قىلدى: ئۇنىڭ بىرى، غەزەپلىك ۋە تەنتەنىلىك جەڭ مارشى «C خەلق ناخشىلىرى مەشق كۈيى»؛ بىرى: ۋەتەنگە بولغان قايغۇلۇق سېغىنىش تەسىرلەنگەن «A خەلق ناخشىلىرى باشلىنىش كۈيى»؛ يەنە بىرى، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىغا بولغان چوڭقۇر ئۈمىد - ئارزۇ تەسىرلەنگەن «D خەلق ناخشىلىرى باشلىنىش كۈيى»، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببەت دۇنيادا بىرىنچى قاتاردىكى ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مۇزىكا تارىخىدا ئاخىر مۆجىزە ياراتتى! بۇ چاغدا، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن پولشا ئىنقىلابچىسى مىتسكېۋىچ «ماتەم مۇراسىمى» دېگەن بىر داستاننى ئەۋەتتى. شۇبىرت ئۇنى قايتا - قايتا ئوقۇدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۇلۇغ ئانا قان - ياش ئىچىگە يىقىلغان، ئوغۇل - قىزلار ۋەتەننىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدىن كېلىپ ئانا بىلەن ۋىدالىشىۋاتقان، ياق، بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى كۈرەش ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشىۋاتقان... تەنتەنىلىك مەنزىرە نامايەن بولدى. «دۇرۇس، بۇ ۋەتەنگە بىلدۈرۈلۈۋاتقان ماتەم، ۋەتەن ئۈچۈن بولۇۋاتقان كۈرەش!» شۇبىرت ھاياجان ئىچىدە پەي قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، بەش سىزىقلىق نوتا ئۈستىدە ئىجادىيەت ئېلىپ باردى. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان داڭلىق مۇزىكا ئەسىرى پاتلا يېزىلىپ بولدى، بۇ دۇنياغا مەشھۇر «ماتەم كۈيى» ئىدى شۇبىرت ئۇنى ئۆزىنىڭ قايغۇ - ھەسرىتى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چار پادىشاھقا زەربە بېرىدىغان چوڭ زەمبىرەك ئوقى قىلدى. شۇبىرت شۇنىڭدىن كېيىن، پارىژغا، ئىتالىيىگە باردى، ئۇ، بۇ جايلاردا نۇرغۇن ۋالىس مۇزىكىسى، كېچە مۇزىكىسى ۋە تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە پولشا خەلق ناخشا - ئۇسۇللىرىنىڭ يەرلىك خۇش پۇرىقى چېچىلىپ تۇراتتى، ئۇلار يېڭى ۋە ساغلاپ بولۇپ، شۇبىرتنىڭ ۋەتەننى، ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىدىيىۋى مۇھەببىتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. 1849 - يىلى كۈزدە، 39 ياشلىق شۇبىرت پارىژدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالشتى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا، ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقان ئۆپكە كېسىلى ئۇنى ھالسىزلاندۇرۇپ قويغان، ھەتتا ئۇنىڭ گەپ قىلغۇدەك دەرمانىنى قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىنماي، تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى شۇبىرتنىڭ نېمىگە ھاجەتلىكىنى بىلگەن ھامان، پولشانىڭ توپىسى قاچىلانغان كۈمۈش رۇمكىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. مۇزىكانت ۋارشاۋادىن ئېلىپ كەلگەن بۇ كۈمۈش رۇمكىنى كۆكسىگە چىڭ بېسىپ تۇرۇپ كۆز يۇمدى، ئۇ ۋەتەننىڭ بىر ئوچۇم توپىسىنى ھىلىمۇ چىڭ سىقىملاپ تۇرماقتا ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
توپا قاچىلانغان كۈمۈش رۇمكا | UyghurWiki | UyghurWiki