UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«دانىشمەن باتۇر » گەندى

«دانىشمەن باتۇر » گەندى

بەش مىڭ يىل 1930 - يىلى مارت كۈنلىرىنىڭ بىرى ئەتىگەندە، بېشىنى پاكىز قىردۇرغان، كۆزەينەكلىك، بېلىنىڭ يۇقىرىسى ئۇچۇق، قارا تەنلىك 60 ياشلاردىن ئاشقان بىر مويسىپىت ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئەخمەتئابات شەھىرىدىكى دەۋرىشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ 78 مۇرتنى ئەگەشتۈرۈپ، غەربىي جەنۇبتىكى دېڭىز تەرەپكە قاراپ قولىدىكى بامبۇك ھاسىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: _ قەسەم بېرىمىزكى، - دېدى ئۈنلۈك توۋلاپ. _ قەسەم بېرىمىزكى، - دەپ توۋلىدى بىر توپ ئادەم تەڭلا. _ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنى تۇزنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھىندىستان ئەركىن بولمىغۇچە ، بۇ يەرگە ھەرگىزقايتىپ كەلمەيمىز . . . . مويسىپىت بۇ بىر توپ كىشىلەرنى يېتەكلەپ قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ، «تۇزغا يۈرۈش قىلىش» نى باشلىۋەتتى. بۇ مويسىپىت كىشى كىم؟ ئۇ پۈتۈن ھىندىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، ھىندىستانلىق ئالىي مىللىي پارتىينىڭ داھىيىسى گەندى ئىدى . «تۇزغا يۈرۈش قىلىش» دېگەن قانداق ئىش؟ ئەسلىدە 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھىندىستان بۇرۇنقىدەكلا ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەھكەملىكىسى بولۇپ قېلىۋەردى. مۇستەملىكىچى ھىندىستانغا ئاپتۇنومىيە بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكىسچە تېخىمۇ قاتتىق قانۇنلارنى، ئالايلى ، مۇستەملىكىچى دائىرىلەردە تۇتقۇن قىلىش ۋە ھەرقانداق كىشىنى سوت قىلمايلا قاماش ئىمتىيازى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھال پۈتۈن ھىندىستان خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. گەندى ئەنگىلىيىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان، جەنۇبىي ئامېرىكا ئافرىقىدا ئادۋوكات بولغان ھەمدە چەتئەللەردە ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ مىللىي ئېرقىي كەمسىتىشىگە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ داڭ چىقارغانىدى. ئۇ ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەبئىي ھالدا مىللىي ھەركەتنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالدى. گەندى ھىندىستان مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى. ئەمما ئۇ ئەنگىلىيگە قارشى كۈرەشتە پەقەت تېنچ كۈرەش شەكلىنى قوللىنىشىنى، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن «ھەمكارلاشماسلىق» ۋە ئۇنىڭ « زوراۋانلىق كۈچ ئىشلەتمەي قارشلىق كۆرسىتىش» نى قۇۋۋەتلىدى. شۇڭا ئۇنى كۈرەش قىلىش ئۇسۇلى « زورلۇق كۈچتىن خالىي بولغان ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتى» دەپمۇ ئاتىلاتتى. «ھەمكارلاشماسلىق » ھىندىستانلىقلار ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى قويغان ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ۋە تىتۇللۇق ئۇرۇندىن ئىستىپا بېرىش، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق يىغىلىشلىرىغا قاتناشماسلىق، ئەنگىلىيە مائارىپىنى قوبۇل قىلماسلىق، بالىلارنى ھۆكۈمەت مەكتىپىدىن قايتۇرۇپ چىقىش، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇسۇسىيلار مەكتەپ ئېچىش، ئەنگىلىيە مېلىنى سېتىۋالماسلىق؛ ئۆزى ماتا توقۇپ، ماتا ئىشلىتىش، ھىندىستانلار ئەنگىلىيە بانكىلىرىدا پۇل ئامانەت قويماسلىق، ئەنگىلىيە زايومى سېتىۋالماسلىق ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇ يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستان خەلقى ئۈستىدىكى ئېكىسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن « تۇزنى مەخسۇس باشقۇرۇش قانۇنى » نى تۈزۈپ چىقىپ، تۇز ئىشلەپچىرىشنى قاتتىق تىزگىنلىدى. تۇزنىڭ باھاسى ۋە تۇز بېجىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن گەندى ئۆزىنىڭ «زوراۋانلىق كۈچتىن خالىي بولغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى» مۇرىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، دېڭىز بويىغا پىيادە بېرىپ دېڭىز سۈيىدىن تۇز ئايرىدى ۋە ئەنگىلىيە مۇستەملىكچى دائىرىلىرىنىڭ تۇزنى مەخسۇس باشقۇرۇش قانۇنىغا شۇ يول بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. «تۇزغا يۈرۈش قىلىش» دېگىنىمىز ئەنە شۇ. ئۇلار ئەخمەت ئابادتىن پىيادە يولغا چىقىپ، يول ئۈستىدە يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە ئاممىۋىي يىغىنلارنى ئېچىپ، يېزا خەلقنى زوراۋانلىقتىن خالى بولغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. يول بويىدىكى ئاممىنىڭ بەزىلىرى تەشۋىقات ئاڭلىسا بەزىلىرى تاماشا كۆرەتتى. يەنە بەزىلىرى گەندىنىڭ قوشۇنىغا قاتناشتى. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇخبىرلىرى توپ ئارىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، بەس - بەس سۈرەت تارتتى. خەۋەرلەرنى يازدى. گەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 24 كۈن يول يۈرۈپ، دېڭىز بويىدىكى دانتى يېزىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر 1000دىن ئېشىپ كەتتى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار تاماق يېمەي تىلاۋەت قىلدى. ئەتىسى چۈشتىن ئىلگىرى، گەندى نۇرغۇن مۇرتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ دېڭىز بويىدا غۇسلى قىلغاندىن كېيىن، دېڭىز سۈيىدىن تۇز چەككىلەشنى باشلىۋەتتى. گەندى ھەركۈنى ئەتىگەندە مۇرىتلىرىنى باشلاپ دېڭىز بويىغا بېرىپ، بوران - چاپقۇن ۋە ئىسسىققا پەرۋا قىلماي، بەل ئاغرىقىغا چىداپ، ئۈچ ھەپتە داۋاملىق ئىشلىدى. ھىندىستان گېزىتلىرى گەندىنىڭ «تۇزغا يۈرۈش قىلىش» ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلدى. پۈتۈن ھىندىستاننىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلارمۇ ئۆز ئالدىغا تۇز ئىشلەش ھەرىكىتنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستاننىڭ پۈتۈن - شەھەر يېزىلىرىدا نامايىش، ئىش تاشلاش، دەرس تاشلاش ئىشى ئېلىپ بېرىلىپ، ئەنگىلىيىگە قارشى ئەممىۋى كۈرەش پۈتۈن مەملىكەتتە جۇش ئۇرۇپ قانات يايدى. گەندى ئەسلىدە ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەشنى « تۇزغا يۈرۈش قىلىش» ئارقىلىق «زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك » دائىرىسىنى چەكلىمەكچى بولغانىدى. ئەمما ئەنگلىيە مۇستەھكەمچىلىرى «زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىك» دېگەن نېمە بىلەن ھېسابلاشمىدى. ئۇلار گەندى ۋە ئالىي مىللىي پارتىيىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى ھەمدە ئالىي مىللىي پارتىيىنى تەقىپ قىلدى. گەندىنىڭ نۇرغۇن مۇرتىلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ گەندىنى قولغا ئالماقچى بولغانلىقنى ئاڭلاپ، گەندىنىڭ «زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك » توغرىسىدىكى ئەقىدىسى بويىچە، تۈرمىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن كىردى. ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى. شۇنداقتىمۇ ئامما ھەرگىز تىز پۈكمىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، جايلاردا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىدى. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى چىقىرىپ باستۇردى. ئاممىغا ئوق چىقاردى، نامايىشچى ئامما ئەسكەر ۋە ساقچىلار بىلەن ئېلىشتى ھەمدە بۇ ئېلىشىش دەرھال قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتتى، بەزى جايلاردا خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى. ھىندىستان خەلقى قوزغىلاڭغا ئىنقىلاب بورىنى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنى قورقۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خەلقنىڭ كۈرەش يالقۇنىنى يەنىلا گەندىنىڭ «زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىك» دېگەن تەشەببۇسى ئارقىلىق ئۆچۈرمەكچى بولدى. 1931 - يىلى يانۋاردا، مۇستەملىكىچى دائىرىلەر گەندىنى قويۇپ بەردە ھەمدە ئالىي مىللىي پارتىيىنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. گەندى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىيىسى ئېلۋېن بىەلن يېڭى دېھلىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «گەندى - ئېلۋېن كېلىشمى » نى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە « ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى » نى پۈتۈنلەي توختىتىش، ئەنگىلىيە دائىلىرى «زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىك»نى قۇۋۋەتلىگەن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇز چەككىلىشىگە يول قويۇش بەلگىلەندى. ھىندىستان بۇرۇنقىدەكلا، ئاپتونومىيەگە ئىگە بولالمىغانلىقتىن، بۇ بەلگىلىمىلەر خەلقنىڭ تەلىپىنى قىلچە قاندۇرالمىدى. ئەمما، گەندى «ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش كېلىشىمى » ئىمزالاپ قويغانلىقتىن، ھىندىستان خەلقنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش دولقۇنى ئاخىر ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن گەندى گەرچە بىرنەچچە قېتىم شەخس «ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتى» نى قوزغىغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىرنەچچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالدى. مىللىي ھەرىكەتنىڭ يولباشچىسى بولغان گەندىنىڭ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىتقادى كۈچلۈك - تەۋرەنمەس ئىدى. «تۇزغا يۈرۈش قىلىش» ئۇ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان نۇرغۇن كۈرەشلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1919 - يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستان خەلقنى باستۇرىدىنغان «دۆلەت قانۇنى » نى ئېلان قىلغاندا، گەندى بىرىنچى قېتىملىق «زورلۇق كۈچتىن خالىي بولغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى» نى قوزغىغانىدى. 1921 - يىلى ئەنگىلىيە گەزلىمىلىرىنىڭ ھىندىستاندا سېتلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن « تاما توقۇش ۋە ماتا كىيىش» ھەرىكىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭدىن ئېتبارەن ، گەندى ياغاچتىن ياسالغان بىر چاقنى ئېلىپ يۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن يىپ ئىگىردى. پۈتۈن مەملىكەتنى ئارىلاپ يۈرگەن ھەتتا ئەنگىلىيىگە يىغىنغا بارغان چاغلاردىمۇ، بۇ چاقنى ئېلىپ بېرىپ، بىكار بولسىلا يىپ ئېگىرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ قەدىمقى جاھانكەشتى راھىبلىرىدەك چېچىنى چۈشۈرۈپ يېرىم يالىڭاچ يۈرەتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە مۇشۇنداق ياسىنىپ يۈردى. تارىخي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھىندىستاندا «يېقىن يولىغىلى بولمايدىغانلار» دەپ ئاتالغان نۇرغۇن «ھېقىرلار »بارئىدى. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە، دىنىي جەھەتتە خىلمۇ خىل كەمسىتىشلەرگە ئۇچرايتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گەندى نۇرغۇن يىللارغىچە پۈتۈن مەمىلىكەتنى كېزىپ يۈرۈپ، تەبىقىلەر باراۋەرلىكى تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە «ھېقىرلار » نىڭ سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھەتتا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىبادەتخانىلارنى باشقۇرغۇچىلار قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئىبادەتخانىلارنى ئارقا - ئارقىدىن «ھېقىرلار» غا ئېچىپ بەردى. ھىندى يېرىم ئارىلىدا نۇرغۇن مىللەتلەر ياشايتتى. مۇستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە تارىختا شەكىللەنگەن ئامىللار تۈپەيلىدىن، ھىندى دىنىي مۇرىتلىرى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە زىددىيەت تۇغۇلاتتى ھەتتا جېدەل - ماجرا بولۇپ تۇراتتى. گەندى ھىندى دىندىكىلەر بىلەن ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ ئىتىپاقلىشىپ، ھىندىستاندا مىللىي ئىناق ئائىلە قۇرۇشنى قايتا - قايتا مۇراجئەت قىلدى. گەندى مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن پىيادە يول يۈرۈپ، ئىككى دىنىي مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك - ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى جاپاغا چىداپ تەشۋىق قىلدى. 1947 - يىلى 6 - ئايدا ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىسى نېھرۇ، ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىيسى مونبارتون كەينى - كەينىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندى يېرىم ئارىلىدا ئىككى دۆلەت - ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان پاكىستان (ھازىرقى پاكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېنگال جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بىلەن ھىندى دىنىنى ئاساس قىلغان ھىندىستان (ھازىرقى ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى) قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى. گەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات چىقىرىپ، ھىندىستان ئالىي دۆلەت پارتىيىسى يىغىنىنىڭ بۇ لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپنى بەردى. شۇ يىلى 8 - ئايدا پاكىستان ۋە ھىندىستان فېدراتىپىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىنىپ، ھىندى يېرىم ئارىلىدىكى خەلقلەر ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ھىندىستان فېدراتىپىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن چىقىرىش يىغىدا، گەندىنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش روھىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «30 يىللىق يولباشچى ۋە پەيلاسوپ، ھىندىستان ئەركىنلىكنىڭ ماياكى » دېگەن ھۆرمەتلىك نام بېرىلدى. مونبارتون گەندىنى « ھىندىستان ئەركىنلىكىنىڭ ئارختىكتورى »دەپ ئاتىدى.گەندى شان - شەرەپ ئالدىدا، ئۆزىگە خاس ئېغىر - بېسىقلىق ۋە كەمتەر پوزىستىيىدە بولدى، ئۇ كالكوتتىدا بىر كۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئەتىدىن كەچكىچە يىپ ئېگىردى. 1947 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ھىندى دىنىي مۇرتلىرى بلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىپ كېتىپ، قانلىق ۋەقەلەر كەينى - كەينىدىن يۈز بەردى.گەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلىپ، توۋا - ئىستىغپار ئېيتىپ، تېنچ بولۇش، ئىتتىپاقلىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى. 1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ، گەندى ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقاندا، بىر ھىندى دىنىي مۇرىتى ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ 79 يېشىدا ۋاپات بولدى. ھىندىستان خەلقى مىللىي ھەركەتنىڭ بۇ ئاقكۆڭۈل داھىيىسىنى ئىنتايىن ياد ئېتىپ ۋە ھۆرمەتلەپ «دانىشمەن باتۇر » دېيىشىدۇ
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ