نەغمە - ناۋاغا ھېرىس پادىشاھ
بەش مىڭ يىل
يېقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدا، پرۇسىيىنىڭ روناق تېپىشى، ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى، ياپونىيىنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈشى ئۈچ مۇھىم ۋەقە بولۇپ قالدى. ئەمدى بىز مۇشۇ ئۈچ دۆلەتتە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
يېقىملىق نەي ساداسى ئاتنىڭ تۇيىغىدىن چىققان ئاۋاز بىلەن بىللە ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. گېرمانىيىدىكى دەشت - دالادا، تۆت چاقلىق پوچتا غەربكە قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. پوچتىدا ئىككى يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى 17 - 18 ياشلارغا كىرگەن، ئۇ نەي چالغاچ، ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىنى سەيلە قىلىپ كېتىۋاتاتتى.
- ۋەلىئەھدى ئالىلىرى، دۆلەت چېگرىسىغا كېلىپ قالدۇق، - دېدى يېشى چوڭراق يىگىت ئالدى تەرەپتىكى قورغاننى كۆرسىتىپ.
نەي چېلىۋاتقان يىگىت چېلىشنى توختاتتى ۋە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن ئۇھ تارتىپ:
- پاھ! ئەمدى ئەركىن بولدۇم، - دېدى خوشال بولۇپ.
پوچتا قورغان ئالدىغا كېلىپ توختىدى، ۋەلىئەھدى چېگرا ئەمەلدارىغا ئىسپات قەغىزىنى كۆرسەتتى. بۇ ئەمەلدار دەرھال تىك تۇرۇپ:
- ئالىلىرىنىڭ كېلىشىدىن بىخەۋەر بوپتۇق، كەچۈرگەيلا، كەچۈرگەيلا، ئالىلىرىنى بىر پەس دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىمەن، مەرھەمەت! مەرھەمەت! - دېدى.
بۇ ئىككى يىگىت پوچتىدىن چۈشۈپ تۇرۇشىغا، ئارقا تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇتلا چاڭ - توزان كۆتىرىلدى. ئاتنىڭ «تاق - تۇق!» قىلغان تۇياق ئاۋازى ئاڭلانغاندا، بىر دۇلدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
- پرۇسسىيە پادىشاھى ۋېلگېلم ئالىلىرىنى ئىلتىپاتى، ۋەلىئەھدى ئالىلىرىنىڭ دەرھال پايتەختكە قايتىشقا بۇيرۇدى! - دېدى ئاتلىق ئەمەلدار خىتاپ قىلىپ.
چېگرا ئەمەلدارى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، چېگرىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەرگە قوماندا بېرىپلا ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئولاشتى ۋە:
- ۋەلىئەھدى ئالىلىرى، پوچتىغا چىقىپ پايتەختكە قايتسىلا، - دېدى. بۇ ئىككى يىگىت ئەھۋالنى ئېنىقلىغۇچە، ئەسكەرلەر ئۇلارنى ئىتتىرىپ پوچتىغا چىقاردى ۋە يولغا سالدى.
پوچتا بېرلىنغا كېلىش بىلەنلا، يەرلىك ئەمەلدارلار پادىشاھنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزۈپ، بۇ ئىككى يىگىتنى تۈرمىگە قاماپ قويدى. ۋەلىئەھدى ئايرىم بىر كامىرغا قامالدى، ئۇنىڭ دوستىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، دەرھال ئىجرا قىلىندى.
پرۇسىيە پادىشاھىنىڭ سالاپەتلىك ۋەلىئەھدىسى نېمە ئۈچۈن قاچىدۇ؟ پادىشاھ ئۆزىنىڭ بۇ ۋارىسىغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ دېمىسىمۇ قىزىق ئىش، ئاتا - بالا ئىككىسى مۇزىكا بىلەن ھەربى ئىشلار ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلىپ، زىتلىشىپ قالغان ئىدى.
شۇ كەملەردە، پرۇسسىيە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر بەگلىك بولۇپ، ئىلگىرى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، پادىشاھ ۋېلگېلم I نىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇردى. ۋېلگېلم ئۆزىنى «ئەسكەرلەر پادىشاھى» دەپ ئاتىدى، ئۇ، پادىشاھ بولغان كىشى ھەربى ئالىم بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى - ۋەلىئەھدى فرىدرىخ بولسا، پۈتۈن نىيىتى بىلەن مۇزىكىغا بېرىلدى، ئۇ نەي چېلىشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپلا قالماي، شېئىر ۋە نوتا يېزىشنىمۇ بىلەتتى، ھەتتا نۇرغۇن يېقىملىق ۋە تەسىرلىك مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلدى. ئۇ زادى ئۇنىمىدى. دادىسى بىر نەچچە قېتىم كايىغاندىن كېيىن، چەتئەلگە قېچىپ كەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭ دادىسى بىر ئاچچىقلاش بىلەنلا، ئۇنى قاماپ قويدى.
بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋەلىئەھدى يول قويۇپ، ھەربى ئىشلارنى ئۆگىنىشكە ماقۇل بولدى. قېرى پادىشاھ فرىدرىخنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كەلدى. 1740 - يىلى، ۋېلگېلم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ تەختكە چىقىپ پرۇسسىيە پادىشاھى بولدى ۋە «فرىدرىخII » دەپ ئاتالدى.
فرىدرىخ 46 يىل پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى بىرىنچى چوڭ ئىشى ھەربى كۈچنى راۋاجلاندۇرۇش بولدى. ئەسلىدە پرۇسسىيىنىڭ ئاران 90 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى، فرىدرىخنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، 200 نەچچە مىڭغا يەتتى. بۇ پادىشاھ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ھۇجۇم قىلىشنىڭ خىلمۇ خىل تاكتىكىلىرىنى كەشپ قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن «سەپ تاكتىكىسى» نى قوللاندى. ئۇ پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ئىدى. شۇ كەملەردە ياۋرۇپادا ئىشلىتىلگەن مىلتىقلاردا بىر پاي ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، مىشەكنى تارتىۋېلىپ، ئىككىنچى تال ئوق سېلىناتتى. شۇڭا ئىككى ئوقنى ئېتىش ئارىلىقىدا بىر ئاز ۋاقىت ئۆتەتتى. فرىدرىخنىڭ سەپ تاكتىكىسى بويىچە ئەسكەرلەر ئۈچ سەپكە تىزىلاتتى. ئۇرۇش قىلغاندا، بىرىنچى سەپتىكىلەر ياتاتتى، ئىككىنچى سەپتىكىلەر زوڭزىياتتى، ئۈچىنچى سەپتىكىلەر ئۆرە تۇراتتى. بىرىنچى سەپتكىلەر ئوق چىقارغاندا، قالغان ئىككى سەپتكىلەر ئوق سالاتتى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكىلەر رېتى بويىچە ئوق چىقارغاندا، بىرىنچى سەپتىكىلەر ئوق سالاتتى، مۇشۇنداق ئايلىنىپ، تەكرارلاش ئارقىلىق ئۈزمەي ئوق چىقىرىپ تۇرغانلىقتىن، زەربە كۈچى ناھايىتى زور بولاتتى. قرىدرىخ مۇشۇ يېڭى تاكتىكىغا تاينىپ، نۇرغۇن غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلدى.
ئەمما ئۇ روسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، سەپ تاكتىكىسى بەربات بولدى. روسىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئۇچقاندەك كېلىپ قىلىچ سالدى، پرۇسىيىنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرى ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كېتىپ، ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى، ھەتتا پايتەخت بېرلىننىمۇ روسىيە ئەسكەرلىرى بىر مەھەل بېسىۋالدى.
فرىدرىخ مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرى ئىچىدىن ئۇرۇشنىڭ تۈگۈنى ئۇرۇش قىلىش سۈرئىتى ئىكەنلىكىنى بايقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر خىل يېڭى تاكتىكىنى لايىھىلىدى؛ ئاۋۋال دۈشمەن سېپىنى زەمبىرەككە تۇتۇپ، ئاندىن ئاتلىق ئەسكەرلەر تېز تېز سۈرئەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئاخىرىدا پىيادە ئەسكەرلەر ئاتلىنىپ سەپنى مۇستەھكەملىدى. زەمبىرەك بىلەن ئاتلىق ئەسكەرلەر بىرلەشكەن بۇنداق تېز ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تاكتىكىسى يېقىنقى زامان ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇم ۋاستىسى بولۇپ قالدى. فرىدرىخنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىسىگە كەلسەك، ئۇ، قارشى تەرەپنىڭ كۈچىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت. ئۇ ئۈستۈن ئەسكرىي كۈچنى توپلاپ، دۈشمەن قوشۇنىنى پارچىلاپ، بىر - بىرلەپ يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ، ئۇرۇش قانۇنىيىتىنىڭ مۇھىم يەكۈنى. ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ناپولېئون، دەل مۇشۇنداق ئىستىراتېگىيە ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆگىنىپ غەلىبە قىلغان ئىدى.
فىرىدرىخنىڭ مۇنداق بىر جۈملە «ھېكمەتلىك سۆزى» بار. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ناۋادا سەن باشقىلارنىڭ زېمىنىغا زوقمەن بولساڭ، ئۇنى تارتىۋال، ھامان سېنى ئاقلايدىغان ئادۋوكات تېپىلىدۇ.» كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، نۇرغۇن زېمىنغا ئىگە بولۇۋالدى. جۈملىدىن روسىيىنىڭ ئايال چارپادىشاھى يېكاتېرىنا بىلەن بىرلىكتە پولشانى بۆلۈۋالدى، شۇ ئارقىلىق پرۇسسىيە زېمىنىنى بىر باراۋەر كېڭەيتىپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولۇپ قالدى.