يىپەك ئۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
يۇسىتىنان >نىكار< قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، كونىستانتىنپولنىڭ ۋەزىيىتى ۋاقىتلىق مۇقىملاشتى. يۇسىتىنان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، زور تۈركۈملەپ ياللانما ئارمىيە تەشكىللىدى؛ كاتتا ئارمىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن كۆپلە خىراجەت كەتكەچكە، ئۇ يىپەك سودىسى جەھەتتە ئويلاندى.
يىپەك - تاۋار - دۇردۇن توقۇيدىغان مۇھىم ماتېرىيال. ئەينى زاماندا ئاسىيالىق سودىگەرلەر شەرقىي رىم ئىمپرىيىسى ئارقىلىق بۇ تاۋار ـ دۇردۇن بۇيۇملىرىنى ياۋروپانىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكىلەرگە سېتىپ باي بولغان، يۇسىتىنانمۇ يىپەكتىن ئېلىنىدىغان باج بىلەن غەزنىسىنى تولدۇرغان ئىدى. يىپەك، مىلادىدىن ئىلگخرى جۇڭگودىن ياۋروپاغا ككىرگەن ئىدى. يۇسىتىناندىن ئىلگىرى پەقەت جۇڭگولۇقلارلا پىلە بېقىپ يىپەك چىقىرالايتتى. يىپەكچىلىك سودىسىنڭ پايدىسىنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن، جۇڭەو ھۆكۈمىتى يىپەك ۋە تاۋار - دۇردۇنلارنىلا ئېلىپ چىقىپ سېتىشقا رۇخسەت قىلىپ، پىلە قۇرۇتىنى ئېلىپ چىقىشنى قاتتىق مەنئى قىلغان، يوللار يىراق، يۈك يۆتكەش مۈشكۈل بولغاچقا، ياۋروپاغا ئېلىپ بېرىلغان يىپەك ۋە شايىلارنىڭ بازار باھاسى ئومۇمەن ئالتۇن بىلەن تەڭلىشىپ قالاتتى. جۇڭگودىن يىپەكنى ئېلىپ >يىپەك يولى< ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېلىپ بارىدىغانلار ئاساسلىقى پارسلار ئىدى. ئۇلارنىڭ يىپەكتىن كۆپ مىقداردا پايدا ئېلىشى، يۇسىتىناننىڭ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتتى.
يۇسىتىنان قۇدرەتلىك ئەسكىرىي كۈچىگە ئىشىنىپ، پىرسىيىنى قورال كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلكىگە ئېلىپ، ئالغان پايدىنى بۆلۈشمەكچى بولدى. كىم بىلسۇن، پىرسىيە سەپ تارتىپ تەييار تۇرۇپ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىىسىنىڭ قوراللىق تەھدىدىگە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇسىتىنان شىمالىي ئافرىقىدىكى ئېفىئوپەىيە پادىشاھلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇلارنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق شەرق بىلەن يىپەك سودىسى قىلماقچى بولدى. ئەمما پىرسىيىنىڭ شەرق بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ناھايىتى مۇستەھكەم بولغاچقا، ئېفىنوپىيە ئارىغا قىستۇرۇلالمىدى. يۇسىتىنان نومۇسقا چىداپ تۇرالماي دەرغەزەپكە كەلدى - دە، مىلادىنىڭ 540 - يىلى پىرسىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىدى.
يۇسىتىنان ئۇرۇش قوزغاش بىلەن بىر چاغدا، بىر تەرەپتىن، پىرسىيىدىن كىرىدىغان ماللاردىن ئالىدىغان چېگرا باجنى ئۆستۈرۈپ، يىپەكنىڭ كىرىشىنى توسىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدە يىپەككە يېڭى باھا چىقىرىپ، يىپەك باھاسى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى ناھايىتى ياخشى قورال - جابدۇق بىلەن قوراللانغان ئىدى. ئۇلار ئۇچىسىغا بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىدىغان تۆمۈر ساۋۇتلارنى، بالشىرىغا ئۇچلۇق قالپاقلارنى كىيىپ، قوللىرىغا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان يوغان قالقانلار ۋە خەنجەر، نەيزە ياكى ئىككى بىسلىق پالتىلارنى ئالغان ھالدا يۈرۈش قىلاتتى. مەيلى پىيادىلىرى ياكى چەۋەندازلىرى بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك ئاتقان ئوقنى دەل تەككۈزىدىغان ئۇستا مەرگەنلەردىن ئىدى. لېكىن بۇ قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى تەنگە ۋە ئولجا ئۈچۈن ئاي داۋام قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپتە يېڭېش - يېڭىلىش بولغان بولسىمۇ شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى پىرسىيىنى بېسىۋالالمىدى.
بىر كۈنى، يۇسىتىنان ۋەزىر - ۋۇزرالىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى تېخىمۇ ئىەلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىۋاتاتتى. بىر ۋەزىر ئۇنىڭغا خگۋەر يەتكۈزۈپ:
- پادىشاھى ئالەم! بازاردا زادىلا يىپەك قالماپتۇ. ئۈچ - تۆت ھەسسە قىممەت سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا كەم تېپىلىدىكەن، ئەمدى پىرسىيىدىن كىرگۈزسەك بولامدىكىن! - دېدى.
- ياق! ھازىر بىز پىرسىيە بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمىز! - دېدى يۇسىتىنان كەسكىنلىك بىلەن.
- پادىشاھى ئالەم! تىر ۋە بېروت )ھازىەرقى سۇرىيە تەۋەسى ( لاردىكى يىپەكچىلەر ئىشسىز قالغىلى بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى. ئۇلار ئاچ - يالىڭاچلىقتا كۈنىنى ئالالمايۋاتىدۇ. پىرسىيىدىن يىپەك كىرەۈزۈشنى ئويلىنىپ كۆرسىلە ئىكەن، جانانى پادىشاھىم! - دېدى يەنە بىر ۋەزىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن.
- پۇقرالار تۇرمۇشىنى ئۆزلىرى ھەل قىلسۇن، مېنىڭ كارىم يوق! - دېدى يۇسىتىنان پىسەنت قىلمىغان الدا.
- پادىشاھى ئالەم! شۇنچە كۆپ ئادەم ئىشسىز قالدى. ئىسىيان كۆتەرسە ئىش چاتاق بولىدۇ! يىپەك، ئىمپىرىيىمىزنىڭ چوڭ كىرىمى، چۆنتەكتە پۇل يوق جەڭ قىلىمىز دېسەك، كۈنىمىزنى ئالمىغىمىز تەس بولارمىكىن! - دېدى ئۈچىنچى بىر ۋەزىر سەمىمىيىلىك بىلەن.
يۇسىتىنان ئولتۇرلمىدى. ۋەزىرلەرنىڭ تەلىۋى ئۇنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇيرلىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، مەجلىسخانىدا ئۇياق - بۇياققا مېڭيىپ، ئىككىنچى قەدەمدىكى پىلانلىرىنى ئويلاشقا باشلىدى.
چۈنكى، ۋىزانتىيە ئىمپرىيىسىنىڭ تەۋەلىگىدىكى تىر، بېروت دېگەن ئىككى شەھەر يىپەك سانائىتىنىڭ مۇھىم مەركىزى ئىدى، ئۇ يەردىكى كارخانىلاردا مەخسۇس جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى پىششىقلاپ ئىشلىنەتتى: پىرسىيىدىن كىرەۈزۈلىدىغان جۇڭگونىڭ تاۋار - دۇردۇنلىرىنى تىتىپ ئىنچىكە يىپلارغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، كەندىر تالالىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، شايى توقۇيتتى، ئاندىن ئۇ شايىلارنى بوياپ، ئۇنىڭغا كەشتە تىكىپ، ياۋروپا بازالىرىدا قىممەت باھادا ساتاتتى. بەزىدە پىرسىيىدىن كىرگۈزۈلگەن ئاق ياغلىقلارنى ئۆزگەرمەستىنلا بوياپ ۋە ئۇلارغا زەر - كەشتە تىكىپ ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقىنىڭ جاي - جايلىرىدا ئىنتايىن يۇقىرى باھادا ساتاتتى. شۇڭا يىپەكنى پىششىقلاپ ئىشلەش، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنڭ مۇھىم كىرىمى ئىدى.
يۇسىتىنان پايدا - زىيان مۇناسىۋىتىنى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، يەنىلا يىپەكنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۈستىدە باش قاتۇردى. ئۇ تازا بىر خۇرسىنىپ قويۇپ:
- بوپتۇ، پىرسىيە بىلەن سۈلھى قىلساق قىلايلى، - دېدى.
سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە، پىرسىيە سۈلھى قىلىشقا قوشۇلدى، ئەمما ناھايىتى ئېغىر شەرت قويدى: شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىدىن پىرسىيە كىرگۈزىدىغان ماللارغا چەك قويۇشتىن ۋاز كېچىشى ھەمدە ھەر يىلى پىرسىيىگە 11 مىڭ قاداق ئالتۇن خىراج تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. يۇسىتىنان غەزەپتىن ئۆرتەندى، ئەمما مال قىلالمىدى. دەل مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە، توساتتىن ئىككى راھىپ يۇسىتىنان بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى.
- كۆرۈشمەيمەن! - دېدى يۇسىتىنان تەقەتسىزلىك بىلەن ياساۋۇلغا.
- ئۇلار يىپەك ئىشلەشنى بىلىدىغان ئادەملەر ئىكەن! - دېدى ياساۋۇل.
- ھە! نېمىشكە بۇرۇنراق شۇنداق دېمەيسەن؟ تېز چاقىرىپ كىر!
ئىككى راھىپ كىرىپ سالام بەردى. سالامدىن كېيىن:
- پېقىرلەر ھىندىستاندىن كەلدۇق.
- قانداق قىلىپ يىپەك ئىشلەشنى بىلىۋالىدىڭلار؟
- جۇڭگوغا بارغان ئىدۇق.
- قانداق بولۇپ جۇڭگوغا بېرىپ قالدىڭلار؟
- جۇڭگو لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاسى، بۇددا دىنىنىڭ تەقۋادار مۇرىدى ئىكەن. بۇددا دىنى ئۇ يەرگە ھىندىستاندىن تارقالغاچقا، جۇڭگوغا بېرىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدۇق.
- يىپەك، دەرەختە ئۆسەمدىكەن؟
- يوقسۇ پادىشاھى ئالەم، پىلە قۇرتى قۇسىدىكەن.
- نېمە، پىلە؟
- شۇنداق، پىلە بىر خىلو كىچىك قۇرت ئىكەن، ئۇ ئۈجمە غازىڭىنىلا يەيدىكەن.
- ھە، يۇرتىمىزدا ئۈجمە دەرىخى دېگەن تولا گەپ، بىرلىكتە بېرىپ كۆپرەك پىلە تېپىپ كەلسەڭلار، سىلەرگە جەزمەن ئىنئام بېرىمەن.
- پىلىنىڭ ئۆمرى بەكمۇ قىسقا بولۇپلا قالماي، بېقىشمۇ ناھايىتى قىيىن بولغاچقا، ئېلىپ كەلگىلى بولمايدۇ.
- ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟
- جانابلىرى كاتتا ئىنئام بېرىشكە ماقۇل بولسىلا بىر ئامال قىلىمىز.
- سىلەرگە جەزمەن كاتتا ئىنئام بېرىمەن!
كۆرۈشۈش ئاياقلاشتى. ئىككى راھىپ پىرسىيە ئارقىلىق جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭەولۇقلاردىن پىلە بېقىش ۋە يىپك چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان پىلە قۇرۇتلىرىنى قومۇش نەيچىگە سېلىپ، يەنە بىر قېتىم مۈشكۈل سەپەرلەرنى بېسىش ئارقىلىق كونسىتانتىنپولغا قايتىپ كەلدى.
پىلەر قۇرتى كونىستانتىنپولغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋاقىت، مىلادى 552 - يىلى ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ رىملىقلار پىلە بېقىپ يىپەك چىقىرىشنى ئۆگىنىۋالدى - دە، پىرسىيىلىكلەرنڭ سودا مونوپولىيىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
مىلادى 12 - ئەسىردە >ئەھلى سەلىپ< 2 ـ قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلغان دەۋرگە كەلگەندە، ئىتالىيىنىڭ پادىشاسى روچار Ⅱ كونىستانتىنپولدا 2000 دىن ئارتۇق يىپەكچىلىك ئىشچىلىرىنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى ۋە ئۇلارنڭ ھەممىسىنى ئىتالىيىگە ئېلىپ بېرىپ، پىلە بېقىپ يىپەك چىقىرىشقا سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە، ياۋروپا بويچە يىپەكچىلىك سانائىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.